بىر يۈەن بىلەن شىركەت ئەنگە ئالدۇرغىلى بولىدۇ
يانفوندا كۆرۈش
بىر يۈەن بىلەن شىركەت ئەنگە ئالدۇرغىلى بولىدۇ، يېڭى نۇسخىلىق تىجارەت گۇۋاھنامىسىدىكى 5 چوڭ پەرق
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭى نۇسخىلىق سودا ئىشلىرى تىزىملىتىش تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئىشلىتىلىدۇ، يېڭى تىجارەت گۇۋاھنامىسىنىڭ 5 چوڭ پەرقى:
بىرىنچى: فورماتى ۋە ئامىللىرى
2014-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى نۇسخىلىق سودا ئىشلىرى تىزىملىتىش تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئىشلىتىش ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدۇ، كونا نۇسخىلىق تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، يېڭى نۇسخىلىق تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇددىتى 2014-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن. كارخانىلار كېلەر يىلى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئالماشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى نۇسخىلىق تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، كېچىكىپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋارىچىلىق ۋە جازالاردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
ئىككىنچى. ئىككى ئىلىك كودلۇق تىجارەت گۇۋاھنامىسى
يېڭى نۇسخىلىق تىجارەت گۇۋاھنامىسىگە يېڭى پەن-تېخنىكا سىڭدۈرۈلگەن، گۇۋاھنامىنىڭ ئۈستىگە ئىككى ئىلىك كودى قوشۇلغان، ئۈندىداردا سىكەنىرلىسىلا، دەرھال بۇ شىركەتنىڭ بارلىق تىزىملاتقان مەزمۇنلىرىنى توردا كۆرگىلى بولىدۇ، فوتوشوپتا ئىشلىۋالغان ساختا گۇۋاھنامىگە تايىنىدىغان ئاغىنىلەر، ئۆزۈڭلارنى بىلىۋېلىڭلار.
ئۈچىنچى. يىللىق تەكشۈرۈشى يوق
يېڭى نۇسخىلىق گۇۋاھنامىنى يىللىق تەكشۈرتمىسىمۇ بولىدۇ، گۇۋاھنامىنى ئالغاندىن كېيىن، سىز يىللىق تەكشۈرۈش رامكىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز، بۇنىڭدىن كېيىن سودا-سانائەت ئىدارىسىگە بېرىپ يىللىق تەكشۈرۈش تامغىسىنى باسقۇزمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ھەر يىلى 3-6 ئايلاردا توردا يىللىق دوكلات تاپشۇرۇۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
تۆتىنچى.ئەنگە ئالدۇرغان مەبلەغنى تاپشۇرۇشقا ۋەدە بېرىش
ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغى، ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ يوق بولدى، تىجارەت دائىرىسى ئاددىيلاشتى. ئەنگە ئالدۇرغان مەبلەغ، ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ تىجارەت گۇۋاھنامىسىدە كۆرۈنمەيدۇ، پەقەت تور ئارقىلىقلا تەكشۈرگىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغىنىڭ مۇھىملىقىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، بۇ بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئەمدى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى ئەنگە ئالدۇرغان مەبلىغىنىڭ ئاز بولغانلىقى سەۋەبلىك قورۇنمايدىغان بولدى؛ تىجارەت دائىرىسىگە پەقەت ئاساسلىق تىجارەت تۈرلىرىلا يېزىلىدۇ، كونكرېت مەزمۇنىنى يازمىسىمۇ بولىدۇ، تىجارەت تۈرى سىرتىدىكى ئادەتتىكى تۈرلەرنىڭ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ بولىدۇ، باشقىدىن تىزىملىتىشى ھاجەتسىز، كارخانىلارغا ناھايىتى قولايلىق بولىدىغان بولدى، ئازراق مەزمۇن قوشۇلسا ياكى كېمەيسىلا بېرىپ ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
بەشىنچى. بىر ئادرېستا كۆپ گۇۋاھنامە
ئىككى پارچە گۇۋاھنامىدىكى ئادرېس پۈتۈنلەي ئوخشاش بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن، يېڭى نۇسخىلىق سودا ئىشلىرى تىزىملىتىش تۈزۈمى مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتى بار كارخانىلارنىڭ ئوخشاش بىر ئادرېستا تىزىمغا ئالدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ھۆكۈمەت تەستىقلىغان مەخسۇس ساھە باغچىلىرىدىمۇ بىر ئادرېستا نەچچە كارخانا تىزىملاتسا بولىدۇ، سانىغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.