ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

FAB ئۇسۇلىنىڭ كونكېرت مەشغۇلاتلىرى

FAB ئۇسۇلىنىڭ كونكېرت مەشغۇلاتلىرى

ۋاقتى: 2015-10-10 ئاۋاتلىقى: 667 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

FAB نىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر بىلمىسىڭىز بۇ يەردىن FAB نىڭ نېمىلىكىنى بىلىڭ.
(1) خۇسۇسىيىتى (Feature) دېگىنىمىز مەھسۇلاتنىڭ بارلىق ھېس قىلغىلى بولىدىغان فىزىكىلىق، خىمىيەلىك، بىئولوگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكلىرى بولۇپ، بىر يۈرۈش كۆرسەتكۈچ ۋە ئۆلچەملەر ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى ۋە ئىزاھلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، خام ماتېرىيالنىڭ تۈزۈلۈشى، تەركىبىنىڭ تۈزۈلۈشى، سانى، ئېغىرلىقى، ئۆلچىمى، قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى، سىرتقى كۆرۈنۈشى، رەڭ-تەملىرى، ئوراپ قاچىلاش، ماركىسى، مال يەتكۈزۈپ بېرىش، قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش ئورنى قاتارلىقلار.
ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ، مال ساتقۇچى چوقۇم شۇ تەرەپلەرنى پىششىق بىلىشى، ئاساسلىق تاۋارلارنى ياكى شۇ تاۋارلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەستە ساقلىشى كېرەك.
تۆۋەندە مەلۇم ماركىدىكى سۈت پاراشوكىنى مىسالغا ئالايلى: سىز بۇنى خېرىدارغا تونۇشتۇرغاندا، بىزنىڭ سۈت پاراشوكى يېڭى زېلاندىيەدىن كەلتۈرۈلگەن، بۇ جۈملە خېرىدارغا بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، يەنى «بۇ خىل سۈت پاراشوكىنى يېڭى زېلاندىيە ئىشلەپچىقىرىدۇ؛ ياغ كىسلاتاسى DHA قوشۇلغان، بۇ جۈملە مەھسۇلاتنىڭ خام ماتېرىيالى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىدۇ؛ قىزىل ۋە يېشىل ئىككى خىل ئورالمىسى بار، بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچىمىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.»
مەلۇم ماركىدىكى مەزكۇر سۈت پاراشوكىنى مىسالغا ئالايلى:
خۇسۇسىيىتى:
1. يېڭى زېلاندىيەدە ئىشلەنگەن، ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى
2. ياغ كىسلاتاسى DHA قوشۇلغان، خام ماتېرىيال
3. قىزىل ۋە يېشىل ئىككى خىل رەڭلىك ئورالما، ئۆلچىمى
بۇ جۈملىلەر مەھسۇلاتنىڭ ئەسلىدىنلا ئۆزىدە بار بولغان ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە خۇسۇسىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن، لېكىن بۇلار پەقەت مەھسۇلاتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى چۈشەندۈرۈشتىلا توختاپ قالغان، بۇ خېرىدارلارنى پەقەت بەزى قۇرغاق سانلىق ئۇچۇرلار بىلەنلا تەمىنلەپ بېرىدۇ، خېرىدارنىڭ سېتىۋىلىش ئىستىكىنى قوزغاش تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەھسۇلاتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان چۈشەندۈرۈش— Advantage، ئارتۇقچىلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۆتىمىز.

ئۇنداقتا، مەھسۇلاتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ بۇ ھەقتىكى بىلىمگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
(2) ئارتۇقچىلىقى(Advantage) مال ساتقۇچى مەھسۇلاتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش جەريانىدا ئوخشىمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىكى ئوخشىماسلىق ۋە ئورتاقلىقلارنى سېلىشتۇرۇپ، ئوخشىماسلىقنىڭ ئىچىدىن ئەۋزەللىكنى بايقاش كېرەك. مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تېپىپ چىقىش بىر قەدەر ئوڭاي، لېكىن ئالاھىدىلىكتىن ئارتۇقچىلىقنى تېپىپ چىقىشقا يەنە ئازراق كۈچ سەرپ قىلىش، كۆپرەك ماتېرىيال توپلاش كېرەك. مال ساتقۇچى مەھسۇلاتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تونۇشتۇرغان ۋاقىتتا چوقۇم بىرىنچىدىن، ئوبيېكتىپ، توغرا بولۇشى؛ ئىككىنچىدىن، مەلۇم ئاساس ياكى پاكىت ئارقىلىق خېرىدارنى قايىل قىلىشى كېرەك.
بىز يەنە يۇقىرىدىكى سۈت پاراشوكىنى مىسالغا ئالساق، ھەر بىر ئالاھىدىلىكىدىن مەھسۇلاتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، سۈت پاراشوكىنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى دېگەندىن كېيىن، بىز يېڭى زېلاندىيىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىتى ئەڭ ياخشى بولغان تەبىئىي باقمىچىلىق مەيدانى ئىكەنلىكىنى، سۈتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ساغلام، يۇقىرى ئېممۇنىتېتلىق سۈت كالىلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن، سۈت پاراشوكىدا بۇلغىنىش يوق، پاكىز ھەم بىخەتەر.
مۇھىت كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان، كىشىلەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پاكىز ۋە بىخەتەرلىكنى ئەڭ چوڭ ئىككى ئەۋزەللىك دېيىشكە بولىدۇ. مەھسۇلاتنىڭ كۆرۈنەرلىك ئارتۇقچىلىقى بولغاندىن كېيىن، مەھسۇلاتنىڭ زور قايىل قىلىش كۈچى بولىدۇ.
بىرىنچى خۇسۇسىيىتى: يېڭى زېلاندىيەدىن كەلتۈرۈلگەن، تەبىئىي يېشىل باقمىچىلىق مەيدانى، يۇقىرى ئېممۇنىتېتلىق ساغلام سۈت كالىسى.
ئارتۇقچىلىقى: مۇتلەق بۇلغانمىغان، پاكىز، بىخەتەر.
باياتىن سۈت پاراشوكىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق: DHA قوشۇلغان. بىز بۇ خىل ئالاھىدىلىكتىن يەنە بىر ئارتۇقچىلىقنى بايقىيالايمىز، چۈنكى DHA بولسا ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، يەنە «بالىلارنى ئەقىللىق قىلىدىغان ماددا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە مۇھىم رولى بار. شۇڭا بۇ خىل سۈت پاراشوكىنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى، بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى ئېچىش ۋە ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.
ئىككىنچى خۇسۇسىيىتى: ياغ كىسلاتاسى قوشۇلغان . DHA ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ياغ كىسلاتاسى، DHA يەنە «بالىلارنى ئەقىللىق قىلىدىغان ماددا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. DHA نىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە مۇھىم رولى بار.
ئارتۇقچىلىقى: بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى ئېچىش ۋە ئۆستۈرۈش رولى بار.
ھەرخىل ئۆلچەمنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقلىرى بار. مەسىلەن، سۈت پاراشوكىنىڭ قىزىل ۋە يېشىل ئىككى خىل ئورالمىسى بار، بۇ ئىككى خىل رەڭ ئوخشاش بولمىغان ياش قاتلاملىرىدىكىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ. روشەن بولغان ئوخشاشمىغان ئۆلچەم بولغانلىقتىن، پەرقلەندۈرۈشكە، خېرىدارلارنىڭ تاللىشىغا ئاسان بولىدۇ.

بىر مال ساتقۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، يۇقىرىكى بۇ خىل سۈت پاراشۇكىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى شۇنىڭ بىلەن تۈگىدىمۇ؟ ئەگەر سىز مەزكۇر مەھسۇلاتنى ساتماقچى بولسىڭىز يەنە قانداق قىلاتتىڭىز؟ قېنى يازمىنىڭ داۋامىغا قاراپ بېقىڭ، ئوي-پىكىرىڭىز بىلەن بىردەكمىكەن؟
#p#
ئۈچىنچى خۇسۇسىيىتى: قىزىل ۋە يېشىل ئىككى خىل ئورالمىسى، قىزىل رەڭ 0-3 ياشقىچە بولغان بالىلارغا ماس كېلىدۇ، يېشىل رەڭ 3-6 ياشقىچە بولغان بالىلارغا ماس كېلىدۇ.
ئارتۇقچىلىقى: پەرقلەندۈرۈشكە ئاسان، تاللاشقا قولايلىق بولىدۇ.
بىز FAB ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، مەھسۇلاتنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئارتۇقچىلىقى، ياخشى تەرەپلىرىنى قاتلاممۇ قاتلام ئانالىز قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ خاسلىقىنى يورۇتۇپ بەردۇق، بۇنداق بولغاندا، خېرىدارلا مەھسۇلاتنى چوڭقۇر چۈشىنىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغىلى بولىدۇ.
(3) پايدا (benefit) دېگىنىمىز خېرىدارلارنىڭ مەلۇم ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان مۇئەييەن ئارتۇقچىلىقنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل ئارتۇقچىلىق خېرىدارلارغا ئۇلار ئۈمىد قىلغان ھەتتا ئويلاپ باقمىغان ياخشى تەرەپلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ ياخشى تەرەپ دەل پايدا. بۇ بەلكىم ئەلا بولغان سۈپەت ئېلىپ كەلگەن ئىشلىتىشتىكى ئىشەنچلىكلىكى، بىخەتەرلىكلىكى، چىدامچانلىقلىقى؛ ياكى يېڭى قۇرۇلما ۋە پاسون ئېلىپ كەلگەن مودا تۇيغۇسى؛ ياكى ئىشلىتىشتىكى تېخىمۇ قولايلىقلىقى؛ مەشغۇلاتتىكى ئاددىيلىقلىقى؛ ۋاقىت، كۈچ، پۇل تېجەيدىغانلىقلىقى؛ ۋە ياكى داڭلىق ماركا ئېلىپ كەلگەن ئابروي تۇيغۇسى قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تاۋارنىڭ ئالاھىدىلىكى، خۇسۇسىيىتى ئوبيېكتىپ مەۋجۇت، تاۋارنىڭ ئارتۇقچىلىقى باشقا تاۋارلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن پەيدا بولغان، تاۋارنىڭ پايدىسى بولسا تاۋارنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى، سېتىۋالغاندىكى پىسخىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ۋە مەلۇم خېرىدارلار بىلەن باغلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوخشاش بىر خىل مەھسۇلات ئوخشىمىغان خېرىدارلارغا ئوخشىمىغان پايدىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، ئوخشىمىغان مەھسۇلات ئوخشاش خېرىدارلارغا ئوخشاش پايدىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى