ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈم ئىسلاھاتى

كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈم ئىسلاھاتى

ۋاقتى: 2016-08-16 ئاۋاتلىقى: 616 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «كادىرلار ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى» بۇ يەردە!

 

كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈم ئىسلاھاتى

 

1987-يىلى 10-ئايدا،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئون ئۈچىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا، كادىرلار تۈزۈمىنى ئىسلاھات قىلىش، ئۆتمۈشتىكى مەركەزلىك بىر تۇتاش باشقۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلمىي تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قۇرۇش؛ پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ بىر خىل ھالەتتە بارلىق خادىمنى باشقۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈش؛ دېموكراتىك تۈزۈم كەمچىل بولغان ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، كادىرلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 

كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسا دۆلەت مەمۇر تۈزۈمىنى قۇرۇپ چىقىش، يەنى قانۇن تۈزۈم بېكىتىپ، ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ سىياسىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، دۆلەت مەمۇر خادىمى ئىجرا قىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ ئىلمى باشقۇرۇش. دۆلەت مەمۇرىي سىياسىي ۋە كەسپىي دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. سىياسى مەمۇرغا، چوقۇم ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا تەشكىل قانۇنغا ئاساسەن باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىپ،يۋەزىپە مۇددەت تۈزۈمى يۈرگۈزىلىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئاشكارا نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىكلىكى ھەرقايسى پارتكوم قانۇنىي تەرتىپكە ئاساسەن خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ھەرقايسى سىياسىي مەمۇر كاندىدات ئەزاسىنى تەۋسىيە قىلىپ، سىياسى مەمۇر ئىچىدىكى پارتىيە ئەزاسىنى نازارەت قىلىدۇ. كەسپى مەمۇر دۆلەتنىڭ مەمۇر تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇلۇپ، دائىمىي ۋەزىپە تۈزۈمىنى يۈرگۈزىدۇ. ئومۇمەن كەسپى مەمۇر سېپىگە كىرگەنلەر، چوقۇم قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئاشكارا رىقابەتلىشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى ئېنىق، ئۇلارنى باھالاش قانۇنىي تەرتىپ ۋە ئۆلچەم بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆرلەش تۆۋەنلەش مۇكاپاتلىنىش جازالىنىشى ئەمەلىي نەتىجىنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىش، مائاش، پاراۋانلىق ۋە پېنسىيىگە چىقىش ھوقۇقى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى