ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

«ماياك» غا باغلانغان ئۈمىد

«ماياك» غا باغلانغان ئۈمىد

ۋاقتى: 2016-08-01 ئاۋاتلىقى: 515 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جەمئىيىتمىزدە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇمىغان بولسىمۇ، جەمئىيەتتىن ئۆزىگە يارىشا ئورۇن ئىزدەپ، كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز خىرىسلارغا بوي بەرمەي دەم يېقىلىپ، دەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ھايات قولۋىقىنى رەھىمسىز دېڭىزدا چۆكتۈرۈۋەتمەي، دىلىغا پۈككەن نىشانىنى بويلاپ تىنىمسىز ئىلگىرىلەۋاتقان ياشلىرىمىز خېلىلا كۆپ.
مەن ئۈرۈمچى«ماياك «مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەن تاجىنى بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرىلا بىلەتتىم. ئۇ چاغدا بۇ يىگىت تويدا ھازىرلانغان بىر قېتىملىق ساخاۋەت سورۇنىدا ئاددىي ساخاۋەتچى سۈپتىدە مۇخبىرلارغا تونۇشتۇرۇلغانىدى. يېقىندا ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ سۈيۈندۈم. مەن ئۇنى ئىزدەپ ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ ئىتتىپاق يولىغا جايلاشقان خانساراي كىنو-تىياتىرخانىسىنىڭ 4-قەۋىتىدىكى ئىشخانىسىغا بارغىنىمدا، ئۇ تېلېۋىزوردىن خەنزۇ تىلىدا سۆزلەنگەن لېكسىيە ئاڭلاۋاتقان ئىكەن. ئېگىز بويلۇق، ئۇرۇققىنە كەلگەن كەمتەر يىگىت مېنى كۆرۈپ، سەل ھودۇققان بولسىمۇ، ئىلگىرى يۈز كۆرۈشكەنلىكىمىز ئۈچۈنمىكىن سۆھبىتىمىز تەبىئىيلا باشلاندى.

ـــ سىز قانداق بولۇپ ئۈرۈمچى «ماياك» مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنى قۇرۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟ ئىلگىرىكى كەچۈرمىشىڭىزگە باغلاپ، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىڭىزنى تەپسىلىيرەك سۆزلەپ باقسىڭىز؟
ـــ مەن ئۈرۈمچىدە بىر ئاددىي تىجارەتچى ئائىلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم. 1987-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ، جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى ھاياتىمنى «باققاللىقتىن رېژىسسورلۇققىچە» دەپ خۇلاسىلىسەممۇ بولىدۇ. 
كىچىك باققال، كىچىك سودىگەر، ئىچكىرىدە ئارتىس، رېژىسسور بولۇش جەريانىدا تالاي ئىشلارنى، نۇرغۇن ئىسسىق ـ سوغۇقنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇم، بەزىدە ئىشلىرىم يۈرۈشۈپ ئەجرىمگە يارىشا نەتىجە قازانغان بولسام، بەزىدە مىخقا ئۈسۈۋالغان چاغلىرىممۇ بولدى. قىسقىسى، بۇ جەرياندا «يېقىلغان چېلىشقا تويماس» دېگەندەك 12 قېتىم يېقىلىپ، يەنە ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم، ھەر قېتىم ئورنۇمدىن تۇرغاندا ئالدىنقى قېتىمقىدىن ساۋاق ئالغان ئاساستا يېڭى ئىدىيە بىلەن بەرجەس ھالدا تۇرۇۋاتىمەن. بۇ قېتىم شىركەت قۇرۇش ئىشىمغا كەلسەك، ئۇزاق يىللىق كۆزىتىش، ئىزدىنىش ۋە دادىل سىناق ئېلىپ بېرىش داۋامىدىكى ھېس قىلغانلىرىم ۋە توپلىغان تەجرىبەم بىلىملىرىمگە ئاساسەن، ئۇيغۇرلاردا يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان كارخانا قىزغىنلىقىنىڭ بىر مۇكەممەل قۇرۇلمىغا موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ، بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن ئىختىساسلىقلار بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق كارخانىچىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەرەپنى تېپىپ چىقتىم ھەم نۆۋەتتە تەخىرسىز ھالەتكە ئۆتكەن «مەدەنىيەت تارقىتىش» قا يېتەكلەش تۈرىنى ئاساس قىلغان بىر شىركەت قۇرۇش ئارزۇسى بىلەن «ماياك»نى ماركا قىلغان ھالدا، 2013-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدە بۇ شىركەتنى قۇرۇپ چىقتىم. شىركىتىمىزنىڭ ئەزالىرى ھەرقايسى ساھەلەردە مۇستەقىل ئاڭ، ئۆزگىچە خاراكتېر ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان بىر تۈركۈم ئىختىساس ئىگىلىرىدىن تەشكىل تاپقان. بىز باراۋەر مەنپەئەت ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۆزىمىزنىڭ تىجارەت پىرىنسىپى قىلدۇق، بۇنداق بولغاندا تەرەققىيات مۇساپىمىزدە ھەمكارلىق، ئويۇشۇش، باراۋەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەنىيەت زەنجىرىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرالايمىز.
ـــ بۇ شىركەتنىڭ باشقا مەدەنىيەت تارقىتىش شىركەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا قانداق پەرقى بار؟
ــ مەدەنىيەت تارقىتىش شىركەتلىرى ئادەتتە مۇلازىمەت تىپىدىكى ۋە سودا تىپىدىكى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. شىركىتىمىز مۇلازىمەت تۈرىنى ئاساس قىلغاچقا، مۇلازىمەت تىپىدىكى شىركەتكە كىرىدۇ. شۇڭا، بىز مۇلازىمەت تۈرلىرى جەھەتتە، كومپىيوتېرىدا سۈرەت لايىھەلەش، شىركەت ئوبرازى لايىھەلەش، كۆرگەزمە مۇلازىمىتى، بازار تەكشۈرۈش، فىلىم مۇلازىمەتچىلىكى، ماتېرىيال تەرجىمە مۇلازىمىتى، تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى، ئائىلە تازىلىق مۇلازىمىتى، توي مۇراسىم مۇلازىمىتى، تۈرلۈك مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى، يېمەك-ئىچمەك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، قۇرۇلۇش لايىھەلەش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆپ خىللاشقان مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۆز تىجارەت دائىرىمىزدە مۇلازىمەتنى گەۋدىلەندۈردۇق.
ـــ شىركىتىمىز مەدەنىيەت بازىرى بىلەن شىركەت، كارخانىلارنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان،ــ دەپ سۆزىنى داۋام قىلدى ھەسەن تاجى،ــ چوڭقۇر بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن، ـ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بۇ مەسىلە ئاللىقاچان ئومۇملىشىشقا قاراپ ماڭدى، بىزدە كارخانا، شىركەت قۇرۇش قىزغىنلىقى ئەمدى كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ، ئەگەر مەدەنىيەت بازىرى بىلەن شىركەت، كارخانىلارنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىساق، تەرەققىيات بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزدىكى پەرق بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. 
ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، كىنوچىلىق مەركىزى ۋە مەدەنىيەت بازىرىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان ھوللىۋود ئامېرىكىنىڭ %70 تىن كۆپرەك ئىقتىسادىنى يېتەكلەپ ماڭىدىكەن. بىر فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش قارارى 13 خىل بازارنى تەڭلا قوزغىتىدىكەن، بىر فىلىمنىڭ بازارغا سېلىنىشى بىر تۈرلۈك مودىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن پۇل تېپىش، مەدەنىيەت تارقىتىش، بازار قوزغىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئېلان-تەشۋىقات ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئۈنۈملەر تەڭلا قولغا كېلىدىكەن. شۇڭا، بىز بۇ جەھەتتە ئۆزىمىزگە يارىشا خاسلىق، ئۆزلۈك شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئالاھىدە ئىزدەندۇق. 
بىرىنچىدىن، ھەرخىل چوڭ تىپتىكى لېكسىيە، تەربىيەلەش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كارخانىلارنى مەدەنىيەت تارقىتىشقا يېتەكلەش؛
ئىككىنچىدىن، ئىلىم ـ پەن، ئىجادىيەت، مەدەنىيەت، پىسخىكىغا دائىر نۇتۇق، لېكسىيە، دەرسلىك ۋە ھۆججەتلىك فلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىش ئارقىلىق ئىقتىدارلىق لېدىرلار ۋە ساپالىق ئىستېمالچىلار قوشۇنى تەربىيەلەش؛
ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتى ئىچىدىكى تۈرلۈك تېمىلاردا ئىجادىي فىلىملەرنى ئىشلەش ۋە تارقىتىش ئارقىلىق مەدەنىيەت تارقىتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش؛
تۆتىنچىدىن، خاس سېتىش مۇلازىمەتلىرى ئارقىلىق مەدەنىيەت بازىرىدا توغرا ۋە ساغلام ئىستېمال مۇھىتى شەكىللەندۈرۈش؛
بەشىنچىدىن، يۇقىرىقى تۆت تۈرلۈك خىزمەت داۋامىدا ئىلمىي، مۇۋاپىق ھەم بىۋاسىتە بولغان ئېلان ـ تەشۋىقات سۇپىسى ھازىرلاشتىن ئىبارەت يېڭى يوللارنى تېپىىپ چىقتۇق.
ـــ شىركەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى نېمە؟
شىركىتىمىز كارخانا مەدەنىيىتى، مىدىيا-تاراتقۇ مەدەنىيىتى ۋە مۇلازىمەت مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش ھەم بۇ خىل مەدەنىيەتلەرنى تارقىتىش بىلەن بىللە، ئۇنى ئىجتىمائىيلىققا ئىگە قىلىش، كۆلەملەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز دەسلەپكى قەدەمدە شىركەت نىشانىغا ماس ھالدا كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشتەك مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئالدىن يولغا قويدۇق. بۇنىڭدا، شىركىتىمىز بۇ نىشاننى بويلاپ، كارخانا ئوبرازىنى لايىھەلەش، كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى، كاپىتال باشقۇرۇش، مالىيە مەسلىھەتچىلىكى، ئادەم كۈچى بايلىقى مەسلىھەتچىلىكى قاتارلىق تۈرلەردە مەخسۇس خادىم، مەخسۇس لېكسىيە ھەم مەخسۇس كۇرسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىركەت، كارخانىلارنىڭ ئالىي باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنى تەربىيەلەيدۇ. شىركەت، كارخانىلارنى توختام شەكلى ئارقىلىق بازار تەكشۈرۈش، بازارلىما پىلانى تۈزۈش، ھەرخىل پائالىيەت ۋە تەشۋىقات لاھىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا ئىستېمالچىلارنى تەربىيەلەشكە دائىر نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۈرلۈك مەزمۇندىكى لېكسىيە دەرسلىكلىرىنى نەشىر قىلىپ تارقىتىدۇ. شۇنداقلا يۇقىرىقى جەريانلاردا تەبئىي شەكىللىنىدىغان ھەرخىل شەكىلدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلان ـ تەشۋىقات سۇپىلىرىدا كارخانا، شىركەتلەرنىڭ ماركا ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بىز يۇقىرىقى تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە ئۈنۈملۈك ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، خانساراي كىنو ـ تىياتىرخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئازادە، ھەم مۇنتىزىم مۇھىتقا ئىگە لېكسىيە ۋە پائالىيەت سورىنى ھازىرلىدۇق. نىشانىمىز بويىچە ئەڭ دەسلىپىدە بۇ ئىشنى ئوڭۇشلۇق باشلىۋالدۇق، بۇنىڭ بىلەن كېيىنكى يەنى مىدىيا-تاراتقۇ مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش نىشانىمىز ئۈچۈن ئاساس بولۇپ قالىدى.
ئۇ پاراڭ ئارلىقىدا ئۆتمۈشنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:
ـــ مەن مەيلى تىجارەت قىلاي ۋە ياكى باشقا ئىش قىلاي مېنىڭ نىشانىم مەدەنىيەت تارقىتىش بىلەن ئىزچىل تۈردە باغلىنىپ كەلدى. 1999-يىللىرى كونا دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدا سودا قىلغان چاغلىرىمدا ئىچكىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر بىزدىن مال ئالغاندەك قىلغان بىلەن ئۇزاققىچە ئولتۇرۇپ بىز بىلەن پاراڭلىشاتتى، بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزنى چۈشىنىشكە تىرىشاتتى، دېمەك ئەينى چاغدا ئۇلار بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزغا ئەمەس، بەلكى، مەدەنىيىتىمىزگە بەكرەك قىزىقىدىكەنتۇق. مەن ئون نەچچە يىللىق سودا بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىمدا كارخانا بىلەن مەدەنىيەتنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بولۇپمۇ بىر قانچە يىل ئىلگىرى «پۇسات»، «سپارتاك»، «ئاچچىق ھايات» قاتارلىق فىلىملەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ بازارغا سېلىش داۋامىدا بۇ فىلىملەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي تەسىرى ماڭا خېلى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى، مەن بۇنىڭدىن كارخانا بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم. شۇڭلاشقا كېيىنكى نىشانىمنى فىلىم مۇلازىمىتى، ماتېرىيال تەرجىمە مۇلازىمىتى، مۇراسىم مۇلازىمىتى، مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى پىلانلاش، ئىجتىمائىي پائالىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىقلارغا قاراتتىم. چۈنكى، بۇ نىشان شىركەت ۋە كارخانىلارنى مەدەنىيەت بازىرىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق يەنە شىركەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى ۋە كۆلەملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، مەدەنىيەت بازىرىنىمۇ ساغلام تەرەققىياتىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
ــ يېقىندا بىزنىڭ شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەزمۇنى ساغلام، سۈپەتلىك ئىلىمىي يېتەكلەش رولىغا ئىگە بىر تۈركۈم نادىر فىلىملەرنى قانۇنلۇق يوسۇندا بازارغا سېلىشىمىز نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت بازىرى ۋە ئىستېمالغا ماس يېڭى سودا ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ سودا ئەندىزىسى شىركەت، كارخانىلار ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مەدەنىي كارخانا بەرپا قىلىش، بازار ئېچىش، ئىستېمالچى تەربىيەلەش ۋە ئىلمىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش مەقسىتىگە بىراقلا يەتكىلى بولىدۇ. بۇنى كونكرېتراق ئېيتقاندا، شىركىتىمىز سودا پىسخىكىسىغا دائىر بىر فىلىم تەييارلايدۇ. بۇ فىلىمدە سېتىش ۋە سېتىۋېلىشقا ئائىت بىلىملەر سۆزلىنىدۇ. كارخانىچىلار بۇ فىلىمىدىن سودا قىلىش تاكتىكىلىرىنى ئۆگەنسە، ئىستېمالچىلار مال سېتىۋېلىش يوللىرىنى ئۆگىنىدۇ. فىلىمگە قىستۇرۇلغان ئېلان-تەشۋىقات ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ماركا ياكى مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشسا، فىلىمنىڭ مەزمۇنى بىلەن كارخانىچىلار ئىستېمالچىغا، ئىستېمالچىلار كارخانىچىغا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. دېمەك، بۇ جەريان ھەرقايسى تەرەپلەر ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ خىل ھەمكارلىق ئارقىلىق قانۇنسىز نەشىر ئوغرىلىرى سەۋەبلىك نورمال تەرەققىي قىلالمايۋاتقان مەدەنىيەت بازىرى يېڭى قانغا ئىگە بولىدۇ.
ئۈچ سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان سۆھبەت ئارقىلىق مەن جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ غايەت زور «ئۇنىۋېرسىتېت» قوينىدا چوڭقۇر ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولغان، ئىلغار ئىدىيە، چوڭقۇر پىكىرلىك، ئىجاد قىلىش روھىغا باي 32 ياشلىق بۇ يىگىتكە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم ھەم ئۇنىڭ «ماياك»قا باغلانغان ئارزۇ، ئۈمىدلىرىنىڭ تېزرەك ئەمەلگە ئېشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردۈم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى