ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

لاڭ شيەنپىڭ: ئامېرىكا مالىيە خەتىرى بىر سىياسىي نەيرەڭ

لاڭ شيەنپىڭ: ئامېرىكا مالىيە خەتىرى بىر سىياسىي نەيرەڭ

ۋاقتى: 2016-10-05 ئاۋاتلىقى: 809 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئامېرىكا مالىيە خەتىرى بىر سىياسىي نەيرەڭ

لاڭ شيەنپىڭ

ۋال سېرت كوچىسى خەۋىرىگە قارىغاندا، يەنە بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئامېرىكا بىر قېتىملىق مالىيە خەتىرىگە دۇچ كېلىدىكەن، بىراق ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى خۇپىيانە بولسۇن ئاق ساراي بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنتىنىڭ قىزىل رەقەمنى كېمەيتىش توغرىسىدىكى لايىھەسىدە بىرلىككە كەلگەنلىكى توغرىسىدا تېخىچىلا خەۋەر يوق . ئامېرىكا مالىيە خەتىرىنى كېڭىشىش قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، ئامېرىكا مالىيە خەتىرى بىلەن تەڭلا دۆلەت قەرز كرىزىسىمۇ ئەڭ يۇقىرى چەككە بېرىپ يەتتى.

مەن ئىلگىرى بۇ ئىشقا ئامېرىكىلىقلارغا قارىغاندىمۇ جۇڭگولۇقلار بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، بەكرەك ساراسىمىگە چۈشىدۇ، دېگەن ئىدىم. نېمە ئۈچۈن؟
چۈنكى بىزدە ئامېرىكىنىڭ قەرزى كۆپرەك، شۇڭا بەكرەك ساراسىمىگە چۈشىمىز، بىراق بۇنىڭ پۇقرالار بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق. مېنىڭچە كۆپچىلىكمۇ بۇنىڭ زادى قاندا ئىش ئىكەنلىكىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا قەرزىگە بوغۇلۇپ كەتسىمۇ خەتەر چىقمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ قەرزى دېگەن بىر پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى پۇل-مۇئامىلە مەھسۇلاتى، خەتەر چىقىشى مۇمكىن ئەمەس .
ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا قەرز كرىزىسى بىر سىياسىي نەيرەڭ، بۇ پەقەت ئوباما بىلەن پارلامېنت ئويناۋاتقان ئويۇن. ئامېرىكا پارلامېنتى ھازىر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كونتروللۇقىدا بولۇپ ئالىي پالاتاسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، شۇڭا ئوباما نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا يۈرۈشتۈرەلمەيدۇ، ئۇنداقتا بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ ھۆكۈمەتتە نۇرغۇن ئىختىلاپ پەيدا بولىدۇ، بۇ بىر سىياسىي مەسىلە، ئۇلار قەرز كرىزىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزئارا ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرماقچى، مانا بۇ ھەقىقى سەۋەب. 
ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئۇلارنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قاراپ كەلدۇق، بىراق شۇنى ھازىرغىچە كاللىمىزدا ئايدىڭلاشتۇرالمىدۇق، ئامېرىكا بىزدىن نېمىشقا شۇنچە كۆپ قەرز سورايدۇ؟ بۇنىڭغا شۇ چاغدىكى ئىقتىساد بوران سەۋەبكار، ئۇ چاغدا ئامېرىكا كەينى كەينىدىن 3.3 تىرىليون دوللار كىرىدېت قەرزى تارقاتتى، كەينىدىلا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 700 مىليارد دوللارلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كارخانىلارنى قۇتقۇزۇش پىلانىنى يولغا قويدى، ئۇلاپلا يەنە مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت زاپاس پۇل كومىتېتى 1 تىرىليون ئامېرىكا ئۆي-مۈلۈك زايومىنى سېتىۋالدى، ھەممىنى قوشقاندا  5 تىرىليوندىن ئاشىدۇ، يەنە تېخى بىر قىسىم ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، پۇقرالارنىڭ بېجىنى كېمەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەرمۇ بار، شۇڭا 2009-يىلىدىكى مالىيە قىزىل رەقىمى 1.41 تىرىليونغا يەتتى، 2010-يىلى  1.29 تىرىليون بولدى، مانا بۇلار قىزىل رەقەم كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر، بىراق شۇنى چۈشىنىۋېلىشىمىز كېرەك ئامېرىكا بۇ پۇللارنى قىيىنچىلىقتا قالغان بانكا، سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىقلارغا ياردەم قىلىشقا خەجلىدى، بىزدەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دېگەندەكلەرگە ئەمەس، بىز خەجلىگەن بۇ پۇللار نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن قايتىپ كېلىشى ياكى ئەسلا قايتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق ئامېرىكا ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار پۇلىنى شىركەتلەرگە مەبلەغ قىلىپ سالدى ، مەسىلەن ئامېرىكا سىتى بانكىسىنى مىسالغا ئالايلى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى سىتى بانكىسىغا سالغان مەبلەغنى ئومۇمى پاينىڭ %34 ئەتراپىدا كونترول قىلدى ، ئاندىن ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتى ئۇلارغا يەنە 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۇۋەيت مەبلەغ سېلىش شىركىتىمۇ مەبلەغ سالدى، شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، بۇقىتىمقى مەبلەغ سېلىشتا ئامېرىكا %37 پايدىنى قولغا كەلتۈردى ، بۇ قەرزدىن پايدىلىنىپ تېخى ئوبدانلا پۇل تاپتى .


ئەمەلىيەتتە بىز ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى تېخى تونۇپ يەتمىدۇق ، ئامېرىكىنىڭ قەرزدىن تىنىۋېلىشىدىن، دوللارنى بېسىۋېرىپ قەرزنى يوققا چىقىرىۋېتىشىدىن تەشۋىشلىنىمىز، دوللاردىن باشقا ياۋرۇ ۋە باشقىلارنى سېتىۋالساقمۇ بۇلىدىغۇ؟ بىز ئامېرىكىنى دوللارنى كۆپلەپ بېسىپ، كېڭەيتمە سىياسەتلەرنى يولغا قۇيۇۋەتتى دەپ ئاغرىنىپ يۈرىمىز، بۇ دېگەن جەڭ! ئىقتىسادى جەڭ! بىز جۇڭگولۇقلار بۇلۇپمۇ مۇشۇ كەسىپنىڭ  ئەھلىلىرىمۇ زادى قەيەردىن چاتاق چىققانلىقىنى بىلمەي يۈرۈپتىمىز ، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ . 

ئۇندىن باشقا ئامېرىكىدا بار خامچوت تۈزۈمى جۇڭگو ھۆكۈمىتىدە يوق، ئۇلارنىڭ خامچوت تۈزۈمىنى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ ،ئۇ قانداق تۈزۈم ؟زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ قالايمىقان پۇل خەجلەش ھوقۇقى بولمايدۇ، خەجلەش توغرا كەلسە پارلامېنت تەستىقىدىن ئۆتىشى، ئاۋازغا قۇيۇپ ماقۇللىشى لازىم، بىراق سايلامغا ئاز قالدى، شۇڭا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قېرىشقىنى قېرىشقان، ئوباما ئۆزىنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشىگە پايدىلىق ھەرقانداق ئىشنى قىلماقچى بولىدىكەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى چوقۇم قوشۇلماي تۇرۇۋالىدۇ، مەسىلەن ئوباما ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولۇپ بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللانماقچى بولسا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى چوقۇم قوشۇلمايدۇ. 

خامچوت تۈزۈمى بەكمۇ مۇھىم. قانداق قىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنسىز پۇل خەجلىشىنى ئازايتىش مانا بۇ پارلامېنتنىڭ مەسئۇلىيىتى، پارلامېنت پۇقرالارغا مەسئۇل بولىدۇ چۈنكى ئۇنى پۇقرالار سايلاپ چىققان، بىراق بۇ خىل چىقىشالماسلىق ئاز بولمىغان باش قېتقچىلىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىراق بىزدە بۇنداق باش قېتىقچىلىقى يوق بولغىنى بىلەن كەم بولۇۋاتقىنى يەنىلا خامچوت تۈزۈمىنىڭ بولماسلىقى . 

ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىدىن ئۇيغۇرئاي تەرجىمىسى
مەزكۇر  ماقالە لاڭشەنپىڭنىڭ 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ماقالىسىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى