ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

"مايمۇن"دىن قۇتۇلۇش

"مايمۇن"دىن قۇتۇلۇش

ۋاقتى: 2016-03-27 ئاۋاتلىقى: 507 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەزمۇز يازمىنىڭ بېشى بۇ يەردە!
دۈشەنبە كۈنى، دىرېكتور ئىشخانىغا ئىمكانقەدەر كېچىكىپ كەلگەندە، ھېلىقى 4 نەپەر خىزمەتچى ئىشخانا ئىشىكى ئالدىدا ئۇنىڭدىن "مايمۇن"نىڭ ئىشىنى سورىغاندا، ئۇ ئۇلارنى بىردىن بىردىن ئىشخانىغا چاقىرىدۇ. ھەر قېتىم سۆزلىشىشتىكى مەقسەت، بىر "مايمۇن"نى ئېلىپ ئۈستەلگە قويۇپ، خىزمەتچىسىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ھەرىكىتىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىدۇ. بەزى "مايمۇن"لار بەلكىم كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلىشى، قول ئاستىدىكى خىزمەتچىنىڭ كېيىنكى قەدەم ھەرىكىتىنى قارار قىلىش قىيىنغا توختىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا دىرېكتور ئاۋۋال "مايمۇن"نىڭ بۇ خىزمەتچىنىڭ زىممىسىدە بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈشىنى قارار قىلىپ، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ "مايمۇن"نى ئىشخانىغا ئېلىپ كېلىشىنى تاپىلاپ، داۋاملىق كېيىنكى خىزمەتچى بىلەن ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەم ھەرىكىتى ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا، دىرېكتور بۇ 4 خىزمەتچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ "مايمۇنى"نى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ قايتقانلىقىنى كۆرۈپ رازىمەنلىك ھېس قىلىدۇ. كېيىنكى 24 سائەتتە، قول ئاستىدىكى خىزمەتچى دىرېكتورنى ساقلىماستىن، ئەكسىچە، دىرېكتور قول ئاستىدىكىلەرنى ساقلايدۇ. كېيىن، ئۆزىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ بىر تۈرلۈك قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك خىزمەتكە قاتنىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن، دىرېكتور خىزمەتچىنىڭ ئىشخانىسىدىن بېشىنى تىقىپ، خۇشال ھالدا: «قانداق بولدى؟» دەپ سورايدۇ.
"مايمۇن"نى زىممىسىگە ئارتىۋالغان خىزمەتچىلەر ئىككىنچى كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا دىرېكتور بىلەن كۆرۈشكەندە، دىرېكتور چۈشەندۈرۈپ: «ھەر قانداق ۋاقىتتا مەن سىزگە ياردەملىشىپ سىزنىڭ ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىشىپ بەرگىنىمدە، سىزنىڭ مەسىلىڭىز مېنىڭ مەسىلەم بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەگەر سىزنىڭ مەسىلىڭىز مېنىڭ مەسىلەم بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا، سىزدە قايتا مەسىلە بولمايدۇ (سىز ئىشلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ دېمەكچى). مەن بىر مەسىلىسى يوق ئادەمگە ياردەم بەرمەيمەن. بۇ قېتىملىق پاراڭلىشىش ئاخىرلاشقاندا، ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىڭىز ئېلىپ چىقىپ ھەل قىلىشىڭىز كېرەك. سىز ھەرقانداق كېلىشىپ قويغان ۋاقىتتا مەندىن ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ، ئاندىن بىز بىرلىكتە كېيىنكى قەدەم ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارساق بولىدۇ.» دەيدۇ.
دىرېكتور مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرىنى قول ئاستىدىكى ھەر قايسى خىزمەتچىلەرگە يەتكۈزىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ قايتا ئىشىكنى تاقىۋالمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. ئۇنىڭ بارلىق "مايمۇن"لىرى يوق بولدى. ئەلۋەتتە، ئۇلار يەنە كېلىدۇ، ئەمما پەقەت ئالدىن كېلىشىپ قويغان ۋاقىتتا كېلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى