ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بازار ئىگىلىكى ۋە بۇيرۇق ئىگىلىكى

بازار ئىگىلىكى ۋە بۇيرۇق ئىگىلىكى

ۋاقتى: 2015-04-20 ئاۋاتلىقى: 644 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزغا كىم ئىگە بولىدۇ؟
رېئال دۇنيادا ماھىيىتى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل بايلىقنى تەقسىملەش ئۇسۇلى بار: بازار ئىگىلىكى ۋە بۇيرۇق ئىگىلىكى.
بازار ئىگىلىكى: نوقۇل بازار ئىگىلىكى بىر خىل رادىكال ئىقتىساد سىستېمىسى بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇ خىل ئەركىن ئىقتىسادقا ھېچقانداق تەدبىر تەسىرى كۆرسەتمەيدۇ، بىرەرسى چىقىپ مەلۇم كىشىگە ياكى كارخانىغا نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىقنى دەپ بەرمەيدۇ. پۈتكۈل بازار خۇددى «خاككىر ئىمپېرىيەسى» دىكى پىروگراممىغا ئوخشاش ئۆزى يۈرۈشىدۇ. باھا، بازار، پايدا-زىيان، قوزغىتىش ۋە مۇكاپاتلاشتەك بىر يۈرۈش سىستېما نېمىنى ئىشلەپچىقىرىش، قانداق ئىشلەپچىقىرىش ۋە كىم ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ئىستېمالچى پۇلنى خەجلەشتە رازى، ئىشلەپچىقارغۇچى ئۆز پايدىسى بىلەن خۇشال، بارلىق جەمئىيەت بىر خىل خۇشاللىق ئىچىدە بولىدۇ. 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا تولۇقسىز ئوقۇۋاتقانلار بەلكىم «كۆرگىلى بولمايدىغان قول» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باققان بولسا كېرەك، گەرچە دەرس ۋاقتىدا چۈش كۆرۈۋاتقان بولسىڭىزمۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ نۇرغۇن قېتىم تەكىتلىشى بىلەن كاللىڭىزدا ئازراق بولسىمۇ تەسىرى قالغان بولۇشى مۇمكىن، توغرا، بۇ «كۆرگىلى بولمايدىغان قول» دەل بازارنىڭ قىممەت قائىدىسى، پۈتكۈل بازار جىمجىت ھالدا مۇشۇ قائىدىگە بويسۇنىدۇ، ھۆكۈمەت ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشمايدۇ.
 
بۇيرۇق ئىگىلىكى: بۇيرۇق ئىگىلىكى يەنە پىلانلىق ئىگىلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ كونترول قىلىشىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادىي پائالىيەت. ھۆكۈمەت كۆپ ساندىكى ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىغا ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە كارخانىنىڭ قانداق ئىشلەپچىقىرىشى، مەھسۇلاتلارنىڭ قانداق تەقسىم قىلىنىشى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇيرۇق ئىگىلىكتە بايلىققا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ئارقىلىق ئاساسىي ئىقتىساد مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. يەنى دۆلەت ھەرخىل پىلان ئارقىلىق، بارلىق ئىجتىمائىي بايلىقنى ئەڭ ياخشى تەقسىم قىلىدۇ ۋە كارخانىنىڭ بارلىق پائالىيىتىنى كونترول قىلىدۇ. مەسىلەن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۆلىتىمىز بۇرۇن بۇيرۇق ئىگىلىكىنى يولغا قويغان، ئۇ ۋاقىتتا بايلىق ئىنتايىن كەمچىل، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايتتى، كىشىلەرنىڭ قولىدىكى بىر نەرسە ئالالايدىغان نەرسە پۇل ئەمەس بەلكى ھەرخىل بېلەت ئىدى، مەسىلەن ئاشلىق بېلىتى، ياغ بېلىتى، كۆمۈر بېلىتى، رەخت بېلىتى، گۆش بېلىتى، سانائەت بېلىتى قاتارلىقلار. ئەگەر ئاچكۆزرەك بىرەرسى شۇ ئايلىق گۆش بېلىتىنى ئىشلىتىپ بولغان بولسا، ئۇنىڭغا قانچىلىك پۇل بەرگەن بىلەنمۇ پايدىسى يوق، پەقەت تەقەززالىق بىلەن كېلەركى ئايلىق گۆش بېلىتىنىڭ تارقىلىشىنى كۈتەتتى. بۇ مەزگىلدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر ئىشتاننى ئالماشتۇرۇپ كىيىدىغان ئەھۋاللار بار ئىدى، ئامال يوق، چۈنكى پىلانلىق ئىگىلىك ئائىلىلەرگە پەقەت چەكلىك رەخت بېلىتى تارقىتىپ بېرەلەيتتى، نورمالراق ئىشتاندىن بىرنى تىكىپ، كۆپچىلىك بىللە كىيەتتى، پاكارراقلىرى پۇچقىقىنى تۈرۈپ قوياتتى، ئېگىزرەكلىرى يەتتە ئۆلۈشلۈك ئىشتان (七分裤) قىلىپ كىيەتتى، كىيگەندە خېلى چىرايلىق كۆرۈنەتتى.

ئەگەر بۇ ئىككى خىل ئىگىلىكنىڭ رەسىملەشتۈرۈلگەن ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈشىگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز كېيىنكى بەتتە بولسۇن!
#p#
بازار ئىگىلىكى ۋە بۇيرۇق ئىگىلىكىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار، ھەر ئىككىلىسى مۇكەممەل ئەمەس. شۇڭلاشقا ھازىرقى جەمئىيەتتە ھېچقانداق بىر جەمئىيەت يۇقىرىدىكى ئىككى خىل رادىكالنىڭ بىرسى ئەمەس، بەلكى بۇ ئىككى خىل ئىگىلىكنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدۇ، بۇ خىل ئۆزئارا قوشۇلغان ئىگىلىك ئىقتىسادشۇناسلار تەرىپىدىن ئارىلاشما ئىگىلىك دەپ ئاتىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى