ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ ئەمگەكچىلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشتا ئوخشاش ھەق ئالامدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-16
ئاۋاتلىقى: 489 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ ئەمگەكچىلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشتا ئوخشاش ھەق ئالامدۇ؟
جاۋاب: ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئىدارىسى رايون ئاتلاپ ئەمگەكچىنى ئەۋەتكەن بولسا، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى بەھرىمەن بولىدىغان ئەمگەك ھەققى ۋە ئەمگەك شارائىتى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ ئەمگەكچىلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشتا ئوخشاش ھەق ئېلىش ھوقۇقى بار. ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇندا ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنىڭكىگە ئوخشايدىغان باشقا خىزمەت ئورنى بولمىسا، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ قالىدىغان ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ھەققىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.