ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوبيېكتىپ ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ ئۆزگەرتەلمەي، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا تولۇقلىما بېرەمدۇ؟

ئوبيېكتىپ ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ ئۆزگەرتەلمەي، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا تولۇقلىما بېرەمدۇ؟

ۋاقتى: 2016-02-05 ئاۋاتلىقى: 529 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئوبيېكتىپ ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ ئۆزگەرتەلمەي، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا تولۇقلىما بېرەمدۇ؟

 

جاۋاب: ئەمگەك توختامىنى تۈزگەندە ئاساسلانغان ئوبيېكتىپ ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولماي قالسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئەمگەك توختامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشتە بىرلىككە كېلەلمىسە، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن يازما شەكىلدە ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىگە ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن ياكى بىر ئايلىق مائاشىنى ئارتۇق بەرگەندىن كېيىن، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

 

بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئىدارە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا، ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇل بېرىشى كېرەك.

 

ئەلۋەتتە، ئەگەر ئوبيېكتىپ ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولماي قالسا، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ بولىدۇ. لېكىن «ئەمگەك توختام قانۇنى» بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن چوقۇم ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇل بېرىشى كېرەك دەپ بەلگىلىمىگەن. شۇڭا، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرسە، ئەمگەكچى يەڭگىللىك بىلەن ئاكتىپ ھالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى