ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارىنىڭ ئەمگەكچىلەرگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشىنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟

ئىدارىنىڭ ئەمگەكچىلەرگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشىنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟

ۋاقتى: 2016-05-24 ئاۋاتلىقى: 559 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئىدارىنىڭ ئەمگەكچىلەرگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشىنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟

 

جاۋاب: ئىدارە ئەمگەك توختامىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ياكى توختىتىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشكە تېگىشلىك بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ ئۆلچىمى: ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئىدارىدە ئىشلىگەن ۋاقتىغا ئاساسەن، ھەر بىر يىل توشقاندا بىر ئايلىق مائاشىنى بېرىدۇ. ئالتە ئايدىن يۇقىرى بىر يىلدىن تۆۋەن بولسا بىر يىل بويىچە ھېسابلايدۇ؛ ئالتە ئايغا توشمىسا، يېرىم ئايلىق مائاشىنى بېرىدۇ.

 

ئەگەر ئەمگەكچىنىڭ مائاشى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن تۇرۇشلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، رايونلۇق شەھەرنىڭ شەھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان شۇ رايوننىڭ شۇ يىلىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولسا، شۇ يەردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە تۆلەيدۇ. ئەمگەكچىلەرگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىدىغان يىل سانى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 12 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

 

«ئايلىق مائاش» ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنىشتىن ياكى توختىتىلىشتىن بۇرۇنقى 12 ئاينىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنى كۆرسىتىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى