ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى

توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى

ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 403 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دېلو ئانالىز مەزمۇنى: ئادەم  ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك توختام مۇددىتى 2 يىل. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى پۈتۈشكەن سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش مۇددىتى 6 ئاي. سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىگەندە ئايلىق ئىش ھەققى  1000 يۈەن، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش ۋاقتى توشقاندا ئايلىق ئىش ھەققى  1500 يۈەن. ئەگەر ئەمگەكچى بۇ ئورۇندا توختامدا پۈتۈش بويىچە 6 ئايلىق سىناق تەرىقىسىدىكى خىزمەتنى تۈگەتكەن ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن توختامدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىگەن ۋاقىتتىكى پۈتۈن ئىش ھەققىنى بەرگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئوتتۇرىسىدا پۈتۈشكەن سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش مۇددىتى قانۇنلۇقمۇ؟ ئەگەر قانۇنلۇق بولمىسا ئادەم  ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى پۈتۈشىدىغان سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا قانچىلىك؟ ئادەم  ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمەلىيەتتە قانچىلىك تەننەرخىنى ئۈستىگە ئېلىش كېرەك؟

مەزكۇر دېلودا: ئادەم  ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى پۈتۈشكەن سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش مۇددىتى <ئەمگەك توختام قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان. <ئەمگەك توختام قانۇنى> نىڭ 19-ماددىسىدا: «ئەمگەك توختام مۇددىتى بىر يىلدىن يۇقىرى ۋە ئۈچ يىلغا توشمىغان بولسا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش ۋاقتى 2 ئايدىن ئاشسا بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا ئادەم  ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 2 ئايلىق سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش ۋاقتىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ئەمگەكچى توختام كېلىشىمىگە ئاساسەن 6 ئاي سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئىجرا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە  4 ئاي قانۇنسىز سىناقتا  ئىشلىتىش مۇددىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم  ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىدىن 6 ئايلىق سىناق ئىشلىتىش مۇددىتىنىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن 6000 يۈەننى قايتۇرىۋالماستىن، يەنە سىناقتا ئىلىتىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن  ئايلىق ئىش ھەققى ئۆلچىمى بۇيىچە 1500 يۈەن بېرىشى ھەمدە ئەمگەكچىگە 4 ئايلىق ئىش ھەققى ئۈچۈن 6000 يۈەن تۆلىشى كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى