ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئاللىبۇرۇن ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىشنىڭ خەتىرى بارمۇ؟

ئاللىبۇرۇن ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىشنىڭ خەتىرى بارمۇ؟

ۋاقتى: 2015-06-06 ئاۋاتلىقى: 670 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئاللىبۇرۇن ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىشنىڭ خەتىرى بارمۇ؟

 

ئالىم (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مەلۇم شىركەتنىڭ بازار بۆلۈمىنىڭ كەسپ بىجىرگۈچىسى ئىدى، يېقىندا، شىركەت ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كەسپ مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتتى، ئۇ شىركەتكە ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسى سۇندى. شىركەت ئالىمنىڭ ئىستىپا ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن 30 كۈن ئىچىدە شىركەتكە ماسلىشىپ ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى، 30 كۈن توشقاندىن كېيىن شىركەتتىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى. خىزمەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتى بىجىرىش جەريانىدا، شىركەت ئالىمنىڭ خىزمەتتىكى ۋاقتىدا كاماندىروپكا ھەققىنى ساختا دوكلات قىلىش ۋە باشقا مالىيە تۈزۈمىدىن قېچىش ئەھۋاللىرى بارلىقىنى بايقىدى. شىركەت «شىركەتنىڭ مالىيە تۈزۈمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبى بىلەن ئالىمنى ئىشتىن بوشىتىشنى قارار قىلدى، لېكىن يەنە شىركەتكە پايدىسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىدى. ئۇنداقتا، ئاللىبۇرۇن ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسىنى ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىشنىڭ بىرەر قانۇنىي خەتىرى بارمۇ؟

 

پايدىلىنىش تەكلىپى:

 

بەزى كارخانىلار پەقەت چوڭ زىيان سالمىغان بولسىلا، خىزمەتچى تېزلا خىزمەتتىن ئايرىلىدىغان بولغاچقا، «ئۇنى بىر قېتىم قويۇۋەتسەكمۇ» ھېچقىسى يوق دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزى كارخانىلار خىزمەتچىلەرنىڭ قەستەن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشى كارخانىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە بولغان ئېغىر خىرىس، بۇ خىل خىزمەتچىلەرگە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق چارىسى كۆرۈش كېرەك، ھەتتا ئىشتىن بوشىتىش كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدەك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇتلەق ئۇسۇلى ۋە ئەندىزىسى يوق، شارائىتقا، ئادەمگە قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئەگەر بۇ خىزمەتتىن ئايرىلماقچى بولۇۋاتقان ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان خىزمەتچىلەرگە چارە كۆرمىسە، خىزمەتتىكى خىزمەتچىلەرگە ناچار تەسىر پەيدا قىلىپ قويۇپ، كارخانىنىڭ ساغلام مۇھىتىغا ئېغىر زەربە بېرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر كونكرېت ئەھۋالنى ئايرىماي ھەممىنى بىر توقماقتا ھەيدەپ قاتتىق بىر تەرەپ قىلسا، تاشنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۇرۇۋېلىپ، زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىۋېلىشى مۇمكىن.

 


«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمگەك ماجرا دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا قوللىنىدىغان قانۇنلارغا ئائىت بىرقانچە مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەندۈرۈشى»نىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قوغلاندى قىلىشى، تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىشى، ئىشتىن بوشىتىشى، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشى، ئەمگەك ھەققىنى تۆۋەنلىتىشى، ئەمگەكچىنىڭ خىزمەت مۇددىتىنى ھېسابلىشى قاتارلىق قارارلىرى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئەمگەك ماجراسىدا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇڭا، شىركەت ئەمگەك ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبى بىلەن ئالىمنى ئىشتىن بوشاتسا، «ئالىمنىڭ ئەمگەك ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى» ۋە «ئالىمنى ئىشتىن بوشاتقانلىقىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى»گە قارىتا ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىسپات ئاساسلىقى مونۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قانۇنلۇق تۈزۈلگەن ھەم ئالىمغا قارىتا قانۇنلۇق كۈچكە ئىگە بولغان قائىدە-تۈزۈم، ئالىمنىڭ مالىيە تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان تالونى، شىركەتنىڭ ئىشتىن بوشىتىش قارارى چىقىرىشىنىڭ ئاساسى، قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشتىن بوشىتىش تەرتىپى قاتارلىقلار. بۇ ئىسپاتلار بىر پۈتۈن ئىسپات زەنجىرى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك، ئىچىدىكى بىرەرسى كەم بولۇپ قالسا، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغانلىق ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، كارخانا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا، ئىقتىسادىي تولۇقلىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ئەمگەكچىگە تۆلەم تۆلىشى كېرەك. ئەمگەكچىنىڭ ئاكتىپ ئىستىپا بەرگىنىگە سېلىشتۇرغاندا، كارخانىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش قارارىنىڭ قانۇنىي ئاقىۋەت ۋە ئىقتىسادىي زىياننى ئۈستىگە ئېلىش خەتىرى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

 

مۇشۇ دېلونى مىسالغا ئالساق، ئەگەر ئالىمنىڭ قىلمىشىنىڭ شىركەتكە ئېلىپ كەلگەن زىيىنى چوڭ بولمىسا، باشقا خىزمەتچىلەردىمۇ تەۋرىنىش ھاسىل قىلمىسا، شىركەت «ئۇنى بىر قېتىم قويۇۋېتىپ»، ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلاشسا بولىدۇ؛ ئەگەر ئالىمنىڭ قىلمىشى شىركەتكە زور ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلغان، خىزمەتچىلەرنىڭ ئارىسىدا يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، شىركەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئاساسى قىلىدىغان مۇكەممەل تۈزۈمى بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ كەينىدىن شۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ ئەگەر ئالىمنىڭ قىلمىشى شىركەتكە زور سوممىلىق ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلگەن، لېكىن شىركەتنىڭ بۇ قىلمىشنى چەكلەيدىغان مۇكەممەل تۈزۈمى يوق بولسا، شىركەت ئۇچرىغان زىياننى قايتۇرۇۋېلىشقا ھەقلىق، جازالاش قارارى چىقىرىش-چىقارماسلىققا كەلسەك، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىپ، ھاسىل بولۇشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىقتىسادىي زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى