ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى

مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى

ۋاقتى: 2015-12-04 ئاۋاتلىقى: 400 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئىككىنچى، تەدبىر قوللىنىپ، سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ساقلاش كېرەك» بۇ يەردە!

 

 4 §. مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى


1. مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر قانۇنىي جاۋابكارلىقنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ شەرتى ۋە دائىرىسى


1. مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر قانۇنىي جاۋابكارلىقنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ شەرتلىرى


مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر قانۇنىي جاۋابكارلىقنىڭ شەكىللىنىشىدە بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ئۈچ شەرت تۆۋەندىكىچە:


1. مەھسۇلات سۈپىتى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ياكى ساتقان بولۇش، يەنى مەھسۇلات سۈپىتى دۆلەت ئېلان قىلغان بىخەتەرلىك، تازىلىق، مۇھىت ئاسراش ۋە ئۆلچەم قاتارلىقلارغا دائىر قانۇن-نىزاملاردىكى تەلەپلەرگە، دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى شۇنىڭدەك توختامدا بەلگىلەنگەن مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىلىشى، بىخەتەرلىك ۋە باشقا خۇسۇسىيەتلەرگە بولغان تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولۇش كېرەك.


2. جىسمانىي جەھەتتە يارىلىنىش، ئۆلۈش ياكى مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراشتەك پاكىت بولۇشى شەرت.


3. مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ لاياقەتسىز بولۇشى بىلەن مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچراش پاكىتى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بولۇشى كېرەك.
مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر قانۇنىي جاۋابكارلىق ئادەتتىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىغا ئوخشىمايدۇ. يەنى مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر قانۇنىي جاۋابكارلىق ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ جەھەتتە خاتالىقى (جۈملىدىن قەستەنلىك ياكى سەۋەنلىك بىلەن) بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەكسىچە، خاتالىقسىز جاۋابكارلىق پرىنسىپى، يەنى قاتتىق جاۋابكارلىق پرىنسىپى يۈرگۈزۈلىدۇ، جاۋابكارلىقنى يۈكلەشتە ئۇنىڭ جىسمانىي جەھەتتە يارىلىنىش-ئۆلۈشنى ياكى مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ پاكىتنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارىلىدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق ھوقۇققا دەخلى –تەرۇز قىلغۇچىنىڭ خاتالىقى بارلىقىنى ئىسپاتلىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ.


2. مەھسۇلات سۈپىتىگە دائىر قانۇنىي جاۋابكارلىقنىڭ دائىرىسى
«مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» دا «زىيان تۆلىمى» (4-باب) ۋە «جازالاش مىزانى» (5-باب) ئالاھىدە ئۇسلۇبتا بابلارغا بۆلۈپ بەلگىلەنگەن. ساختا، سۈپىتى ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتەك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «ساختا، سۈپىتى ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش توغرىسىدىكى قارار»نى مەخسۇس ماقۇللىدى. «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» ۋە «قارار»غا ئاساسلانغاندا، مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى، ھەق تەلەپ ئىقتىسادىي جاۋابكارلىق، مەمۇرىي جاۋابكارلىق ۋە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى