ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تۆت چوڭ تاينىش نۇقتىسى(2)

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تۆت چوڭ تاينىش نۇقتىسى(2)

ۋاقتى: 2016-06-10 ئاۋاتلىقى: 498 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تۆت چوڭ تاينىش نۇقتىسى(1)» بۇ يەردە!

 

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشنىڭ تۆت چوڭ تاينىش نۇقتىسى(2)

 

كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەتلىشىش كۈچى


كارخانىنىڭ يادرولۇق كەسپى ۋە يادرولۇق رىقابەتلىشىش كۈچىگە ئەھمىيەت بېرىش، يادرولۇق بولمىغان كەسىپلىرىنى باشقا كارخانىلارغا ھۆددىگە بېرىش تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ئىدىيەلەرنىڭ بىرى. كارخانىنىڭ بايلىقى چەكلىك بولغانلىقتىن ھەممە كەسىپلەردە رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئىنتايىن قىيىن. شۇڭلاشقا كارخانا چوقۇم بارلىق بايلىقىنى ئۆزىنىڭ  يادرولۇق كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا كارخانا تەمىنلەش زەنجىرىدە باشقىلار ئورنىنى ئالالمايدىغان بىر ھالقىغا ئايلىنالايدۇ.

 

كارخانىنىڭ يادرولۇق يادرولۇق رىقابەتلىشىش كۈچى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچى، باشقىلار دورىيالمايدۇ.  بۇ تەرىپى كارخانىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسى  ياكى كارخانا مەدەنيىتى بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىسى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. بازاردا سېتىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە كارخانىنىڭ رىقابەتلىشىش كۈچىنىڭ تەركىبىي قىسىمى بولالمايدۇ. ئۈچىنچى، پارچىلىۋەتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن كارخانىنىڭ بايلىقى ۋە ئىقتىدارى ئۆزئارا بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان بولۇپ بىرلەشكەندىلا قىممىتى بولىدۇ، پارچىلىۋەتكەندە قىممىتىنى يوقىتىدۇ. بەزى داڭلىق كارخانىلارنىڭ ئۆزىنى مەركەز قىلىپ ئۈنۈملۈك تەمىنلەش زەنجىرى قۇرالىشىدىكى سەۋەب بۇ كارخانىنىڭ باشقىلار ئورنىنى ئالالمايدىغان رىقابەتلىشىش كۈچى بولغانلىقى، ھەمدە مۇشۇ كۈچكە تاينىپ ئالدى-ئارقىسىدىكى كارخانىلارنى خېرىدار ئۈچۈن قىممەت  يارىتىدىغان زەنجىرگە باغلىيالىغانلىقىدۇر. مەسىلەن بىر زەنجىرسىمان پارچە ساتقۇچى كارخانا. يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت ۋە ئۇنى ئاساس قىلغان خېرىدارلار تورى ۋولمارتنىڭ يادرولۇق رىقابەتلىشىش كۈچى. شۇڭلاشقا ۋولمارت ئۆزىنىڭ پارچە ساتقۇچى سودىگەرلىك سالاھىيىتىدىن ھالقىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەمىنلەش زەنجىرى قۇردى. ۋولمارت تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ مال ئەۋەتىشىنى ساقلاپ تۇرىدىغان پارچە ساتقۇچى سودىگەر بولمايلا قالماستىن،  ياسىغۇچى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا قاتنىشىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مەھسۇلات ليىھەسى ۋە مال يەتكۈزۈش دەۋرىنى تۈزۈپ بېكىتىدۇ، ھەتتا ياسىغۇچى سودىگەرگە ياردەملىشىپ يېڭى مەھسۇلات ئېچىش ۋە سۈپەتنى كونترول قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ۋولمارت ئەڭ بۇرۇن بازار ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان مەھسۇلاتنى سېتىۋالالايدۇ. باشقا پارچە ساتقۇچى سودىگەرلەر تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ مال تىزىملېكىنى ساقلاۋاتقاندا ياكى توختام تۈزۈشىۋاتقاندا يېڭى مەھسۇلاتلار ۋولمارتتا قىززىق سېتىلىۋاتقان بولىدۇ. ۋولمارت يەنە يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ پىكرىنى ياسىغۇچى كارخانىلارغا يەتكۈزىدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىپ مەھسۇلاتلارنى ياخشىلىشىپ بېرىدۇ. ئىلگىرى پارچە ساتقۇچى سودىگەر پەقەت مالنى تەمىنلىگۈچى سودىگەردىن ئېلىپ خېرىدارنىڭ قولىغا تاپشۇراتتى. تەكلىپ-پىكىرلەرنى يازمىچە ياكى تېلېفوندا تەمىنلىگۈچى سودىگەرگە يوللايتتى. قارىماققا ۋولمارتمۇ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ. لېكىن پەرق ئىنتايىن زور. بۇنىڭ سەۋەبى ۋولمارت مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا ئارىلىشالايدۇ. شۇڭلاشقا خېرىدار ئىنكاس قىلغان كەمچىلىكلەر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا دەرھال تۈزىتىلىدۇ.

 

ئەمەلىيەتتە ۋولمارتنىڭ قىلغىنى مۇرەككەپ ئىش ئەمەس. لېكىن كۆپ سانلىق سودا كارخانىلىرى خېرىدار ۋە تەمىنلىگۈچى سودىگەر ئارىسىدا پەقەت كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ، ئۇلاردا مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا قاتنىشىش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل. مۇنداقچە ئېيتقاندا ۋولمارت كارخانا باشقۇرۇش ۋە سىرتقى ئالاقە قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىپ ئۆزى باش بولغان، تەمىنلىگۈچى سودىگەر بىلەن خېرىدارلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان يەر شارى خاراكتېرلىك تەمىنلەش زەنجىرىنى بەرپا قىلدى. بۇ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا ئۇچۇر تېخنىكىسى، يەنى بىر يۈرۈش ئىلغار تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش سىستېمسى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىدۇ. بىرلىككە كەلگەن، توپلاشتۇرۇلغان ۋە ۋاقتىدا نازارەت كونترول قىلىپ تۇرىدىغان تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بولمىغاندا ۋولمارتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كونترول قىلىشىدىن ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇلازىمىتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى