ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقى دېگەن نېمە؟

ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقى دېگەن نېمە؟

ۋاقتى: 2016-03-31 ئاۋاتلىقى: 401 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بازارشۇناسلىقتا ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقى دېگىنىمىز تاۋار تەمىنلىگۈچى مەقسەتلىك ھالدا مەھسۇلات مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، تەمىنلەش-ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقتەك "ساختا ھادىسە"نى پەيدا قىلىپ، تاۋارنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى باھادا سېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە پايدىغا ئېرىشىشنى نىشان قىلغان سېتىش تاكتىكىسىدۇر.
شەكلەن قارىماققا ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقى مەشغۇلات ئاددىي، ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ھەيران قالارلىق باھا بېكىتىپ، يۇشۇرۇن ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىپ، ئاندىن مال تەمىنلەش مىقدارىنى چەكلەپ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىقتەك ساختا ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق باھانى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمما ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنىڭ ئاخىرقى رولى ھەرگىزمۇ باھانى تەڭشەش ئەمەس، بەلكى ماركىغا قوشۇمچە قىممەت ھاسىللاندۇرۇش. بۇ قوشۇمچە قىممەت مۇسبەت ھەم مەنپىي دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.

 
ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنىڭ باش-ئاخىرى «داڭلىق ماركا» ئامىلىغا سىڭدۈرۈۋېتىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشى ئاۋۋال چوقۇم كۈچلۈك بولغان ماركا ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. دەل «داڭلىق ماركا» ئامىلى مەۋجۇت بولغاچقا، ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقى بىر قوش بىسلىق پىچاق بولۇپ، پىچاقنى ياخشى ئىشلەتكەندە، ئەسلىدىكى ئەۋزەللىككە ئىگە ماركىنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا بولىدۇ؛ ئەگەر پىچاقنى ياخشى ئىشلىتەلمىسە، ئۆز ماركىسىغا زور زىيان ئېلىپ كېلىپ، ماركىنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.
كۈچلۈك ئەۋزەللىككە ئىگە ماركا، سۈپەتلىك مەھسۇلاتقا قالتىس سېتىش تاكتىكىسىنى قوللىنىش ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنىڭ ئاساسىدۇر. ياگې (雅阁)، جىيامېي (佳美) جۇڭگودا كۆپ يىللىق ئاساسقا ئىگە. ھازىرچە قارايدىغان بولساق ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنى ئەڭ ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئەڭ تەسىرچانلىققا ئىگە قىلغىنى شىياۋمى شىركىتىنىڭ شىياۋمى تېلېفونىنى سېتىشى بولسا كېرەك.
#p# 
ئەمما شىياۋمى ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنى باشقىچە بىر ئەندىزە بىلەن ئومۇملاشتۇردى. يەنى ئۇلار گەرچە ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنىڭ نەزەرىيە ئاساسىدىكى «تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق»نى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما «باھانى ئۆستۈرۈپ كۆپ پايدا ئېلىش»نى قوللانمىدى. يەنى شىياۋمى شىركىتىنىڭ قوللانغىنى مەھسۇلاتىنىڭ سەپلىمىسى نىسبەتەن يۇقىرى، ئەمما باھاسى ئالاھىدە تۆۋەن (ئوخشاش سەپلىمىدىكى Apple ،Samsung ،HTC قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئاساسەن 3000 مىڭدىن چۈشمەيدۇ.) ئەمما شىياۋمىنىڭ بولسا پۈتۈن دۇنيا بويىچە بىر تۇتاش باھا بولغاندىن سىرت، ئىستېمالچىلارنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە تۆۋەن بولۇپ (شىياۋمى تېلېفونى دەسلەپ بازارغا سېلىنغاندا شۇنداق ئىدى، ئەمما ھازىر بىر قىسىم يېڭىدىن بۇ ساھەگە كىرگەنلەر باھا ئۇرۇشى قوزغاپ، بۇ ساھەنى بەكلا قالايمىقان قىلىۋەتتى) بىر تۇتاش ھالدا 1999 يۈەندىنلا سېتىپ، ھەقىقى مەنىدىكى «ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ھەيران قالارلىق باھا»نى ئومۇملاشتۇرغان. 
ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىدا، مەھسۇلات تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق ھالىتىدە تۇرغان ھامانلا، باھا قوشۇپ سېتىش بازار ھالىتى (تاۋباۋدا شىياۋمىنىڭ باھاسى نىسبەتەن يۇقىرى)دە، ماركا شەكىلسىز ھالدا زور دەرىجىدە تەشۋىق قىلىنىش ئۈنۈمى يارىتىلىپ، ئۇنىڭ قىممىتى ۋە چاقىرىق كۈچى ھەسسىلەپ ئېشىپ، كېيىنكى سېتىش ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ ھەمدە ساداقەتمەنلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئىستېمالچىلار توپىنى يارىتىدۇ.
شۇڭا، ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنى ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى "تۆۋەن باھا--مىقدارنى چەكلەش--باھا قوشۇپ سېتىش" دەپ قارىۋېلىشقا بولمايدۇ. كەمىنىنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنى ئەڭ ياخشى تەتقىق قىلغۇچى شىياۋمى شىركىتىنىڭ CEO ى لېي جۈن بولسا كېرەك. دەل لېي جۈننىڭ ئۆزگىچە تاكتىكا ۋە كۈچلۈك نەزەرىيە ئاساسى، مول تەجرىبىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ رەقىبلىرى ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى، لېي جۈنگە تەن بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. (مەسىلەن، 360 نىڭ CEO ى جوۋ خۇڭيى ۋە كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر نەچچە شىركەتلەر بىردەك لېي جۈنگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق تەن ئالغان.) 
يۇقىرىدا تىلغا ئېلېنغاندەك، كۈچلۈك ئەۋزەللىككە ئىگە ماركا، سۈپەتلىك مەھسۇلات، ئالاھىدە قالتىس بولغان سېتىش تاكتىكىسى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساس. رىقابەتچىسىنى ياخشى چۈشەنمىگەندە، ئۆزىنى ياخشى تونۇيالمايدۇ-دە، بۇنداق ئەھۋالدا ئاددىي ھالدا مەشغۇلات قىلىپ ئاچارچىلىق بازارشۇناسلىقىنى قوللىنىش ناھايىتى خەتەرلىكتۇر.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى