ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەربىر كۈننىڭ قەدرىگە يېتىڭ

تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەربىر كۈننىڭ قەدرىگە يېتىڭ

ۋاقتى: 2015-11-27 ئاۋاتلىقى: 815 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ — ئەسقاتىدىغان ھەمراھ» بۇ يەردە!

 

 تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەربىر كۈننىڭ قەدرىگە يېتىڭ

 

«باقىي ئالەمگە قاچان قايتارمەن؟ 50 يىلدىن كېيىنمۇ، 20 يىل، 10 يىلدىن كېيىنمۇ، ھەتتا ئەتىمۇ؟» دەپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ – يوق؟
بۇ مەسىلىنى ھەممە ئادەم ئويلىنىشى كېرەك، لېكىن بۇنىڭ جاۋابىنى ھېچكىم تاپالمايدۇ. بىز تېلېۋىزوردا ھەرخىل ھادىسىلەر سەۋەبىدىن مال – مۈلۈكلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، ئادەملەرنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز. ئېكراندا ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن كۆتۈرۈپ كېتىلىۋاتقان جەسەتلەرنى كۆرگىنىمىزدە، كىشىلىك ھاياتنىڭ دائىم ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ھەسرەت – نادامەت چەكمەيدىغىنىمىز يوق.


بۈگۈن ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئەركىن – ئازادە، ساق – سالامەت، غەم – قايغۇدىن خالىي ياشىغان بولساق، ئەتە بېشىمىزغا نېمە قىسمەتلەرنىڭ كېلىشىنى ئويلاپ يېتەلمەيمىز. بۇ ئىشلار شۇنداق تېز كېلىدۇكى، بىز مۇتلەق تەييارلىقسىز ھالدا بۇ جىددىي ئۆزگىرىشكە چىدىماقتىن باشقا ئامال قىلالمايمىز. شۇنىڭ بىلەن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىمىز، ئىپادىلەپ بولالمىغان مېھىر – مۇھەببەتلىرىمىز، بارلىق تەسەۋۋۇر – پىلانلىرىمىز، بارلىق ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز بىر كېچىدىلا مەڭگۈ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.


ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى، ھېچقايسىمىز ھاياتىمىزنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىزۇ، لېكىن ھەممىمىز ھەقلىق يوسۇندا، ئۇزاق كىشىلىك ھاياتتا ۋاقتىمىزنىڭ چېكى يوقتەك، زېھنىي كۈچىمىزنىڭ چېكى يوقتەك، پۇرسەتنىڭ چېكى يوقتەك، ئۆلۈمنى ئۆزىمىزگە نىسبەتەن ناھايىتى يىراقتىكى ئىش دەپ قارايمىز. كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساۋابلىق ئىشلارنى ئاستا – ئاستا قىلسىمۇ بولىدىغاندەك، ئالدىراشنىڭ ھاجىتى يوقتەك، ئەڭ ياخشىسى كېيىنچە قىلىش كېرەكتەك ھېس قىلىپ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە قىلىشنى ئىنتايىن خالايدىغان ئىشلارنى دەرھال قىلىشقا ھەمىشە كۆزى قىيمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئادەمنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى غايىسى ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نېمدېگەن گۈزەل ئىش – ھە! لېكىن، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر قانچە سائەت، بىر قانچە كۈن ئىچىدە بۇ ئارزۇلىرىغا يېتەلەيدىغانلىقىغا تازا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار «ھېچبولمىغاندا ھازىر» بۇ شەرتلىرىم ھازىرلانمىدى. يەنە بىر مەزگىل ئۆتسۇن، ئوبدانراق تەييارلىق قىلىۋېلىپ ئاندىن بىر گەپ بولار دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئۇلار ياخشى پۇرسەتنى قايتا – قايتا ئۆتكۈزىۋېتىدۇ – دە، «پىشىپ يېتىلگەن پۇرسەت»كە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ. ئاخىر بىر كۈن ئۆمرىمۇ ئاخىرلىشىپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ.



ھېچكىم مەن ئەتىمۇ جەزمەن ھايات دەپ مەيدىسىگە ئۇرالمايدۇ. شۇڭا، بىز ھازىر (بۈگۈن)نىڭ قەدرىگە يېتىشىمىز، پەيزىنى سۈرۈشىمىز كېرەك. قەدىمكى زاماندىكى كېمىچىلەرنىڭ «كېمە تاختىيىنىڭ ئاستى دوزاخ» دەيدىغان گېپى بار. ئۆلۈم بىلەن كۆرۈمنىڭ چېگرىسى تاختاي. بۇنىڭدىن جاننىڭ ئاجىزلىقىنى، ھەرزامان، ھەرماكاندا بالا – قازاغا ئۇچراش مۇمكىنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، تۇرمۇشتىكى ھەربىر كۈننىڭ قەدرىگە يېتىڭ. ھەربىر كۈنىڭىزنى ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى دەپ قىياس قىلىڭ. بۇ ھەرگىزمۇ ھەرىكەتنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئەمەس، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشنىڭ سەۋەبىمۇ ئەمەس. بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسى جىددىيلىك تۇيغۇڭىزنى ئۆستۈرۈش، سىزنى بىر دەقىقە بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈش، «ھازىر ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرى» دەيدىغان تونۇشقا كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا. ئاشۇنداق تۇيغۇدا بولساق، ھەرقانداق ئەھۋالغا يولۇققاندىمۇ ھودۇقۇپ كەتمەيمىز، ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرۇپمۇ يۈرمەيمىز. ھايات ئىنتايىن يۈكسەك نەرسە، ئۇنى ساختا نەرسىلەرنىڭ نابۇت قىلىۋېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ئادەم ئەركىن – ئازادىرەك تۇرمۇش كەچۈرىشى، بەك جىددىيلىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇ قائىدىلەرنىڭ ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ سىزگە ياردىمى تېگىپ قېلىشىنى، سىزنى تۇرمۇشقا توغرا قاراش ئىمكانىيىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىزنىڭ ئاساسىي كۆزقارىشىمىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ:  «ئادەم بولۇش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس».

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى