ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بەش چوڭ كەڭ تارقالغان كارخانا مەدەنىيىتى

بەش چوڭ كەڭ تارقالغان كارخانا مەدەنىيىتى

ۋاقتى: 2016-01-26 ئاۋاتلىقى: 506 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھازىرقى زامان جۇڭگو ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇتۇق قازانغان كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھازىرقى زامان كارخانىلىرىنى پايدىلىنىشقا بولىدىغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى.
1. مىنشېڭ مەدەنىيىتى: مىنشېڭ كارخانىسى تەرەققىياتىنىڭ شۇنچە تېز بولۇشىنىڭ سەۋەبى بۇنىڭ قۇرغۇچىسى لۇ زوفۇنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. لۇ زوفۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىجارەت ئەمەلىيىتىدە، ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى دەل ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى رولىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدۇر. مەسىلەن، ئۇ كارخانىنىڭ خىزمەتچىلەرگە بولغان ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانا ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ قوش يۆنىلىشلىك قاتنىشىشىنى ئىلھاملاندۇرغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق بىر داڭلىق شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان: شىركەتنىڭ مەسىلىسىنى خىزمەتچىلەر ھەل قىلىدۇ؛ خىزمەتچىلەرنىڭ مەسىلىسىنى شىركەت ھەل قىلىدۇ. ئۇ بۇ شوئارنى پاراخوتنىڭ كارىۋات ياپقۇچى ۋە ئىستاكان قاتارلىقلارغا بېسىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ بىر خىل شىركەت بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولىدىغان شەرەپ-نومۇس قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، كوللېكتىپلىق ئېڭىنى تىكلىگەن، بۇ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رول ئوينىغان.

2. پاناسونىك مەدەنىيىتى: پاناسونىك شىركىتى نەچچە ئون يىللىق تىجارەت جەريانىدا ئۆزىگە خاس كارخانا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، يەتتە چوڭ روھنى بېكىتتى: «سانائەتتە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش؛ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش؛ ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك يېقىن بولۇش؛ كۈرەش قىلىپ يۇقىرىغا ئۆرلەش؛ ئەدەپلىك كەمتەر بولۇش؛ ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى بولۇش؛ ۋاپاغا ۋاپا قىلىش.» بۇ پاناسونىكنىڭ كەمتەرلىك، تىرىشچان، باشتىن-ئاياغ بىردەك بولۇشتەك ئاددىي-ساددا ئۇسلۇبىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن.
#p#
3. داچىڭ مەدەنىيىتى: «تۆمۈر ئادەم» ۋاڭ جىنشى باشچىلىقىدىكى داچىڭ نېفىتلىكى خىزمەتچىلىرى «جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش»نى ئۆزلىرىنىڭ قىبلىنامىسى قىلىپ، «شارائىت بولسا چۈشىمىز، شارائىت بولمىسا شارائىت ھازىرلاپ چۈشىمىز»دەك ئىگىلىك يارىتىش روھىدا چىڭ تۇرغان. داچىڭلىقلارنىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىش، «ئۈچتە سەمىمىي، تۆتتە قاتتىق بولۇش (يەنى ئىنقىلاب ئىشلىرىغا مۇئامىلە قىلىشتا: سەمىمىي ئادەم بولۇش، سەمىمىي سۆزلەش، سەمىمىيلىك بىلەن ئىش بىجىرىش؛ خىزمەتكە قارىتا: قاتتىق تەلەپ بولۇش، پۇختا تەشكىللىنىش، كەسكىن مۇئامىلىدە بولۇش، قاتتىق ئىنتىزام بولۇش.)» روھى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىشىنىڭ زور كۈچىگە ئايلاندى.

4. سونى مەدەنىيىتى: سونىنىڭ كارخانا پەلسەپىسىدە ئەڭ كۆرۈنەرلىكى ئۇلار ئادەمنىڭ ئامىلىغا ۋە خەلق باشقۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، دەرىجە ئۇقۇمىنى سۇسلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. شىركەتنىڭ رەھبەرلىرى تىرىشىپ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆيىدىنمۇ راھەت قىلىپ لايىھەلەپ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىشخانىسىنى ئامال بار ئاددىيراق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭدىن سىرت، سونىلىقلار ئەزەلدىن ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەت تاپمىغان، ئۇلاردا دائىم «ئېچىرقاش»، «جىددىيلىك» تۇيغۇسى ھەمراھ بولغان، بۇ سونى مەدەنىيىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار توختىماستىن ئۆزىدىن ئىلغار نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، ھەزىم قىلىپ، باشقىلاردا يوق نەرسىلەرنى ياساپ چىقىپ، بازارغا ماسلاشقان ۋە ئىناۋەتكىمۇ ئېرىشكەن.

5. IBM مەدەنىيىتى: IBM شىركىتى ئامېرىكا خەلقئارالىق سودا ماشىنىلىرى شىركىتى، شىركەتنىڭ ئەقىدىسى «IBM ئەڭ ئەلا مۇلازىمەتنىڭ بەلگىسى». ئۇلار خېرىدارلارنىڭ ئەلا مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىقىنى بىلگەن. بۇنى IBM شىركىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇتۇق قازىنىشىدىكى بىر سەۋەب دېيىشكە بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى