ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

توختام تۇزىقى دېگەن نېمە؟ توختام تۇزىقىنىڭ قانداق تۈرلىرى بار؟

توختام تۇزىقى دېگەن نېمە؟ توختام تۇزىقىنىڭ قانداق تۈرلىرى بار؟

ۋاقتى: 2013-02-21 ئاۋاتلىقى: 505 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

توختام تۇزىقى دېگىنىمىز، توختامنىڭ تۈزۈلۈشى، كۈچكە ئىگە بولۇشى، ئىجرا قىلىنىشى، ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىلىشى، توختىتىلىشى ۋە توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنىڭ بېكىتىلىشى جەرياندا ئالاقىدار بىر تەرەپ قەستەن يوچۇق ياكى كەمچىلىك قالدۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپنى ئۆزىنىڭ تۇزىقىغا چۈشۈرۈپ، توختامدىكى مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ياكى زىيان سېلىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ.
دائىم كۆرۈلىدىغان توختام تۇزىقى تۆۋەندىكى بەش تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ئاغزاكى توختام. بەزى توختام تۈزۈشكىچىلەر مەجبۇرىيەت، ھوقۇق ھەققىدە ئاغزاكى پۈتۈشۈپ رەسمىي توختامنامە تۈزۈشمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا توختامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى كۆرۈلۈپ، ئالاقىدارلار قانۇندىن ياردەم سورىغاندا، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللايدىغان دەلىل-ئىسپات تاپالمايدۇ.
 2. ئەندىزىلىك توختام. ھازىرقى جەمئىيەتتە ئەندىزىلىك توختامنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، كۆرۈنۈشتە بۇ خىل توختامدىن ھېچقانداق قۇسۇر تاپقىلى بولمايدۇ. لېكىن، كونكرېت ماددىلارنى ئىپادىلىشى قالايمىقان، ھەتتا كۆپ خىل ئىزاھات بېرىلگەن بولىدۇ. شۇڭا، ئەندىزىلىك توختام تۈزۈشكەندە ئالاقىدار ماددىلارنى ئېنىق كۆرۈپ، ئالدىنىپ قىلىشتىن ھوشيار بولۇش كېرەك.
3. تاق تەرەپلىك توختام. بۇ تۈردىكى توختامدا پەقەت توختامدا پەقەت توختام تۈزۈشكۈچى قارشى تەرەپنىڭ قانداق مەجبۇرىيىتى بولىدىغانلىقى، پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلسا قانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى، پۈتۈمنى بۇزسا توختمانغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەيدىغانلىقى قاتارلىقلار پۈتۈشۈلگەن بولىدۇ. لېكىن، توختامدا توختام تۈزۈشكۈچى قارشى تەرەپنىڭ ھوقۇقى تىلغا ئېلىنمايدۇ. بۇنداق توختامدا توختام تۈزۈشكۈچى ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدۇ.
4. «ئىككى پارچە» توختام. بەزى توختام تۈزۈشكىچىلەر ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆپىنچە توختام تۈزۈشكۈچى قارشى تەرەپ ئىككى پارچە توختام تۈزۈشىدۇ. بىر پارچە توختامنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، يەنە بىر پارچە توختام بولسا، ئىككى تەرەپ ھەققىي ئىجرا قىلىدىغان توختام بولۇپ، بۇ توختامنى سىرتقا ئاشكارىلىمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققاندا، توختام تۈزۈشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئېھتىيات قىلىش، ئىككى پارچە توختامنىڭ ئوخشىمايدىغان يەرلىرىنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، پەقەت قارشى تەرەپكىلا پايدىلىق بولغان، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان تەڭسىز توختام تۇزىقىغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقىلىنىش كېرەك.
5. مۈجمەل توختام. بەزى توختام ماددىلىرىنىڭ ئېنىق بولغان-بولمىغانلىقى، مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىنى ئەستايىدىل تەكشۈرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن توختام تۈزۈشكۈچىلەر توختام ماددىلىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرمىگەنلىكتىن، تېگىشلىك بولمىغان زىيانغا ئۇچرايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى