ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

جۇڭگودىكى دەسلەپ قۇرۇلغان 17 شىركەتنىڭ مەغلۇپ بولۇش تارىخى (3)

جۇڭگودىكى دەسلەپ قۇرۇلغان 17 شىركەتنىڭ مەغلۇپ بولۇش تارىخى (3)

ۋاقتى: 2016-04-04 ئاۋاتلىقى: 503 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى بۇ يەردە!

15. تەۋسىيە رەسىم (推图)
تەۋسىيە رەسىمگە ئاساس سالغۇچى گۇرۇپپىسى لەن گاڭنىڭ توردىكى CEO ۋاڭ فېڭ مەبلەغ سالغاندىن كېيىن، گۇرۇپپا 2011-يىلى يېڭى يىلدىن باشلاپ ئېچىشنى باشلاپ، بىر ئايدىن كېيىن ئىشلىتىلىشچان ماگېزىنغا تىزىمغا ئالدۇردى.
مەغلۇبىيەتنىڭ ساۋىقى: رىقابەت جەھەتتىدىن ئېشىپ كېتىش ۋە ماتزوۋ ئېفىكىت (Matthew Effect) تەسىرى
سۈرەتكە تارتىپ ھۇزۇرلىنىش تۈرىنىڭ ئىشلىتىلىشى قورال تۈرىدىكىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ ۋەكىلى. Instagram ۋە Color ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو بازىرى 2011-يىلىدا تەۋسىيە رەسىم (推图)، رەسىم مىخى (图钉)، رەسىم تارتىش (拍拍)، ھەر زامان رەسىمگە تارتىش (随手拍)، ھەر ۋاقىت رەسىمگە تارتىش (随拍)، مىكرو رەسىم (微图)، دوستلۇق ئالبۇمى (友图)، لېمى لېمى (乐么乐么) دېگەنگە ئوخشاش 10 نەچچە خىلدىكى رەسىمدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش تۈرىدىكى ھەپلەر بارلىققا كەلدى. بىر يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن كۆزەتكەندە، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.
تەۋسىيە رەسىم ئەترىتى بۇ سۈرەتلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش تۈرىدىكى ئەپنى ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلتۈرگەن، بىراق تەۋسىيە رەسىمنىڭ قۇرغۇچىسى چېن جوڭجۈن خېرىدارلار ئېشىشىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسەتتى، رەسىملەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش تۈرىدىكى ئەپنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى ئىككى تەرەپتىن كەلگەن. بىرىنچىسى سىنا ۋە مىكرو ئۇچۇر (ئۈندىدار)دا ھازىر سۈرەتلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئىقتىدارى سەپلىنىلدى، تەۋسىيە رەسىمنىڭ خېرىدارلىرى بۇ ئىككىسى تەرەپتىن خېلى كۆپ قىسىم ئېقىمى بۆلىنىۋېتىلدى؛ ئىككىنچىسى بولسا جۇڭگونىڭ WiFi قىزىق نۇقتىسى ھەمدە چىقىمى بەك يۇقىرى، بۇ رەسىملەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش تۈرىدىكى ئەپتە ئىنتايىن چوڭ بوغما ھالەتنى شەكىللەندۈردى.
بۇنىڭدىن سىرت، كۆچمە تېلېگرافنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ كېڭىيىشىدىكى دەسمايىمۇ كۈنسېرى يۇقىرىلىماقتا. بۇ خېرىدارلارنىڭ ئېرىشىشىدىكى قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، سودا شەكلىدىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن بولماي قالدى.
كېيىنكى تەرەققىياتى: تەۋسىيە رەسىم ئەترىتىنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى، ھازىر ئېچىۋاتقان يېڭى مەھسۇلاتلار ئۆزگىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
#p#
16. جېباڭ (街旁)
تەسىرى يۇقىرى بولىۋاتقان Foursquare لىيۇۋ داۋېي ۋە ئۇنىڭ دوستى ياڭ يۈەنپىننى قوزغاتتى. ئەينى ۋاقىتتا لىيۇۋ داۋېينىڭ تەيۋەندىكى دەسلەپكى قۇرۇلغان شىركىتى مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى، بېيجىڭغا كېلىپ ياڭ يۈەنپىن بىلەن جۇڭگودا Foursquare نى كۆپەيتىشتەك يېڭى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى باشلىۋەتتى، يەنى جېباڭ تورىدۇر. جېباڭنىڭ مەبلىغى HTC نىڭ ئاساس سالغۇچىسى ۋاڭ شۆخوڭدىن كېلىدۇ، ئارقا كۆرۈنۈشى تولۇق.
بەغلۇبىيەتنىڭ ساۋىقى: خېرىدارلار ۋە سودىگەرلەرنى ئۆزگىچە باھا بىلەن تەمىنلىيەلمىدى.
بۇرۇنقى مۇستەقىل بلوگ تور بېكىتى مۇھىم كىرىش ئېغىزىغا ئايلانغاندىن كېيىن، شى ۋېي، جېباڭنى ۋەكىل قىلغان تېزلىكتە مۇستەقىل بولغان LBS تور بېكىتىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ئوخشاش بولامدۇ-يوق؟ ھازىر بۇنىڭغا ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىلمايدۇ، بىراق ئوخشاش خىلدىكى تور بېكىتىنىڭ تېزدىن ئۆزگىرىشى، مەسىلەن دىگۇ تورى خادىملارنى قىسقارتىپ قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىن، ئۈزۈل-كېسىل تەقلىدىي رەسىملەر ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى Pinterest گە ئۆزگەردى، شېڭدانىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى چېكى تورى 2011-يىلنىڭ ئاخىرى LBS+ ئېلېكتىرون سودا شەكلىگە ئۆزگەردى، بۇ، ئاددىي نۇسخىلانغان  Foursquare نىڭ جۇڭگودىكى ئىستىقبالىنىڭ ئۇنچە پارلاق ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرگەندەك قىلىدۇ.
لىيۇۋ داۋېي بۇرۇن جېباڭنىڭ ئاساسلىق سودا كىرىمى ماركا ھەمكارلىقىدىن كېلىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. دەسلەپكى تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا، جېباڭ ھەقىقەتەن Starbucks، Starwood، Nike قاتارلىق شىرىكلەرگە ئىگە بولغان. بىراق ئەھۋالنى بىلگۈچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، گۈللەنگەن باسقۇچ بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ شىرىكلەرنىڭ ھەمكارلىقى كۆپىنچە ھەقسىز بولغان، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ پەقەت 50 مىڭدىن 100 مىڭغىچە بولغان. ھەمدە، گەرچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېڭىلىقنى بىلىشكە ئىنتىلگۈچى بولغان تەقدىردىمۇ، كۆپ قىسىم شىركەتلەرنىڭ مۇستەقىل LBS تور بېكىتىگە بولغان پوزىتسىيەسى ئىنتايىن قىزغىن ۋە مۇتەئەسسىپ، ئادەتتە ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا كۆپ تور بېكەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ بولغان خېرىدارلارنى تۇتۇپ تۇرۇشنى بەكرەك خالايدۇ، بۇ يەنە جېباڭدەك ئۇلارنى چەتكە قېقىپ خېرىدارلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئارزۇسىنى يوققا چىقىرىدۇ.
مەۋھۇم ئىمزالىغان باھامۇ بارغانسېرى گۇمانلىنىشقا ئۇچرىماقتا. يالغۇز ئىزناك شەكلىنىڭ خېرىدارلارنىڭ يېپىشقاقلىقىنى ساقلاپ تۇرۇشى تەسكە توختايدۇ، ئاز بولمىغان خېرىدارلارنىڭ توردا ئىمزالانغان ئۇچۇرى ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىپلا قالسا، ناھايىتى ئاسانلا «ئەخلەت ئۇچۇر»غا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھەقىقىي ئەسكى تامنى ئۆرۈشكە كەتكەندەك كۈچ سىنا، QQ قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىدا تۇرماقتا، مىكرو ئۇچۇر (ئۈندىدار) LBS نى ئەركىن مەھسۇلاتنىڭ «نامايەندىسى» قىلىدۇ، بۇ جېباڭنى ۋەكىل قىلغان نوقۇل ئىمزالىنىپ بولغان LBS گە ئوخشاش شىركەتلەرنى تېخىمۇ قىممىتى يوق قىلىۋېتىدۇ.
كېيىنكى تەرەققىياتى: ھەرخىل رىئاللىقلار جېباڭنى قايتىدىن ئويلىنىپ ئورۇن بېكىتىشكە قىستىدى. جېباڭ قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار يەنە بىر كۆچمە ئالاقە تور شىركىتى—گوخېنى قۇردى. گەرچە جېباڭ يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن خېرىدارلار ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدۇ.
#p#
17. دوستۇم تورى
دوستۇم تورى 2010-يىلى 12-ئايدا ئىشقا كىرىشىپ، نەچچە يۈز سەنئەتكار ۋە داڭلىق كىشىلەرنىڭ مۇبارەكلىشىگە ئېرىشكەن، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە نۇقسانسىز شىركەت قىلىپ چىقىمىز، جۇڭگو ئىنتېرنېت تورىدىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق يارىتىشتىمىز دەپ شۇئار توۋلىغان.
مەغلۇبىيەتنىڭ ساۋىقى: جۇڭگوچە ئاجايىپلىق
بۇ بىر شاڭخەي سانائىتىدىكى تولىمۇ ئاجايىپ بولغان شىركەت. پەقەت جۇڭگودىلا مۇشۇنداق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كارخانا چىقىشى مۇمكىن.
ئاساس سالغۇچىسى ئىككىنچى ئەۋلاد باي بولۇپ، جەمەتى ئېيتىشلارغا قارىغاندا شىئەننىڭ دەسلەپكى پۇلدىرى ئىكەن. بۇ جەمەتنىڭ بايرىقى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان پېيىنى بازارغا سالغان شىركەتلىرى بار، ھەمدە جۇڭگودىكى مەلۇم داڭلىق پېيىنى بازارغا سالغان خەلق ئىگىلىكىدىكى بانكىنىڭ %5 پېيى بار. گۇرۇھنىڭ بايلىقى 1200 مىلياردتىن ئاشىدۇ. 
ئاساس سالغۇچىسى چەتئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنتېرنېت قۇرۇشنى ئويلىغان. دادىسى گەرچە بالىسىنى قالايمىقان ئويلاردا بولدى دەپ قارىسىمۇ، لېكىن بالىسىغا كۆپ مىقداردا پۇل بېرىپ، ئۇنى شاڭخەيدە ئىگىلىك تىكلەشكە بۇيرۇغان. دەسلىپىدە ۋىدىيو تور بېكىتى قۇرۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دادىسى بالىسىنى رايىدىن يانىدۇ دەپ ئويلىغان. لېكىن بالىسى بۇنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن دادىسى ئۆزىنىڭ قابىلىيەتلىك مۇئاۋىن باشقۇرغۇچىسىنى شاڭخەيگە ئەۋەتىپ بالىسىغا نەسىھەت قىلىش ۋە ئۇنى شىركەتنىڭ ئىشىنى ئۆتكۈزىۋېلىشنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان. ئويلىمىغان يەردىن، ياردەمچى شاڭخەيگە كېلىپ، بالا تەرىپىدىن قايىل قىلىنىپ، شاڭخەيدە قېلىپ، ئۇلۇغ ئىنتېرنېت ئىنقىلابى ئىشلىرى ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىشنى قارار قىلغان. بۇ مۇئاۋىن باشقۇرغۇچى گۇرۇھنىڭ باشلىقىنى داۋاملىق مەبلەغ سېلىشقا قايىل قىلغان، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن گۇرۇھنىڭ پۈتكۈل مەملىكەتتىكى بارلىق بايلىق ۋە مۇناسىۋەتنى قايتىدىن تەڭشەشكە توغرا كەلگەن. 
مەسىلەن ئىنتېرنېت تورى شىركىتىنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك بارلىق رەسمىيەتلىرى، ۋىدىيو، كىرىم-چىقىمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرىدىن ئالاھىدە تەستىقلىغان. شاڭخەيدىكى ھەر قايسى ئىجرائىيە بۆلۈملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن. مەسىلەن خېدىڭ ھۆكۈمىتى دەرھال بىر پارچە يەرنى تەستىقلىغان. 
دوستۇم تېزدىن پۈتۈن مەملىكەتتىن كەسپىي خادىملارنى قازغان. شېڭدا، ئالى بابانىڭ ھەممىسىدىن ئىككى، ئۈچ ھەسسە خىزمەت ھەققى بىلەن مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قېزىپ چىققان، ھەمدە نىشانى ئەڭ چوڭ بولغان ئاھالە ئېلېكتىرونلۇق سودىسى شۇنداقلا ئاھالە ئويۇن شىركىتىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش قىلىپ بېكىتكەن. ئومۇمەن بارلىق ئىنتېرنېتتا پۇل تاپقىلى بولىدىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلغان. 
نەتىجىنى دېمىسەكمۇ ئايدىڭدۇر؛ نەچچە مىلياردنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاخىرىدا خادىم قىسقارتىشقا ئۆزگەرگەن. 
كېيىنكى تەرەققىياتى: ئاڭلاشلارغا قارىغاندا كەسىپ ئۆزگەرتىپ پۇل تۆلەش كەسپىنى ئىشقا سالغان.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى