ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بانكا جۇغلانما نومۇرىنىڭ قىممىتى قانچىلىك؟

بانكا جۇغلانما نومۇرىنىڭ قىممىتى قانچىلىك؟

ۋاقتى: 2015-11-23 ئاۋاتلىقى: 725 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تەتىل كېلىش بىلەنلا ئىستېمالچىلارنىڭ كارتا سۈركەپ ئىستېمال قىلىش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئىستېمالچى مەيلى دۇكانلاردىن مال سېتىۋالغاندا بولسۇن ياكى توردىن مال سېتىۋالغاندا بولسۇن، ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق پۇل تۆلەشكە ئادەتلىنىپ كەتتى. «يېنىمىزدىن نەق پۇل چىقارمايمىز، يەنە تېخى جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشەلەيدىغان تۇرساق، نېمە ئۈچۈن ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتمىگۈدەكمىز؟» دېيىشىدۇ بەزى ئىستېمالچىلار. ئەمما مۇخبىرنىڭ زىيارەت جەريانىدا بايقىشىچە، بەزى دۇكانلاردا ياكى تور بېكەتلىرىدە ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلغاندا جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى نۇرغۇن كىشى بىلمەيدىكەن. 

توردىن خەلق پۇلى ئارقىلىق مال سېتىۋالغاندا ياكى ئالاھىدە ئىستېمال تۈرلىرى ئۈچۈن چىقىم قىلغاندا نومۇر جۇغلانمايدۇ 
مۇخبىرنىڭ نۇرغۇن بانكىنىڭ نومۇر جۇغلاش بەلگىلىمىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىگىلىشىچە، ئادەتتىكى ئىناۋەت كارتىلىرى بىلەن توردا خەلق پۇلى ئارقىلىق سودىلاشقاندا جۇغلانما نومۇر ھېسابلانمايدىكەن. ئەمما دوللار بىلەن ئىستېمال قىلغاندا جۇغلانما نومۇر ھېسابلىنىدىكەن. «توردىن تەكشۈرۈپ باقتىم، ئامېرىكىنىڭ تور بېكەتلىرىدىن مال سېتىۋالغاندا ئاساسەن دېگۈدەك نومۇر جۇغلىنىدىكەن. بىر دوللارلىق ئىستېمال قىلىنسا، ئادەتتە ئالتىدىن يەتتىگىچە نومۇر جۇغلىنىدىكەن» دەيدۇ مۇخبىر. 
خەلق پۇلى ئارقىلىق ھېسابات قىلىنغان تور سودىسىدا جۇغلانما نومۇر بېرىلمىگەندىن تاشقىرى، يەنە ئالاھىدە ئىستېمال تۈرلىرىدە جۇغلانما نومۇر بېرىلمەيدىكەن، مەسىلەن: ئۆي سېتىۋېلىش، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، توپ تارقىتىش سودىسى، تېلېگراف، تېلېۋىزىيە ھەقلىرىنى تاپشۇرۇش، گۆرۈگە قويۇش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاممىۋى ئىشلار، دوختۇرخانا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ۋە ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەر، ساخاۋەت ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، پايدا ئالمايدىغان ئىشلار، جەرىمانە تۆلەش، كېپىللىك پۇلى تاپشۇرۇش ھەم زايوم، باج تاپشۇرۇش، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى، ئەلچىخانىلاردا ھەق تاپشۇرۇش، ھۆكۈمەت قەرزى قاتارلىق ئورۇن ۋە تۈرلەردە ئىستېمال قىلغاندا نومۇر جۇغلانمايدىكەن. نومۇر جۇغلانمايدىغان ئىستېمال تۈرلىرى جەھەتتە ھەر قايسى بانكىلارنىڭ بەلگىلىمىسى ئاساسەن بىردەك ئىكەن. 
400 يۈەندىن 600 يۈەنگىچە ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن جۇغلانما نومۇرنىڭ قىممىتى بىر يۈەن بولىدۇ 
بەزى سودا تۈرلىرىدە جۇغلانما نومۇر بېرىلمەيدۇ، جۇغلانما نومۇر بېرىلگەن تەقدىردىمۇ بۇ نومۇرلار نەچچە پۇلغا يارايدۇ؟ مۇخبىر بىر قانچە بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا جۇغلانما نومۇرىنى ھېسابلاپ باققان. 
سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنى مىسال قىلساق، 20 يۈەن خەلق پۇلى ئىستېمال قىلىنسا بىر نومۇر جۇغلىنىدۇ، مال سېتىۋالغان چاغدا بەزى سورۇنلاردا 20 نومۇرنىڭ قىممىتى بىر يۈەنگە، يەنە بەزى سورۇنلاردا 30 نومۇرنىڭ قىممىتى بىر يۈەنگە تەڭ بولىدۇ. يەنى كارتا ئىگىسى 400 يۈەن ياكى 600 يۈەن ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن جۇغلانما نومۇرنىڭ قىممىتى بىر يۈەنگە تەڭ دېگەنلىك بولىدۇ. 
مۇخبىر تەخمىنەن ھېسابلاش ئارقىلىق بانكىلارنىڭ پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەسلىكىنى، ئاساسەن 400 يۈەندىن 600 يۈەنگىچە ئىستېمال قىلسا ئېرىشكەن جۇغلانما نومۇرنىڭ بىر يۈەنگە يارايدىغانلىقىنى بايقىغان. 
ئەسكەرتىش: جۇغلانما نومۇرنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقىت چەكلىمىسى بار، ئەمەلىي بۇيۇمغا نەقلەشتۈرمەڭ گەرچە بەزى بانكىلارنىڭ جۇغلانما نومۇرى مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما بەزى بانكىلارنىڭ جۇغلانما نومۇرىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 24 ئاي قىلىپ بېكىتىلگەن، بەزى كارتىلارنىڭ جۇغلانما نومۇرىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ھەتتا 12 ئاي قىلىپ بېكىتىلگەن. كارتا ئىگىسى جۇغلانما نومۇرنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىغا دىققەت قىلىشى، ئىناۋەتلىك ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كېتىپ جۇغلانما نومۇرنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. 
جۇغلانما نومۇرنى نەقلەشتۈرۈش جەھەتتە كەسىپ ئەھلىلىرى مۇنداق دەيدۇ: ھەر قايسى بانكىلارنىڭ جۇغلانما نومۇرغا ئايرىۋاشلاپ بېرىدىغان بۇيۇمىنىڭ تۈرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما كارتا ئىگىسىنىڭ جۇغلانما نومۇرنى بۇ بۇيۇملارغا ئايرىۋاشلىمىغىنى ياخشى. كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى بانكىلار بازار باھاسى بويىچە سىزنىڭ جۇغلانما نومۇرىڭىزغا نەقلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، ئەمما بازار باھاسى ھەمىشە يۇقىرىراق بولىدۇ، مەسىلەن، بانكا سىزگە نەقلەشتۈرۈپ بەرگەن 100 نەچچە يۈەنلىك شامالدۇرغۇچنى داڭلىق مەھسۇلاتلارنىڭ توردىكى بايراقدار دۇكانلىرىدا نەچچە ئون يۈەنگىلا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. 
جۇغلانما نومۇرنى قانداق نەقلەشتۈرگەندە قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ؟ كەسىپ ئەھلىلىرى يەنە مۇنداق دەيدۇ: جۇغلانما نومۇرنى دۇكانلاردا مال سېتىۋالغاندا نەق پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا باھاسى مۇقىمراق بولغان تاۋارلارغا نەقلەشتۈرسە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى