ئىدارە ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلسا قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
ئىدارە ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلسا قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟
جاۋاب: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرەرسى بولسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ؛ ئەمگەكچىگە زىيان ئېلىپ كەلگەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك:
1.زورلۇق، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاسىتىسى بىلەن ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولسا؛
2.قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇپ ياكى قاراملىق قىلىپ مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا؛
3.ئەمگەكچىنى ھاقارەتلىگەن، تەن جازاسى بەرگەن، ئۇرغان، قانۇنسىز ئاختۇرغان ياكى سولاپ قويغان بولسا؛
4.ئەمگەك شارائىتى ناچار، مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىر بولۇپ، ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن بولسا.