ئەمگەك توختام قانۇنى كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋىتەمدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەك توختام قانۇنى كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋىتەمدۇ؟
جاۋاب: ئەمگەك توختام قانۇنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، كارخانىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق. بىر قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، سەمىمىي، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى بار كارخانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كارخانىنىڭ تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە بۇنداق كارخانىلارغا بىر ئادىل رىقابەت مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشكە پايدىلىق بولۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئەلۋەتتە، قانۇنغا خىلاپ ئادەم ئىشلىتىدىغان كارخانىلارغا نىسبەتەن، ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ ئېلان قىلىنىشى كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ، ھەم قانۇنغا خىلاپ ئادەم ئىشلىتىشنىڭ بەدىلىنى زورايتىدۇ، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بەلكىم «كارخانا تەننەرخى»نى ئاشۇرۇۋىتىشى مۇمكىن.