ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى

ۋاقتى: 2016-03-20 ئاۋاتلىقى: 596 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يەر شارىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى
پۈتۈن دۇنيانىڭ تېخنىكا ۋە ئىقتىساد تەرەققىياتىغا نەزەر تاشلىساق، دۆلەت ھالقىپ تىجارەت قىلىش بارغانسېرى ئومۇملىشىپ، يەر شارى بىر گەۋدىلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. ياسىمىچىلىق كەسپىنى مىسالغا ئالساق، بىر مەھسۇلات ياپونىيەدە لايىھەلىنىشى، خام ماتېرىيالى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ياكى بىرازىلىيەدىن سېتىۋېلىنىشى، زاپچاسلىرى تەيۋەن، ھىندونېزىيە قاتارلىق جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەپ چىقىرىلىشى، ئاندىن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قوراشتۇرۇلۇپ ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سېتىلىشى مۇمكىن. بۇ مەھسۇلات بازارغا سېلىنغۇچە نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ قولىدىن ئۆتىدۇ. لېكىن شىركەتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى، باشقۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغانلىقتىن ئىشلەپچىقىرىش تەمىنلەش زەنجىرى تورى مۇرەككەپ بولىدۇ. ئەگەر ئۈنۈملۈك سىستېمىلىق باشقۇرۇش بولمىسا بازار ئېھتىياجىدا داۋالغۇش كۆرۈلگەندە مۇنداق تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا «قامچا ئېففېكتى» كۆرۈلۈپ پۈتكۈل تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قىممەت يارىتىشىغا ئېغىر تەسىر  يەتكۈزىدۇ. سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار كۆپىيىپ، ئىستېمالچىلار تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ (مەسىلەن ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار) دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىنىڭ قىسقىراپ كېتىشى مەھسۇلاتقا بولغان ئېھتىياجنىڭ داۋالغۇشىنى كۈچەيتىۋەتتى. بازاردىكى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ۋەزىيىتى كارخانىلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىغا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى تەلەپنى قويدى. ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ساھەسىدە ئېھتىياجغا يۈزلەنگەن «تارتىش شەكىللىك (拉式)»ئىشلەپچىقىرىش نەزەرىيەسى، JIT  ياساش نەزەرىيەسى، يۇمشاق ئىشلەپچىقىرىش نەزەرىيەسى قاتارلىق نەزەرىيەلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىش باسقۇچىغا كىردى. 
 
توغرا يۆنىلىشلىك كەسىپ ئەندىزىسىنىڭ (横向产业模式) تەرەققىياتى
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى شەخسى كومپيۇتېرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى تەپسىلى كۈزەتسەك شۇنى بايقايمىزكى، PC (Personal Computer، شەخسى كومپيۇتېر) ياساش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، دۇنيانى ئۇچۇر دەۋرىگە ئېلىپ كىردى، يەنە دۇنيا كەسىپ ئەندىزىسىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.  IBM شىركىتى PC نىڭ بازاردىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ خاتا قىلدى. IBM شىركىتى PC ئۆلچىمىنى تۈزۈپ بېكىتكەندىن كېيىن PC نىڭ يادرولۇق تېخنىكىسى بولغان مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە OS نى تەتقىق قىلىشنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا Intel ۋە Microsoft شىركىتىگە ھۆددىگە بەردى. قىسقىغىنە 10 يىل ئىچىدە بۇ ئىككى شىركەت تەرەققى قىلىپ دۇنياۋى چوڭ كارخانىغا ئايلىنىپ، شۇ كەسىپنىڭ ياساش ئۆلچىمىنى مونوپۇل قىلىۋالدى، ھەمدە IBM نىڭ نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان بوي يۆنىلىشلىك (纵向) كەسىپ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى.
#p#
IBM يەنە ئۈستەل يۈزىلىك مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ ساھەسىگە كىرمەكچى بولۇپ OS/2  ۋە Power ئۆزىكىنى ئېچىپ بازارغا سالغاندا ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. 70-يىللاردىكى IBM ھەممىنى مونوپول قىلىۋالىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى. IBM بۇ ساھەدە ئەمدى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ Microsoft ۋە Intel شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ توغرا يۆنىلىشلىك كەسىپ ئەندىزىسىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققى قىلدۇردى. Macintosh قا قارىساق، بۇ شىركەت گەرچە قاتتىق دېتال ۋە مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلەپچىقىرىشنى مونوپۇل قىلىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن مەھسۇلاتلىرى IBM ئىشلەپچىقارغان ماسلىشىشچان كومپيۇتېر بىلەن ماسلاشماي، نۇرغۇنلىغان Windows سۇپىسىدا ئىشلەيدىغان بەزى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكۈسى بار خېرىدارلارنى قاچۇرۇپ قويۇپ تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. 
 
يەنە بىر ئەمەلىي مىسال ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە يۈز بەردى. بىر ماشىنا زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەر پۈتۈن ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەردىن ئاستا-ئاستا ئايرىلىپ ماشىنا زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ سەركىسىگە ئايلاندى. مۇنداق ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئەندىزە ئۆزگىرىش پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئاستا-ئاستا ئومۇملاشماقتا. كىشىلەر بارغانسېرى بىر چوڭ كارخانىنىڭ بىر تەمىنلەش زەنجىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىشىنىڭ ئاساسەن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ھەر بىر ھالقىدا يادرولۇق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان كارخانىلار بۇ خىل ئۈستۈنلۈكنى توغرا يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ھازىرقى زامان تەمىنلەش زەنجىرى مۇشۇنداق يادرولۇق ئۈستۈنلۈككە ئىگە كارخانىلارنىڭ زىچ بىرلىشىشىدىن شەكىللەندى. كارخانىلار ئىتتىپاقى ۋە ھەمكارلىشىش نەزەرىيەى ئاستا-ئاستا شەكىللىنىپ بۇ خىل زەنجىرسىمان قۇرۇلمىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 
 
كارخانىنى قايتا قۇرۇش (企业X再造) 
11 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ كومپيۇتېر پەنلىرى پىروفېسسورى خاممېر (迈克尔.哈默) بىلەن CSC مەسلىھەتچىلىك شىركىتىدىن جېيمىس چەمپى بىرلىكتە «كارخانا خىزمەت تەرتىپىنى قايتا تۈزۈش سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىنقىلابى خىتابنامىسى (企业流程再造工商管理革命宣言)»نى ئېلان قىلدى. بۇ كىتابتا ھازىرقى باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى كەمچىلىكلەر، يەنى بۆلۈملەرنىڭ ئايرىۋېتىلىشى ۋە قاتتىق دەرىجىگە ئايرىش تۈزۈمى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. ھەمدە BPR ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۆلۈملەر ئارىسىدىكى چەك-چېگرىنى يوقىتىشنى، كارخانىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى قايتا تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دەۋر دەل ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋر بولۇپ، بۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىدى.
#p#
ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ھەمبەھىرلىنىش ئىدى. كارخانىدا كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىنىش بۆلۈملەرنىڭ ئۇچۇرلارنى ئاشكارا قىلماسلىق ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. EPR تۈرىنى دەسلەپتە ئىشقا كىرىشتۈرگەندە ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن تەشكىلى ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تۇلۇق تونۇپ يېتىلمىگەنلىكتىن تۈر مەغلۇپ بولدى. ھازىر ئۇچۇرلاشتۇرۇش تىلغا ئېلىنسىلا BPR نى ئەسكە ئالىمىز. بۇ ئاڭدىكى ئىلگىرىلەش، لېكىن EPR پەقەت بىر كارخانىدىكى ھەر قايسى بۆلۈملەرنى تۇتاشتۇرىدۇ. بۈگۈنكىدەك يەرشارى بىر گەۋدىلىشىش چوڭ يۈزلىنىشكە ئايلانغان، توغرا يۆنىلىشلىك كەسىپ ئەندىزىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان كۈندە، كارخانىلار ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى بىر ھالقا ئىكەنلىكىنى، ئۆز ئەمەلىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالدى-كەينىدىكى ھالقىلار بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، مۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىشىش ئاساسىغا قۇرۇلىدىغانلىقىنى، پەقەت توختاۋسىز بىر-بىرىگە نەپ يەتكۈزگەندە ئاندىن بۇ مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. 2002-يىلى چەمپى بۇلارنى «كارخانىنى قايتا قۇرۇش (企业X再造)» قا  يىغىنچاقلاپ كارخانا سىرتقا كېڭىيىش جەريانىدا قانداق قىلىپ بۆلۈملەر ئارىسىدىكى چەك-چېگرىنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت بەردى. ئىنتېرنېت تورى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەمبەھىرلىنىش ۋە ھەمكارلىشىش ئېڭى كارخانا سىرتىغا چىقتى. بۈگۈن بىز دەۋاتقان SCM دەل مۇشۇ ئاڭنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەلىي ھەرىكەتتۇر. 
 
بىز SCM نىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدىن SCM نىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولالايمىز. شۇڭلاشقا نەزىرىمىزنى تېخىمۇ بەك SCM نىڭ ھازىرقى ئىشلىتىلىشىگە ئاغدۇرۇشىمىز كېرەك. SCM سىستېمىسى SCM  نىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولۇپ، SCM  سىستېمىسىنى ئىشلىتىش كارخانا ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ياسىمىچىلىق كەسپىدە SCM سىستېمىسىنى ئىشلىتىش قەدەم-باسقۇچلىرى ھەققىدە توختىلىمىز. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى