ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

HR چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك قوراللار قامۇسى (2)

HR چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك قوراللار قامۇسى (2)

ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 548 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئىككىنچى، تەشكىل باشقۇرۇش قورالى
تەكشىلەشتۈرۈلگەن تەشكىل 
تەكشىلەشتۈرۈلگەن تەشكىل دېگىنىمىز، شىركەتتىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تىك قەد كۆتۈرگەن قۇرۇلمىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، باشقۇرۇش قاتلىمىنى ئازايتىپ، باشقۇرۇش كۆلىمىنى ئاشۇرۇپ، ئارتۇق خادىملارنى قىسقارتىش ئارقىلىق، ئخچام ۋە توغرا لىنىيەدىكى بىر تەشكىلنى قۇرۇپ چىقىش ۋە  تەشكىلنى تېخىمۇ چاققان ، سەزگۈر، ئېلاستىكىلىققا ۋە ئىجادچانلىققا  ئىگە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىگە يېتىش دېگەنلىكتۇر. ئۇ سىستېما ۋە باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ ئاددىيلىشىشىنى، باشقۇرۇش كۆلىمىنىڭ ئېشىشى ۋە تەھلىل قىلىنىشىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۆگىنىش تىپىدىكى تەشكىل
ئۆگىنىش تىپىدىكى تەشكىل (Learning Organization) نى ئامېرىكا ئالىمى  Peter M. Senge  "بەشىنچى مەشق" (The Fifth Discipline)  دېگەن كىتابىدا بۇ ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان  بولۇپ، كارخانىدا ئۆگىنىش تىپىدىكى تەشكىل قۇرۇش كېرەك دەپ قارىغان. بۇنىڭ مەزمۇنى شىددەتلىك ئۆزگىرىۋاتقان تاشقى مۇھىتقا يۈزلەنگەندە  تەشكىل پىششىق بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، تەكشىلەشكەن بولۇش، داۋاملىق ئۆگىنىش، ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى تەشكىللەش ۋە قايتا قۇرۇش ئارقىلىق رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. بىلىمنى باشقۇرۇش بولسا ئۆگىنىش تىپىدىكى تەشكىل قۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاستىلىرىنىڭ بىرى.


بىلىم تىپىدىكى تەشكىل
"بىلىم تىپىدىكى تەشكىل" ( knowledge based organization )  دېگەن بۇ سۆز ئەڭ بۇرۇن  1986-يىلى  شىۋېتسىيە كارخانىچىسى ۋە  مالىيە ۋە ئىقتىساد تەھلىلچىسى  دوكتور Karl- Eril Sveiby تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  بىلىم تىپىدىكى بازارغا سېلىنغان كارخانىلارغا نىسبەتەن ئانالىز يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، دوكتور  Sveiby  "بىلىم تىپىدىكى تەشكىل"نىڭ مۇنداق بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى، يەنى  ئىستراتېگىيە جەھەتتە ھەممىسىنىڭ  قانداق قىلىپ ئىنسانلاردا  بار بولغان بىلىم ۋە   ئۇسۇللار ئاساسىدا ئۇزۇن مەزگىللىك بىر تەشكىل قۇرۇپ چىقىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.  بۇ ئاساستا، ئۇ  بىلىم تىپىدىكى تەشكىلنىڭ ئالاھىدىلىكى، ھاياتلىق دەۋرى ، باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە ئۇتۇق قازىنىش ئامىللىرى قاتارلىقلارغا قارىتا باشلامچىلىق بىلەن تەتقىقات ئېلىپ باردى. 

Dension   تەشكىلى مەدەنىيەت مودېلى
تەشكىل مەدەنىيىتىنى ئۆلچەشتە ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ قوللىنىشچان بولغان مودېللارنىڭ بىرى بولسا شىۋېتسارىيە لوسا خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى (IMD) نىڭ داڭلىق پىروفېسسورى Daniel Dension  قۇرۇپ چىققان "Dension   تەشكىلى مەدەنىيەت مودېلى" دۇر.  Dension نىڭ قارىشىچە كۆڭۈلدىكىدەك:
 كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنداق تۆت خىل ئالاھىدىلىكى بولىدىكەن:  سىرتقى ماسلىشىشچانلىقى، ئىچكى ماسلىشىچانلىقى، جانلىقلىقى، تۇراقلىقى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى