ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر جاۋابكارلىقى ۋە مەجبۇرىيىتى

ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر جاۋابكارلىقى ۋە مەجبۇرىيىتى

ۋاقتى: 2016-01-31 ئاۋاتلىقى: 644 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(4)» بۇ يەردە!

 


3§. ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر جاۋابكارلىقى ۋە مەجبۇرىيىتى


1. مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقى


مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ساتقۇچىلارنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ياكى ساتقان مەھسۇلاتلىرىدا كەمتۈكلۈك-نۇقسان بولۇپ، سېتىۋالغۇچىلار، خېرىدارلار، ئىستېمالچىلار ياكى باشقا كىشىلەرگە جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك جەھەتتىن زىيان يەتكۈزگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


مەھسۇلات جاۋابكارلىقى دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپ ⅨⅩ ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئامېرىكا قاتارلىق كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان. تاۋار ئىگىلىكىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەھسۇلاتتىكى كەمتۈكلۈك ۋە نۇقسان تۈپەيلىدىن زىيان كېلىپ چىقىش دېلولىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزدى. ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرتىپنى، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرى بىلەن ئىستېمالچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان قانۇن قائىدىلىرى، يەنى مەھسۇلات جاۋابكارلىقى قانۇنى تەدرىجى شەكىللەندى.


مەھسۇلات جاۋابكارلىقى تۈزۈمى ئىككى تەرەققىيات باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى. بىرىنچى باسقۇچ، توختامنىڭ ماددىلىرىغا ئاساسەن مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش باسقۇچىدۇر. بۇ باسقۇچنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئېستىمال قىلىش مۇناسىۋىتى نىسپىي ھالدا مۇقىم بولۇش، مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش-سېتىش مۇناسىۋىتىدە كۆپ ھاللاردا توختامنى باغلىغۇچى ۋاستە قىلىش، توختامنىڭ ماددىلىرى مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۈنۈملۈك قانۇن ۋاسىتىسى بولۇشتىن ئىبارەت. بۇ مەزگىلىدىكى مەھسۇلات جاۋابكارلىقى تالاش-تارتىشلىرى توختام تالاش- تارتىشلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، توختامنىڭ ماددىلىرى مەھسۇلات جاۋابكارلىقى تالاش-تارتىشلىرىنى بىر ياقلىق قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىنغان. بۇ مەزگىلدە يولغا قويۇلغان پرىنسىپ «جاۋابكارلىقسىز پرىنسىپى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى توختام بولمىسا جاۋابكارلىقمۇ بولمايدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىدىن جاۋابكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئۆتۈش باسقۇچى. تاۋار ئىگىلىكىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشى ئارقىسىدا توختام مۇناسىۋىتى ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ئىستېمالچىلارنى باغلاپ تۇرىدىغان بىردىنبىر ۋاسىتە بولۇشتىن قالدى. زامانىۋى ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا، ھەربىر مەھسۇلات پارچە دېتاللارنى ئىشلەپچىقىرىش، قۇراشتۇرۇش، ئوراش-قاچىلاش، توشۇش، توپ تارقىتىش، سېتىشتىن تارتىپ ئىستېمال قىلىشقىچە بولغان جەرياندا بىر قاتار مۇرەككەپ ھالقىلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئەگەر جاۋابكارلىق ھادىسىسى يۈز بەرسە، زىيان تارتقۇچى بىلەن جاۋابكار كىشى ئارىسىدا توختام مۇناسىۋىتىنى تېپىش قىيىنغا چۈشىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 30-يىللىرىغىچە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكىدەك ھۆكۈم ئۈلگىسى قانۇنىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن توختام قانۇنىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ئىستېمالچىلار ئوتتۇرىسىدا كەمتۈك، نۇقسانلىق مەھسۇلاتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن تۆلەم تۆلەش مۇناسۋىتىگە قارىتا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقى پرىنسىپىنى قوللاندى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن بۇيان، جاۋابكارلىق پرىنسىپىنى چىڭىتىش، يەنى كەمتۈك-نۇقسانلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكۈچىلەر ياكى ئىستېمالچىلارنى زىيانغا ئۇچراتسا، مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ساتقۇچىلار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە  ئېلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى