ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئاڭدا ۋە پەمدە يۈكسىلەيلى

ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئاڭدا ۋە پەمدە يۈكسىلەيلى

ۋاقتى: 2016-01-03 ئاۋاتلىقى: 688 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ سودا - تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىش تارىخىمىز ئۇزاق ، سودىگەرچىلىك بىلەن داڭقى چىققان ئاتۇشلۇق سودىگەرلەر ، ئىلىلىق سودىگەرلەر ، قەشقەرلىق سودىگەرلەر بار . يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 10 مېليون ھەتتا 100 مېليونلاپ سەرمايلىك بولۇپ قالغان ئۇيغۇر بايلرىمۇ پەيدا بولماقتا .

لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ سودا - تىجارتىگە نەزەر سالدىغان بولساق شۇنى بايقايمىزكى ، بىز بۇ مىللەتتە تاكى ھازىرغا قەدەر تۈززۈككىنە زامانىۋى كارخانا بارلىققا كەلگنى يوق  ئالىي پەن - تېخنىكىلىق سانائەتكە ۋە نەپىس - يۈكسەك سانائەتكە قەدەم باسقانلار تېخمۇ ئاز .

سودا - تىجارەتكە ماھىر مىللەت نىمە ئۈچۈن بۈگۈنگىچە بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ؟

بۇ مەسىلە مەمىلكەت ئىچىدىكى مىللەتلەر پۈتۈنلەي زامانىۋى جەمئىيەتكە قاراپ يۈكسىلىش يولىدا يەڭلىرىنى شىمايلاپ ئىجتىمائى بۇرۇلۇش قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆز ئالدىمىزدا بارغانسېرى روشەن نامايەن بولماقتا .

ئىجتىمائى بۇرۇلۇش ياساش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىللىي ئىقتىساد جەھەتتە بۇرۇلۇش ياساشقا توغرا كېلىدۇ . مىللي ئەنئەنىۋى ئىقتىسادنى زامانىۋى ئىقتىسادقا بۇراش ئۈچۈن زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ۋە خەلقئارا ئىزغا چۈشكەن كارخانا تۈركۈمى يول باشلاپ مېڭىشى ۋە يار - يۆلەك بولۇشى شەرت . ئۇنىڭدىن قالسا ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇ زامانىۋى كارخانىلار تۈركۈمى زامانغا يارىشا راۋاج تاپقاندىلا ، پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمى قەدىمىگە يېتىشىپ ماڭالايدۇ . دېمەك ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز ئىقتىسادنى بۇرىيالايدۇ ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىللەتنىڭ ئىجتىمائى بۇرۇلىشىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ .

ھەر قانداق بىر مىللەت مۇشۇنداق تارىخى پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويسا ، خۇددى ئاخىرقى نۆۋەتلىك ئاپتۇبۇسقا ئۈلگۈرەلمەي ھەسرەتتە قالغاندەك ، ھەتتا تارىخ سەھىپسىدىن رەھىمسىزلەرچە شاللاپ تاشلىنىدۇ .

پېقىر مۇخبىر يېقىندا رايونىمىزدىكى بەزى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىمىزنىڭ يېڭى قۇرغان زامانىۋى كارخانلىرىغا زىيارەت قىلىپ باردىم ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىلىپ باقتىم . مەسىلەن ، شىنجاڭ ئارمان كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ نوقۇت ، شىنجاڭ ئامىنە كەسپى چەكلىك شىركىتىنىڭ تەييار چۆپلىرى ، ئۈرۈمچى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچە كومپېيوتېر يۇمشاق دېتال مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقىلار . بۇلار كۆرگەن - ئاڭلىغان كىشلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ . ھاياجانلاندۇرىدۇ . بۇ كارخانىلارنىڭ جۇشقۇن تەرەققىياتى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى : پەم _ پاراسەتنى ئۈزۈل -كېسىل يېڭىلاپ ، ئەنئەنىۋى سودا - تىجارەت دائىرلىرىنى ئۆزگەرتىپ ، دەۋىرنىڭ ئېقىمىغا يېقىندىن ئەگشىپ ، ئالدىنقى مىللەتلەرنىڭ زامانىۋى تىجارەت ئەقىدىلىرىنى ۋە پەن - تېخنىكىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ، قوبۇل قىلىپ ، جاپاغا چىداپ ئىشلىسەكلا ئەنئەنىۋى كارخانىدىن زامانىۋى كارخانىغا ئۆتۈش مەقسىتىگە يېتىشىمىز تامامەن مۈمكىن .

ھالبۇكى ھازىر خېلى كۆپ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىمىز مۇئەييەن سەرمايە ( كاپىتال ) جۇغلىغان بولسىمۇ ، بىر ئۇنداق - بىر بۇنداق ئەندىشىلەردە بولۇپ ، كۆمسەم كۆيەرمىكىن ، ياقسام پىشارمىكىن دېگەندەك غەملەر ئاستىدا بېسىلىپ قېلىپ ، سەرمايىلىرىنى ئوقەتكە سالدىغان غەنىيمەت پۇرسەتلەرنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۋاتىدۇ .

بازار دېمەك جەڭگاھ دېمەكتۇر . ئۇنى سەن ئۆز پەيتىدە ئىلكىڭگە ئالالمىساڭ ، باشقىلار ئىلتىپات قىلمايدۇ ، ئىگلىۋالىدۇ . سەن ئەمدى دەسمايە سالدىغان مۇھىت ۋە شەرت - شارائىت ھازىرلاندى دېگەن چاغدا ، بازاردىن ساڭا ئورۇن قالمايدۇ ، ئۇ چاغدا دوللارنى تاغارلاپ يۈدۈپ يۈرسەڭمۇ نېمىگە ئەسقاتار؟ !

ئەلۋەتتە ، تارىخى سەۋەبلەر تۈپەيلى ، ئۇيغۇر سودىگەرلىرىمىز نىڭ بەزىسىنىڭ ساپاسىى ئومۇمەن تۆۋەنىرەك ؛ بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تىل ، پۇل مۇئامىلە جەھەتلەردىكى بىلىملىرى ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي قائىدە قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملىرىنى ھەقىقەتەن يوقىرى كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك . لېكىن ، بۇلار ئۇلارنىڭ بىر ئىزدا توختاپ تۇرۇشىغا باھانە - سەۋەب بولالمايدۇ . ھازىر ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئىچىدە مۇنداق ئەھۋال بار : بىر تەرەپتىن بىر تۈركۈم سودىگەرلەرنىڭ قولىدا 10 مېليون ، ھەتتا 100 مېليون سەرمايە بار ، بۇ پۇللارنىڭ تولىسى بىكار تۇرۇپتۇ ؛ يەنە بىر تۈركۈم ياش، قاۋۇل زامانىۋى سودىگەرچىلىك بىلەن مەشغۇل بولالايدىغان ، زامانىۋى سودىگەرچىلىك بىلەن مەشغۇل بولالايدىغان ، زامانىۋى كارخانىلارنىڭ  ئىشىنى يۈرۈشتۈرەلەيدىغان بىلىملەرگە ئىگە ياشلار بار، ئەمما پۇلى يوق . بۇ قىممەتلىك ئىككى خىل ئىمكانىيەت جانلىق ، ئۈنۈملۈك كىرىشتۈرۈلگەن ئەمەس . بۇلارنى تۈپ- نېگىزدىن ئۈنۈملۈك كىرىشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى پۇلى بار سودىگەرلەرنىڭ بىلىملىك بولۇش سەۋىيىسى ۋە مىللەتنىڭ غەم - قايغۇسىنى يىيىش ئېڭىدۇر . بۇلار ئۆز ئېڭىنى زامانغا يارىشا بۇرىشى لازىم . ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى ياش ، قاۋۇل ، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەملەرنى ئىشقا سالغاندىن  باشقا ، تار مىللي ئادەۋەتلەرنى تاشلىشى ، مىللىي ئايرىمچىلىقلارنى تاشلىشى ، قورسىقىنى دەريا -دېڭىزدەك كەڭ تۇتۇپ، پەم - پاراسەتلىك ھەم پەزىلەتلىك ئادەملەرگە ئىش بېرىشى ، كارخانىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ ، ئالدىنقى قاتاردىكى باشقا مىللەت مۇتەخەسسلىرىنى كۆپلەپ تەكلىپ قىلىپ ئىشلتىشى لازىم . شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن زامانىۋى كارخانا قاتارىغا ھەقىقى يوسۇندا ئۆتكىلى بولىدۇ .

 

تەرجىمەشۇناس باقى ئارتىشنىڭ كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى