ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقىنى ئۈنۈملۈك يول بىلەن يۈرگۈزۈش

گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقىنى ئۈنۈملۈك يول بىلەن يۈرگۈزۈش

ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 449 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 
گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقىنى ئۈنۈملۈك يول بىلەن يۈرگۈزۈش
1 . مەھسۇلات ئىزدەش
قانداق قىلغاندا گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزگىلى بولىدۇ؟ مۇۋاپىق بولغان مەھسۇلات ئىزدەش بولسا تەبئىيلا بىرىنچى قەدەم. ھازىر ئىككى خىل ئۇسۇل بار بولۇپ: كەسىپ ئىلھامى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى قېزىش. بەزى چاغلاردا، كەسىپ ئىلھامى كارخانىغا قانداق مەھسۇلاتلارغا گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنى يۈرگۈزۈشنى ئېيتىپ بېرىدۇ. كەسىپ ئىلھامى ھەقىقەتەن بىر خىل تېز سۈرئەتتە گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنى بېكىتىش ئارقىلىق مەھسۇلات سېتىش ئۇسۇلىدۇر. بىراق، پەقەتلا كەسىپ ئىلھامىغا تايانغاندا نۇرغۇنلىغان سودا پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشى مۇمكىن، چۈنكى مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا، بىر قىسىم گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئاشۇ يوشۇرۇن گىرەلەشمە  سېتىش پۇرسىتىنى ئىزدىگەندە، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىشلىتىشچان قورالى سانلىق مەلۇماتلارنى قېزىشتۇر. زەنجىرسىمان تەھلىل قىلىش بولسا سانلىق مەلۇماتلارنى قېزىشنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ئۇسۇل، ئۇ تارىخىي سانلىق مەلۇماتلار ئىچىدىن مەھسۇلات ۋە مەھسۇلات ئوتتۇرىسىدىكى ماس مۇناسىۋەتنى ئىزدەپ تېپىپ، شۇ ئارقىلىق گىرەلەشمە سېتىشقا ئەڭ ماس بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت مەيدانغا كېلىدۇ. بىراق، زەنجىرسىمان تەھلىل قىلىشنىڭ نەتىجىسى چوقۇم كەسىپ بىلىملىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ توغرا بولۇشى ۋە قىممىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا، دائىم كەسىپ ئىلھامى بىلەن سانلىق مەلۇمات قېزىشنى بىرلەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ماس بولغان گىرەلەشمە سېتىش مەھسۇلاتىنى بېكىتىش.
2. خېرىدار تەھىلىل قىلىش 
ئەگەردە سېىش مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتكەندە، چوقۇم خېرىدار ئورنىنى بېكىتىش كېرەك. ئاساسلىقى ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر ۋاقىتلىق ياكى ئىلگىرى كېيىنلىك سېتىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش، شۇ ئارقىلىق گىرەلەشمە سېتىشنى تەكلىپ-پىكىر بىلەن تەمىنلەش. ئادەتتە ئېيتقاندا، ئەگەر خېرىدار سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ سېتىۋېلىش ئۇچۇرىنى ھازىرلىغاندا، زەنجىرسىمان تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق مەھسۇلات ۋە مەھسۇلات ئوتتۇرىسىدىكى ماس مۇناسىۋەت دەرىجىسىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق گىرەلەشمە سېتىشنىڭ نىشانى بېكىتىلىدۇ.
#p#
زەنجىرسىمان تەھلىل قىلىش پارچە سېتىش كەسپىدىن پەيدا بولغان، ئۇنىڭ تىپىك مىسالى بولسا پىۋا بىلەن زاكىنىڭ ھېكايىسى. سانلىق مەلۇمات قېزىش خادىملىرى سودا سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، پىۋا بىلەن زاكىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا سېتۋېلىش ماسلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقىنى بايقىغان. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەسلىدىكى بالىسى بار دادا ئۆزىگە پىۋا سېتىۋالغاندا، دائىم ئۆزىنىڭ يېڭىلا تۇغۇلغان ئوغۇل-قىزلىرىغا زاكا سېتىۋالدىغانلىقىنى بايقىغان. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تاللا بازار خادىمى ۋاقتىدا مەھسۇلاتنىڭ تىزىلىش ئورنىنى تەرتىپكە سېلىپ، شۇ ئارقىلىق خېرىدارنىڭ سېتىۋېلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىشى كېرەك. ھازىر مۇشۇنداق سانلىق مەلۇمات قېزىش تېخنىكىسى ئاللىبۇرۇن چەتئەل كارخانىلىرىدا كەڭ ئىشلىتىلىپ، خېرىدارغا ئوخشاش بولمىغان ھەرخىل مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى سېتىپ چىقاردى. تۈرگە ئايرىش شەكلىنىڭ ئىشلىتىلىش ئارقىلىق بارلىق خېرىدارلارنىڭ كۆرسىتىلگەن مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش مۇمكىنچىلىكىنى مۆلچەرلەپ، شۇ ئارقىلىق كىمنىڭ مۇشۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقاپ چىققىلى بولىدۇ.
 
3. تاللاپ مۆلچەرلەش
تاللىۋېلىنغان خېرىدارلارنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، تاللىۋېلىنغان پۈتكۈل يوشۇرۇن خېرىدارغا گىرەلەشمە سېتىشنى يۈرگۈزۈش، ياكى ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنى تۈرگە ئايرىپ ئۇسۇلىدا نومۇر قويۇپ باھالاشنى ئېلىپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق سېتىۋالغۇچى چوڭ خېرىدارنى تېپىپ چىقىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سېتىۋېلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. بىراق بىر قىسىم ئەھۋال ئاستىدا، مەھسۇلات بىلەن مەھسۇلات ئوتتۇرىسىدىكى ماس مۇناسىۋەتكە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمىز، پەقەت ھازىر بار بولغان خېرىدار ئىچىدىن بەلگىلەنگەن مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ بولغان خېرىدارنى تاللىۋېلىش، شۇنداقلا بۇ خېرىدارنىڭ قانداق مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشغا چەك قويماسلىق كېرەك. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، بىز بىۋاسىتە تۈرگە ئايرىش شەكلىنى ئىشلەتسەكلا بولىدۇ.
#p#
بەلگىلەنگەن مەھسۇلات A غا نىسبەتەن، خېرىدارنىڭ A نى سېتىۋېلىش ئالدىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش ئۇچۇرى ۋە باشقا مەھسۇلات سودا سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى توپلاش.  A نى سېتىۋالغان خېرىدارغا نىسبەتەن، ئۇنىڭغا 1 قىممەتنى بەرسەك، A نى سېتىۋالمىغان خېرىدارغا 0 قىممەتنى بېرىشكە بولىدۇ. ئىلىم-پەننى ئۈنۈملۈك قوللىنىپ، بازارنى ئىنچىكە ئايرىش ئۆلچىمى ۋە بازارنى ئىنچىكە ئايرىش ئۇسۇلىنى بارلىق خېرىدارلارغا سىستېمىلىق چوڭقۇر بولغان بازارنى ئىنچىكە ئايرىشنى يۈرگۈزۈش. ھەر قايسى ئىنچىكە ئايرىلغان بازارنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش يوشۇرۇن كۈچى، رىقابەت دەرىجىسى، بايلىق تەلىپى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئىلمى باھالاش ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا ئېنىق بولغان خېرىدار توپى نىشانىنى تاللاش.
 
4. ھەمكارلىق شېرىكىنى بەلگىلەش
كارخانا دائىم تېخىمۇ ئاز كۈچ-قۇۋۋەت ۋە تەننەرخ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بولغان يوشۇرۇن خېرىدار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، مول بولغان ئۇچۇر ياكى ئېتىبار بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق كىشىلەرنى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلىپ، ئەڭ ياخشى ھەمكارلىشالايدىغان شېرىكىنى ئىزدەپ تاپىدۇ. ھەمكارلىق شېرىكىنى تاللىغاندا، ئۇلار ئەمەلىي تەمىنلىگەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە قارىماستىن بەلكى قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۇلار مۇلازىمەت قىلغان خېرىدار توپىغا كۆپ دىققەت ئېتىبارىنى بېرىش كېرەك. ئەڭ ياخشى ھەمكارلىق شېرىكى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان بولىدۇ: ئوخشاش بولغان خېرىدار توپىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ بىراق ئوتتۇرىدا رىقابەت بولمايدۇ؛ شېرىك كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئۆز-ئارا ئوخشاشلىققا ئىگە بولۇپ ئورتاق ئىشنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ؛ كارخانا قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىغان خېرىدارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ ئىككى تەرەپنىڭ سودا سۇس ۋە راۋاجلانغان پەسلى ئۆز-ئارا بىر بىرىنى توللۇقلايدۇ، بىر تەرەپتە سۇس پەسىل بولغاندا، يەنە بىر تەرەپتە دەل راۋاجلىنىش پەسلى بولۇپ، بىر تەرەپنىڭ خېرىدار توپى ئاز بولغاندىمۇ يەنە بىر تەرەپنىڭ ھازىر بار بولغان خېرىدار توپىدىن چوڭ بولۇپ، قارشى تەرەپتە بولمىغان بايلىققا ئىگە بولىدۇ، يەنى يۇقىرى زىيارەت قىلىنغان تور بېتى، ئوخشاش بولمىغان ئىنچىكە ئايرىلغان بازار قاتارلىقلار؛ ئىككى تەرەپتە ئۆز-ئارا باغلاپ سېتىشقا بولىدىغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بار بولغان بولىدۇ؛ قىممەت قارىشىنى ئۆز-ئارا قوبۇل قىلىدۇ. يوشۇرۇن خېرىدار بىلەن يېقىنلاشقاندا، ئاۋۋال ئۆزى ئويلاپ چىققان بىر خىل يېڭى ئامالىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئوخشاش ياكى تېخىمۇ ئاز بولغان چىقىم ۋە ۋاقىت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خېرىدار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئاندىن ئۆزى بىر خىل ئاددىي بولغان ئۇسۇلىنى سىناپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ گىرەلەشمە بازارشۇناسلىققا بولغان ياخشى تەرىپى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ چىقىدۇ.
#p#
5. ئۈنۈمىنى باھالاش 
بۇنىڭدىن كېيىنكى گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق پىلان لايىھەسىنىڭ سۈپىتى ۋە گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنىڭ پائالىيەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر بىر قېتىملىق بازارشۇناسلىق پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چوقۇم پىلان لايىھەسىگە ئاساسەن گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقنىڭ ئۈنۈم باھالاش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلىنى ۋاقتىدا گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈم باھالاش ۋە تەجرىبە خۇلاسىلەش بىلەن بىرگە  ئېلىپ بېرىش كېرەك. 
بىۋاسىتە ئۈنۈم باھالاش. مەسىلەن خېرىدار سانى، بازارشۇناسلىق ROI، گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق كىرىمى، گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق تەننەرخى قاتارلىقلار.
ۋاسىتىلىك ئۈنۈم باھالاش. مەسىلەن گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق پائالىيىتى يېڭى ۋە كونا خېرىدارلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرى؛ گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق پائالىيىتىنىڭ ماس كەسىپ ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرى؛ گىرەلاشمە بازارشۇناسلىق پائالىيىتىنىڭ خېرىدار ئىخلاسمەنلىگە بولغان تەسىرى؛ گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق پائالىيىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتى ۋە كارخانا ئوبرازىغا بولغان تەسىرى؛ گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق پائالىيىتىنىڭ بىرلەشمە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە بولغان تەسىرى؛ گىرەلەشمە بازارشۇناسلىق پائالىيىتىنىڭ رىقابەت مۇناسىۋىتى ۋە رىقابەت ۋەزىيىتىگە بولغان تەسىرى قاتارلىقلار.
تەجرىبە ۋە ساۋاق يەكۈنلەش. ئەستايىدىللىق بىلەن گىرەلەشمە بازارشۇناسلىقىنىڭ نىشانى، بازارنى ئىنچىكە ئايرىش، نىشانلىق خېرىدارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ھەمكارلىق شېرىكى تاللاش، مەھسۇلات تاللاش، پىلان لايىھەلەش، ئەمەللىيلەشتۈرۈش جەريانىنى تىزگىنلەش قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەجرىبە ياكى ساۋاقنى تەھلىل قىلىش ۋە يەكۈنلەش.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى