ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

توختام قانۇنى: ئومۇمىي بەلگىلىمە

توختام قانۇنى: ئومۇمىي بەلگىلىمە

ۋاقتى: 2015-10-07 ئاۋاتلىقى: 692 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى
 
(1999-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 1999-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى)
 
 ئومۇمىي پىرىنسىپ
1-باب ئومۇمىي بەلگىلىمە
1-ماددا بۇ قانۇن توختام تۈزگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرتىپىنى ساقلاش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
 2-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان توختام باراۋەر سۇبيېكتىپ بولغان تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر كېلىشىمنى كۆرسىتىدۇ. نىكاھ، بېقىۋېلىش، ۋەسىيلىك قاتارلىق سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە دائىر كېلىشىمگە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
 3-ماددا توختام تۈزگۈچىلەرنىڭ قانۇندىكى ئورنى باراۋەر بولىدۇ، بىر تەرەپنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى يەنە بىر تەرەپكە تېڭىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
 4-ماددا ئالاقىدارلار ئىختىيارلىق بىلەن توختام تۈزۈش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇنسىز ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
 5-ماددا ئالاقىدار ھەر تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادىللىق پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىشى كېرەك.
 6-ماددا ئالاقىدار ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
 7-ماددا ئالاقىدار توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
 8-ماددا قانۇن بويىچە پۈتكەن توختام ئالاقىدارلارنى قانۇن بويىچە چەكلەش كۈچىگە ئىگە. ئالاقىدارلار ئۆز مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، توختامنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىشكە ياكى بىكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. قانۇن بويىچە پۈتكەن توختام قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى