ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ماركىنىڭ قىممىتى زادى قانچىلىك؟

ماركىنىڭ قىممىتى زادى قانچىلىك؟

ۋاقتى: 2016-10-23 ئاۋاتلىقى: 860 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يېقىندا، «فوربېس» ژۇرنىلى «2010-يىللىق يەر شارى ئەڭ قىممەتكە ئىگە ماركا ئىسىملىكى» ئېلان قىلىندى، كوكا كولا 500 مىليون 540 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق قىممەت بىلەن  ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى. ئامېرىكىدا باش كۆتۈرگەن بىر قۇتىلىق سوغۇق ئىچىملىك، شۇنچىۋالا قىممەتكە ئىگە بولغان. بۇ يەنە كوكا كولا باش دىرېكتورى دېلونىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنىڭ قىلىشنىڭ سەۋەبى: «بىر كېچىدىلا كوكا كولانىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى زاۋۇتى ۋەيران بولۇپ كەتسىمۇ، مەن يەنىلا "كوكا كولا" دېگەن بۇ ماركىغا تايىنىپ بانكىدىن قەرز ئېلىپ يەنە باش كۆتۈرۈپ چىقالايمەن!»
ماركىنىڭ قىممىتى شۇنچىلىك زور بولغانلىقتىن، كارخانىشۇناسلار بەس بەستە ماركىغا بولغان مەبلەغنى كۈچەيتمەكتە.
ماركا كارخانىغا پايدا ئېلىپ كېلىپ قالماستىن يەنە ئىستېمالچىلارغا قىممەت ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى ماركىنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسى بەك كۆپ. كۆپچىلىكنىڭ ماركىنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، تۆۋەندە 15 ماددىغا يىغىنچاقلاندى، بۇ كارخانا ۋە ئىستېمال ئىككى چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كارخانىغا بولغان قىممىتى
1. ماركا---رىقابەتچىسىدىن پەرقلەندۈرىدۇ
ماركا ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلات كېلىش مەنبەسىنى بىلىشىگە پايدىلىق، شۇ ئارقىلىق ئۆزى بىلەن رىقابەتچىسدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
ماركىنىڭ ئېنگلىز تىلىدىكى ئەسلى مەنىسى «تامغا، مۆھۈر» بولۇپ، كىشىلەر ئۆيىدىكى چارۋىلارغا تامغا بېسىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مۈلكىدىن پەرقلەندۈرگەن. مانا بۇ ئەڭ دەسلەپكى پەرق ئەھمىيىتى.
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا، قول ھۈنەرۋەنلىرى مۇشۇ خىل تامغا بېسىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتنى ئايرىپ، خېرىدارنىڭ مەھسۇلاتنى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىنى ئايرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن. مانا بۇ ماركىنىڭ ئەھمىيىتى.
ھازىر كارخانا ماركىغا ئوخشىمىغان ئىسىم، بەلگە، ئۇسلۇبنى قوشۇپ ئۆزىنى باشقا ماركىدىن پەرقىلەندۈرمەكتە.
#p#
2. ماركا---تېخىمۇ كۆپ پايدا 
ماركا مەھسۇلاتقا تېخىمۇ يۇقىرى بولغان باھا قوشۇپ قالماي يەنە، يەككە بولغان باھا رىقابىتىدىن ساقلىنىدۇ، ھەمدە مەھسۇلات باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ قالىدۇ.
تۇرمۇشىمىزدا مۇنداق بىر ھادىسە بار: ئوخشاش ئاياغ، ئەگەر كوچىدىكى يايمىدىن سېتىۋالسىڭىز پەقەت نەچچە ئون يۈەن كېتىدۇ، سىز بۇنى تېخى قىممەت كۆرۈپ، باھا تالىشىسىز؛ بىراق لىنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا كىرگەندە بولسا باھاسى نەچچە يۈز يۈەن بولسىمۇ سىز بۇنى قىممەت ھېس قىلمايىسز ۋە باھا تالاشمايسىز. مانا بۇ ماركا ئىشلىتىشنىڭ رولى، ئۇ ئوخشاش مەھسۇلاتنىڭ باھاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ، چۈنكى ماركىنىڭ ئىستېمالچىلارغا ئېلىپ كەلگەن قوشۇمچە قىممىتىنى كوچىدىكى يايمىدىن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.
3. ماركا---رىقابەت ئەۋزەللىكى
ماركا ئارقىلىق مەھسۇلات ئورنىنى بېكىتىپ رىقابەت ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ، كارخانا ئۆزى ۋاز كەچمىگىچە، بۇنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
ماركا بىر تۈرلۈك ۋەكىلگە ئايلانغاندا،ئۇ ۋەكىللىك قىلغان رىقابەت ئەۋزەللىكىنى رىقابەتچى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ، بۇ خىل رىقابەت ئەۋزەللىكى ماركىنى ساھەدىكى باشلامچىغا ئايلاندۇرالايدۇ.
مەسىلەن: ۋاڭلاۋجى بولسا سوغۇق چاينىڭ ۋەكىلى، شىجىلاڭ بولسا مېۋە ئۇيۇتمىسنىڭ ۋەكىلى، جىيۇۋياڭ بولسا پۇرچاق قىيامى ماشىنىسىنىڭ ۋەكىلى، گېلەنسى بولسا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ ۋەكىلى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ساھەدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
4. ماركا---ئىخلاسمەنلىكىگە ئېرىشىدۇ
خېرىدار مەلۇم بىر ماركىغا ئامراق بولۇپ قېلىپ، تولۇق ئىشەنگەندىن كېيىن، ئۇ مۇشۇ خىل مەھسۇلات (مۇلازىمەت)نى سېتىۋېلىشنى ئادەت قىلىدۇ.
ئادەتنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور، يېڭى ئادەت يېتىلىشتىن ئاۋۋال، ئاللىبۇرۇن يېتىلىپ بولغان ئادەت قوماندانلىق رولىنى ئويناپ، زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىستېمالچىلار مەلۇم بىر ماركىغا ئادەتلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەت خاراكتېرى بىلەن مۇشۇ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى سېتىۋالىدۇ.
ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ خىل ئادىتىنى ماركا ئىخلاسمەنلىكى دەپ ئاتايمىز، بۇ دەل ماركا قىممىتىنىڭ نەچچە يۈز مىليون بولۇشىنىڭ سەۋەبى.
#p#
ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر بىر قېتىملىق سېتىۋېلىشنى تاللاشتا مەلۇم بىر خەتەر بار. ئىستېمالچىلار مەلۇم بىر ماركىغا ئىخلاسمەنلىك يېتىلدۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ ماركىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. چۈنكى ماركىنى ئالماشتۇرغاندا يەنىلا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان بولۇپ، ئادەتلىنىش ۋە ئىشلىتىش خەتىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىستېمالچىلار ئادەتتە ئاسانلىقچە ماركا ئالماشتۇرمايدۇ.
5. ماركا---يېڭى مەھسۇلاتقا پايدىلىق
ماركا ئۆزىنىڭ داڭقى ۋە ياخشى ئاتىقىدىن پايدىلىنىپ يېڭى مەھسۇلاتنى بازارغا سالغاندا خەتەر ۋە قىيىنچىلىقتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
چۈنكى يېڭى بىر مەھسۇلات بازارغا سېلىنغاندا، ئۇنىڭ خەتىرى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ (ئادەتتە %80 تىن يۇقىرى بولسا مەھسۇلات مەغلۇب بولىدۇ)، شۇنداقلا سالغان مەبلەغمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
بىراق ماركا يېڭى مەھسۇلاتنىڭ بازارغا سېلىنىش مەبلىغى ۋە خەتەر قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. كارخانا ئەسلىدىكى ماركا ئاساسىدا، يېڭى مەھسۇلاتنى بازارغا سالغاندا، پەقەت ئەسلىدىكى مەھسۇلات بىلەن باغلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ داڭقى ۋە ياخشى ئاتىقىدىن پايدىلانسا يېڭى مەھسۇلاتىنىڭ غەلىبە قىلىش پۇرسىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى ئىستېمالچىنىڭ مۇشۇ ماركىغا بولغان ھېس تۇيغۇسى ياخشى بولۇپ ئاشۇ تۇيغۇنى مۇشۇ مەھسۇلات ئۈستىگە قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىستېمالچى ئەنسىرەيدىغان خەتەرنى تۆۋەنلىتىپ، مەھسۇلات تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
خەيئىېر ھاۋا تەڭشىگۈچ، كىرئالغۇ قاتارلىق مەھسۇلات دەل كىشىلەرنىڭ خەيئېرگە بولغان ياخشى تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىپ، ناھايىتى تېزلا بازاردا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
6. ماركا---بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش
ماركا ئىلغار ئىختىساسلىقلار، تەمىنلىگۈچى، ھەمكارلاشقۇچى، جەمئىيەت پاراۋانلىق، ھۆكۈمەت  سىياسىتى قاتارلىقلارنى يىغىپ ماركىغا مۇلازىمەت قىلغۇزىدۇ.
بىر ئىختىساسلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن سىز خىزمەت قىلماقچى بولسىڭىز، لىيەنشىياڭغا بېرىپ خىزمەت قىلامسىز ياكى كوچا بويىدىكى كومپيۇتېر مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا بېرىپ خىزمەت قىلامسىز؟
سىز بىر سودىگەر بولسىڭىز، سىز خەيئىېر بىلەن ھەمكارلىشامسىز ياكى بىر كۆلىمى كىچىك بولغان توڭلاتقۇ زاۋۇتى بىلەن ھەمكارلىشامسىز؟
سىز بىر مەبلەغ سالغۇچى بولسىڭىز، سىز پۇلنى ۋۇلىياڭې ھاراق شىركىتىگە مەبلەغ سالامىسىز ياكى بىر كىچىك ئائىلىدە ھاراق چىقىرىدىغان زاۋۇتقا مەبلەغ سالامىسىز؟
ئەگەر سىز ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولسىڭىز، سىز سىياسەتنى مىليونلىغان ئائىلىگە سۈت يەتكۈزۈپ بەرگەن مېڭنىيۇغا قارىتامىسز ياكى بەش ئالتە ئادىمى بار بولغان بىر كىچىك كارخانىغا قارىتامىسىز؟
جاۋابى ناھايىتى ئېنىق، مەيلى سىز ياكى مەن، بىز شەرتسىز ئالدىنقىسىنى تاللايمىز، يەنى مۇشۇ داڭلىق ماركىنى تاللايمىز.
#p#
7. ماركا---مال كىرگۈزۈش يولىدىكى قوللاش
ماركا پارچە ساتقۇچى، توپ ساتقۇچى شۇنداقلا ئوتتۇرىدىكى سودىگەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قوللىشىغا مۇھتاج.
بۇ يولدىكى ئەزالارنىڭ ماركىغا بىۋاستە ياردىمى بار، شۇنداقلا ناھايىتى مۇھىم، بەزىدە يەنە ماركىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرىدۇ.
بۇ خىل يولدىكى ئەزالار ئىستېمالچىلارنى چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىن ئىشلەپچىقارغۇچىغا بازارشۇناسلىق جەھەتتە قوللاش ئېلىپ بارىدۇ، شۇنداقلا مال يەتكۈزۈش، مال زاكاز قىلىش، مال سېتىش قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ.
ئۇلار سودا تېزلىتىپ سېتىشنى تېخىمۇ خالايدۇ ۋە جازىغا چىقىش ھەققىنى تېخىمۇ ئازلىىتپ، مەھسۇلات تەمىنلىگۈچى ئۈچۈن بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىپ، مەھسۇلاتنى تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايغا تىزىپ قويىدۇ.
8. ماركا---مەھسۇلات ھاياتىنى ئۇزارتىش
ماركا مەھسۇلات دەۋرىيلىكنى ئۇزارتىپ، باشتىن ئاخىر بازاردىكى ئورنىنى ساقلايدۇ، يەنى مەھسۇلات تارىخىنى ياخشىلايدۇ ۋە ئورنىنى ئالماشتۇرىدۇ.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسىنىڭ ھايات دەۋرىيلىكى بولىدۇ، بازارغا مەبلەغ سېلىشتىن بازاردىن سىقىپ چىقىرىلىشىغىچە پۈتۈن جەريان، كىرگۈزۈش، ئۆسۈش، پىشىپ يېتىلىش ۋە چېكىنىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بىراق ماركا بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ مەھسۇلات ھايات دەۋرىدىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
بىر ماركا پەقەت ئۆزىنىڭ ئىخلاسمەن خېرىدارىغا ئىگە بولسىلا، ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئورنى ئۇزۇنغىچە ئۆزگەرمەيدۇ. ئامېرىكا بوستون مەسىلىھەت سوراش تەتقىق قىلىش گۇرۇھى 30 نەچچە چوڭ تۈردىكى ماركىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ھازىرغىچە قارىغاندا 1929-يىلدا 30 ماركىدا ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى 27 ماركا 1988-يىلىمۇ ئوخشاشلا بازاردا بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى، ماركا مەھسۇلات ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. ئۇ بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەڭشىلىدۇ، پەقەت بازارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىپ، مەھسۇلات بىردەكلىكىنى ساقلاپ قالالىغاندا، ئۇنداقتا مەھسۇلات ئۆمرى داۋاملىشىدۇ.
#p#
9. ماركا---چەكسىز مەبلەغ
ماركا مەۋھۇم مەبلەغ بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، باھاسى چۈشمەيدۇ ۋە زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، ئەكسىچە ئىستېمالچىلارنىڭ ھەر قېتىملىق سېتىۋېلىش بىلەن قىممىتى ئاشىدۇ.
مەۋھۇم مەبلەغ بولغان ماركا بىلەن ھەقىقىي مەبلەغنى سېلىشتۇرغاندا، مەسىلەن زاۋۇت، ماشىنا ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلار تەبئىي كونىرايدۇ، ئەگەر سىز ماي ئىسكىلاتىغا ئىگە بولسىڭىز، ماي كانى قاتارلىق بايلىق تۈگەپ كەتسە قايتا پەيدا بولمايدۇ. يەنە سىز ھەر قېتىملىق سودىدا تاپشۇرغان نەق پۇل بولسا سىزنىڭ مەبلىغىڭىز، بىراق ماركا مەبلىغىنى ئىستېمالچىلار يۆتكەپ كېتەلمەيدۇ.
 
ماركىنىڭ ئىستېمالچىلارغا بولغان قىممىتى
1. ماركا---مال سېتىۋېلىش ئاساسى 
ھەر خىل تۈرلۈك ماللارغا نىسبەتەن، ئىستېمالچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش بولسا ماركا قىممىتىنىڭ بىرى.
ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، بىز كۆرگەن مەھسۇلات ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆپ، مەھسۇلات كۆپ بولغانلىقتىن ئىستېمالچىلار گاڭگىراپ قالماقتا. چۈنكى تاللاش بەك كۆپ لېكىن تاللايدىغان ۋاقىت بەك ئاز.
خەلقئاراغا داڭلىق جۇاڭچېڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سەي خەنزېڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىزنىڭ قەلبىڭىزدە بىر ئىشەنچىلىك ماركا بولسا، ئۇنداقتا ئۇ سىزنىڭ ئەركىن ئازادە مال سېتىۋېلىشىڭىزغا قولايلىق يارىتىپ سىزگە تېزدىن تاللاپ بېرىدۇ.»
چۈنكى ماركا ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىدە بىر مەھسۇلات ياكى ئالاھىدىلىككە ۋەكىللىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تېزدىن قارار چىقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، بىراقلا تاللاپ سېتىۋالىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىستېمالچىلارنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىش ھەرىكىتى ئاددىيلىشىپ، زور دەرىجىدە ئىستېمال روھى بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ.
مەسىلەن، سىز كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا لىيەنشاڭنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز؛ توڭلاتقۇ سېتىۋالغاندا بولسا خەيئېرنىڭكىنى بىراقلا سېتىۋالىمىز.
#p#
2. ماركا---سۈپەت كاپالىتى
ماركا مەھسۇلات سۈپتى، ئىقتىدارى، مۇلازىمەت قاتارلىقلاردىن ئىشەنچىلىك كاپالەت بېرىپ، شۇ ئارقىلىق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
مەھسۇلاتنىڭ باھاسى قانچە يۇقىرى بولسا سېتىۋالغان ساقلانغان خەتەر شۇنچە چوڭ بولۇپ، ماركا تېخىمۇ مۇھىم كۆرۈنىدۇ. ئويلاپ باقساق، كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا، كىم بىزگە مۇشۇ سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي سۆزلەر بىلەن تولغان چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق ۋەرەقىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ، يەنە كىم مۇشۇ نەرسىلەردىن تەۋرىنىپ قالىدۇ؟ ھالبۇكى ئاددى بىر Lenovo بولسا كۆپلىگەن كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىدۇ.
3. ماركا---ھۇزۇرلىنىش
ماركا ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلات سېتىۋېلىش جەريانىدىكى پىسخىكا پىلانىنى قاندۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنى گۈزەل ھېس تۇيغۇدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
مەيلى مېڭنىيۇ بولسۇن ياكى يىلى بولسۇن، بىز ھەر قېتىملىق سۈتنىڭ ئېسىل تەمىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىرگە يەنە موڭغۇل يايلىقىنىڭ پايانسىز دالاسىدىن، كۆركەم يايلاقنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئازادىلىكىدىن بەھرىمەن بولىمىز.
4. ماركا---خاسلىق
ماركا بولسا ئىستېمالچىلارنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلىشى، ئۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى.
ماركا ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلغاچقا، ئىستېمالچىلار ئاندىن سېتىۋېلىشنى قارار قىلىدۇ، چۈنكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزنى سۆيىدۇ. ھالبۇكى مۇشۇ قىممەت بىلەن مەھسۇلات سېتىۋېلىشنىڭ ئىككى خىل مەقسىتى بولىدۇ: بىرسى ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق قىلىپ ئىپادىلەش، ئىككىنچىسى بولسا مەلۇم توپقا قوشۇلۇش.
تۇرمۇشتا، بىز دائىم ئىلچى (تەھرىر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلدى) كىيىملىرىنى كىيگەن ئادەمنى ئۇچرىتىمىز، شۇنداقلا ئۇلاردىكى خاسلىق ۋە ھاياتى كۈچنى ھېس قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىز ئىلچىنى خاسلىق ۋە ھاياتى كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارايمىز. شۇنداق قىلىپ بىز ئۆيىمىزدىكى خاسلىق ۋە ھاياتى كۈچنى ئىپادىلىمەكچى بولساق بىز چوقۇم ئىلچى كىيىملىرىنى كىيىمىز. شۇنداق قىلىپ بىزمۇ مۇشۇ قاتارغا قوشۇلىمىز.
#p#
5. ماركا---سالاھىيەت ۋەكىلى
ئىستېمالچىلار مەلۇم ماركا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ئىقتسادىي ئەھۋالى، تۇرمۇش قىزىقىشى ۋە شەخسىي قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ.
كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە، ماۋتەي ھارىقى ۋە خوڭشىڭ ئەرگوتو بولسا پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى جەمئىيەتكە تەۋە. روشەنكى، ماۋتەي بولسا يۇقىرى دەرىجىدىكى جەمئىيەتكە، ئەرگوتو بولسا ئادەتتىكى ئاھالىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ماۋتەي بولسا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بەلگىسى، يەنى ئورۇن دەرىجىنىڭ سىمۋولى.
يەنە، خۇاڭخې راۋىقى ۋە جۇڭخۇا ماركىلىق تاماكىنى چەككۈچىلەر بىلەن جىياڭجۈن ۋە خوڭداشەن ماركىلىق تاماكىنى چەككۈچىلەر بىر دەرىجىدىكى ئادەملەر ئەمەس. كۆپلىگەن ۋاقىتتا، كىشىلەر خۇاڭخې راۋىقى ماركىلىق تاماكىنى چېكىدۇ، ئەمما ئۇلار مۇشۇ ماركىلىق تاماكىنى چېكىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ئورۇن دەرىجىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چېكىدۇ.
6. ماركا---ئۆز ئارا ۋەدىلىشىش
ئەگەر ماركا ئىستېمالچىلارغا سەمىمىيلىك بىلەن قارىسا، شۇنداقلا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلسا، ئىستېمالچىلار باشتىن ئاخىر مۇشۇ ماركىنى قوغداپ شەرەپ نومۇستا بىرگە بولىدۇ.
بۇ خۇددى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ۋەدىلەشكەنگە ئوخشاش، ئىستېمالچى ۋە ماركا ۋەدىلەشكەندە، بىر ئۆمۈر بىرگە بولىدۇ. ماركا ئىستېمالچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلات بېرىدۇ، شۇنداقلا دائىم ئۇنىڭ ھېس تۇيغۇسىغا دىققەت قىلىپ، مەھسۇلاتنى ئەلالاشتۇرىدۇ؛ ئىستېمالچىلار بولسا باشتىن ئاخىر ماركا تەمىنلىگەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىپ، باشقا ماركا ئۈچۈن باھا چۈشۈرۈپ، تېزلىتىپ سېتىش قاتارلىقلارغا ئالدانمايدۇ. يەنە ماركىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە، ئىستېمالچىلار بۇنىڭدا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا، ماركا بىرىنچى ۋاقىت ئىچىدە ئىستېمالچىلارغا سەمىمىيلىك بىلەن ساقلانغان مەسىلىنى ئېيتىپ، ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىستېمالچىلار يەنە داۋاملىق مۇشۇ ماركىنى قوللايدۇ، ئەلۋەتتە ھەر قانداق نەرسە مۇكەممەل بولمايدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى