كارخانىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئارىلاشسا بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2014-07-10
ئاۋاتلىقى: 449 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كارخانىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئارىلاشسا بولامدۇ؟
جاۋاب: دۆلىتىمىزنىڭ «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنى»نىڭ 22-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئەمگەك قانۇن-نىزاملىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى پەيدا قىلسا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلەرگە ۋاكالەتەن كارخانا، كەسپىي ئورۇن بىلەن سۆزلىشىپ، تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك؛ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ كارخانا، كەسپىي ئورۇن رەت قىلىپ تۈزەتمىسە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شۇ يەردىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ:
1.خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تۇتسا؛ 2.بىخەتەر ئەمگەك شارائىتى بىلەن تەمىنلىمىسە؛ 3.خالىغانچە ئەمگەك ۋاقتىنى ئۇزارتسا؛ 4.ئايال خىزمەتچىلەر ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلسا؛ 5.خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان باشقا ئەھۋاللار.