ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تارىختىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى: تاش ئاخۇنۇم

تارىختىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى: تاش ئاخۇنۇم

ۋاقتى: 2016-10-14 ئاۋاتلىقى: 836 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تاش ئاخۇنۇم (ئەسلى ئىسمى ئابدۇرىشىت) ئەزىزى، ئاتۇش سۇنتاغ يېزا، ۋاق-ۋاق كەنتىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق دىنى زات ئەزىز ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە، 1855-يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئائىلە تەربىيەسىدىن كېيىن ئىپتىدائى بىلىمنى ئائىلىسىدىن ئالغان. كېيىن ئاتۇش مەشھەتتىكى كونا مەكتەپتە ئوقۇغان. 
تاش ئاخۇنۇم كىچىكىدىن زېرەك، كۆرگەنلا نەرسىگە قىزىقىپ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان، تەدبىرچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا ئۇيغۇر، ئەرەب، پارس تىلى يېزىقىنى پۇختا ئۆگەنگەندىن سىرت، ئەرەب تىلى-قۇرئان تەپسىرىنى پۇختا ئىگىلەيدۇ. 
تاش ئاخۇنۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ھەرقايسى سورۇنلاردا دىنى مۇئامىلە ۋە تەپسىر (قۇرئان تەپسىرى) دە بىلىمىنىڭ كۆپلۈكى، ناتىقلىقى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 
تەپسىر بىلەن شۆھرەت قازىنىپ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، جۈملىدىن تاش ئاخۇنۇمغا دىنى قائىدە بويىچە «ئاخۇنۇم» ئۇنۋانى بېرىلىپ، تاش ئاخۇن «تاش ئاخۇنۇم» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تاش ئاخۇنۇم بىر تەرەپتىن جامائەت سورۇنلىرىدا بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا سودىسى تەرەققىي قىلىپ، دەسلەپ شىمالى شىنجاڭ، ئىلى چۆچەككە، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىدۇ. 
تاش ئاخۇنۇم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە سودا بىلەن شۇغۇللانغاندا خەلقئارا بازار ئەھۋالى، ياۋروپا سانائەت كاپىتالىزمىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ. كېيىن ئۇ تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ شىنجاڭنى سانائەتلەشتۈرۈش شىنجاڭدا كارخانا قۇرۇشنى پىلانلاپ، 1894-يىلى، چاررۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا توقۇمچىلىق فابرىكىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ ئەمما چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئۇنىڭ فابرىكا قۇرۇشىغا يول قويماي «شەرت-شارائىت يېتىلمىدى. . . » دېگەننى باھانە قىلىپ ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇردى. 
بۇ يىللاردا تاش ئاخۇنۇم شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، ئەينى يىللاردا چوڭ دادىسى ئابدۇرىشىت (مىراب) ئاخۇنۇم قۇرغان ئاتۇش كىچىڭزى دېگەن يەردىكى سەگەر، چوتا، ھەمزەك، شاتىۋا قاتارلىق يەرلىك گۈللۈك رەخت ئىشلەش كارخانىسىنى كېڭەيتىپ قۇرىدۇ ۋە داۋاملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، تاش ئاخۇنۇم موسكۋادىن رىگا، لاتۋىيە، ئىتونىيە، خىلنىسكى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئۇ يەردىن فىنلاندىيەگە بېرىپ زاۋۇت فابرىكىلارنى زىيارەت قىلىدۇ. كېيىن بالتىق دېڭىزى ئارقىلىق ۋارشاۋاغا بېرىپ ۋارشاۋادىن بىلرۇسىيەگە كېلىپ، موسكۋا، پېتىربورگ ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىدۇ. 
تاش ئاخۇنۇم چەتئەلنىڭ قايسى بىر يېرىگە بارمىسۇن چەت ئەلنىڭ زامانىۋىلىشىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ تەجرىبە ئالىدۇ. ئۇ يەرلەردىن شىنجاڭدا فابرىكا قۇرۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىپ فابرىكا ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ سودا ۋە سانائەت مەنپەئەتىنى كۆزلەپ «قوشنا ئەللەرگە سانائەت ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ بەرمەسلىك نىزامى» بويىچە، ئۇنىڭ سەمىمىي تەلىپىنى رەت قىلىدۇ. 

بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، تاش ئاخۇنۇم قانداق قىلىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنغا قىزىقسىڭىز قېنى دىققىتىڭىز داۋاملىق يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
مۇشۇنداق تۇسالغۇلار بىلەن بارغانلا جايدىن تەجرىبە ئالىدۇ، لېكىن قۇرۇق قول قايتىپ كېلىدۇ. يەنە بىر مۇھىم ئىش تاش ئاخۇنۇم بارغانلا جايدا شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە باشقا جەھەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئاساسىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، قول-ھۈنەرۋەنچىلىكىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى ئالدىنقى ئەسىردە چەتكە تەشۋىق قىلغان ۋە تونۇتقان تۇنجى ئادەم تاش ئاخۇنۇم دېيىشكە بولىدۇ. 
تاش ئاخۇنۇم بۇقېتىم فىنلاندىيەگىچە بولغان سودا ۋە ساياھەتنى ۋە سانائەت قۇرۇش ئۈچۈن بولغان ئىزدىنىشنى تاماملاپ قايتقاندىن كېيىن، شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى توقۇمچىلىق، بوياقچىلىق، ئاق رەختكە گۈل بېسىش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە بۇ كەسىپلەرنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. 
1910-يىللار تاش ئاخۇنۇم ھەممە ئىشى گۈللەپ ياشنىغان، سودىدا روناق تېپىپ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا–ئاسىيادا نام شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ، ئاتاقلىقلار ئىچىدىكى ساناقلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاش ئاخۇنۇمنىڭ بالىلىرى يېتىلىپ ياراملىق بولۇپ تەربىيەلىنىدۇ. 
1910-يىلى ئۇ تەكلىپكە بىنائەن، رۇسىيەنىڭ نىژنى گورىت دېگەن يېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نىژنى خەلقئارا سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ. بىراق، ياۋروپالىق كاپىتالىستلار ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەنلىكتىن، يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ، قوشۇمچە تىجارەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىلىم-پەن ئۆگىنىدۇ. ئىلگىرى ئۆگەنگەن ئىلمى نۇجۇم(ئاسترونومىيە) نى زامانىۋى پەن ئىلمى ئارقىلىق تولۇقلايدۇ ۋە ئىلگىرى ئۆگەنگەن تاش ساناپ ھېسابلاش ئۇسۇلىنى چوت بىلەن ھېسابلاش، سودىدا مانافاكتورلۇق(ھازىرقى زامان ھېسابات قائىدىسىنى ئىشلىتىش)ھېسابات ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ئۆگىنىدۇ. 
بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنى رۇسىيەدە ئېقىپ يۈرگەن سەرەڭگە خوجايىنى ياكوۋ دېگەن بىر ئەرمەن بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن توختام تۈزۈپ سەرەڭگە زاۋۇتىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىپ، يەكەندە سەرەڭگە زاۋۇتى قۇرىدۇ. بۇ كۈنلەردە تاش ئاخۇنۇمغا ھەقىقەتەن ئامەت كەلگەن بولۇپ، «توپا ئالسا ئالتۇن كۈل ئالسا كۆمۈش بولىدۇ»، يەنى ھەممە ئىشىدا پايدا كۆرىلىدۇ. 
بۇ جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلۇپ ياڭ زېڭشىن تەختكە چىققان، يەنى مىنگونىڭ 3-يىلى ئىدى. بۇچاغدا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى قالايمىقان بولۇپ، ئىگىلىكى ۋەيران بولغان چاغ ئىدى. ياڭ زېڭشىن چىقارغان ئۈرۈمچى پۇلىنى پەقەت ئۈرۈمچىدىلا، قەشقەر پۇلىنى قەشقەردىلا خەجلەشكىلا بولاتتى. 
ئىگىلىك خارابلىشىپ، يۇرت خانۇ-ۋەيران بولغان مۇشۇنداق مۇھىتتا قەشقەرنىڭ دوتىيى جۇ (ئامبال) تاش ئاخۇنۇمنىڭ قەشقەر پۇل مۇئامىلىسىنى تەرتىپكە سېلىشقا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە تاش ئاخۇنۇم ئىقتىساد ئاجرىتىپ تەڭگە(كۆمۈش) پۇل قۇيۇش ئارقىلىق قەشقەردىكى پۇل پاخاللىقىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە، %20 ئامبال دەسمايىسى %80 تاش ئاخۇنۇم دەسمايىسى بىلەن تەڭگە زاۋۇتى قۇرۇپ پايدىنىڭ %25 ئامبالنىڭ، %75 تاش ئاخۇنۇمنىڭ قىلىپ ئالىدىغان بولىدۇ ۋە ھۆكۈمەت نازارىتى ئۈچۈن تەڭگە دوتەي يامۇلىدا قۇيۇلىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت تاش ئاخۇنۇم تەڭگە زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاتۇش دىيارىغا بىر زامانىۋى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك مەيدانى قۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە قەشقەر دوتىيىنىڭ رۇخسىتى بىلەن كاتايلاق دېگەن يەرنى دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك مەيدانى قۇرۇپ چىقماقچى بولىدۇ. 
كېيىن تاش ئاخۇنۇم سەرەڭگە، تەڭگە زاۋۇتلىرىدا زىيان تارتىپ ۋەيران بولىدۇ. بۇ يىللاردا تاشئاخۇنۇمنىڭ نەجمىدىن، ھىلالىدىن دېگەن ئوغۇللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ يەردە پىلە بېقىپ، مەشۇت چىقىرىدۇ ۋە باغ بىنا قىلىدۇ. تاش ئاخۇنۇم ئەڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا ئوغۇللىرىنىڭ يېنىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ 1928-يىلى 73 يېشىدا غۇلجىدا ۋاپات بولىدۇ. 
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى