ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىدارە «ئارقىدا قالغاننى شاللايمىز» دەپ بەلگىلىسە قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟

ئىدارە «ئارقىدا قالغاننى شاللايمىز» دەپ بەلگىلىسە قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-19 ئاۋاتلىقى: 362 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىدارە «ئارقىدا قالغاننى شاللايمىز» دەپ بەلگىلىسە قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟

 

جاۋاب: «ئارقىدا قالغاننى شاللاش» كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر تۈرلۈك باھالاش ئۆلچىمى، بىر خىل ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانۇنغا خىلاپ ئەمەس. لېكىن «ئارقىدا قالغاننى شاللاش» تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىش ئىشلىتىش مۇناسىۋىتىگە ئىشلەتسە، پەقەت «ئارقىدا قالغان»لا بولسا ئاق-قارىنى ئايرىماي شاللىۋەتسە، بۇ خىل قىلمىش كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ.

 

بۇ يەردە ئادەتتە ئىككى خىل ئەھۋال بار: بىرىنچىسى ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختامىدا ئىدارە «ئارقىدا قالغاننى شاللاش»نى ئاساس قىلىپ خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشاتسا بولىدۇ دەپ كېلىشكەن بولسا، «ئارقىدا قېلىش» ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، كېلىشىم بويىچە توختام مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا، بۇنىڭدا ھېچقانداق مەسىلە يوق. ئىككىنچىسى، ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختامىدا بۇ ماددا توغرىسىدا كېلىشمىگەن بولسا، ئىدارە «ئارقىدا قالغاننى شاللاش»نى ئاساس قىلىپ توختام مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا، بۇ قانۇنغا خىلاپ.

 

چۈنكى «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەمگەكچى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، ئىدارە ئالدى بىلەن تەربىيەلىشى ياكى خىزمەت ئورنىنى تەڭشىشى كېرەك، شۇنداقتىمۇ ئەمگەكچى يەنىلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، يەنە ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك. بۇ بەلگىلىمە ئەمگەكچىگە بىر تەربىيەلىنىش ۋە خىزمەت ئورنىنى تەڭشەش جەريانى بەرگەن.
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى