ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(4)

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(4)

ۋاقتى: 2014-06-08 ئاۋاتلىقى: 743 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(3)» بۇ يەردە!

 

تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مىساللىرى(4)

 

تۆتىنچى مىسال:


تېكساس ئەسۋاب شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشى


ئامېرىكا تېكساس ئەسۋاب شىركىتى (TI) 1930-يىلى قۇرۇلغان يەر شارى خاراكتېرلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى. بۇ شىركەت DSP ۋە تەقىلىدلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. ئامېرىكا تېكساس ئەسۋاب شىركىتى يېرىم ئۆتكۈزگۈچتىن باشقا يەنە سېنزور، كونتروللىغۇچ ۋە ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ شىركەت ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدىكى داللاسقا جايلاشقان، 25تىن ئارتۇق دۆلەتتە ياساش، تەتقىق قىلىش ۋە سېتىش ئورگانلىرى بار، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 34500دىن ئاشىدۇ. 2003-يىلى كىرىمى 9.83 مىلياردقا يەتكەن.


20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان پەن-تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى تەرەققىي قىلغانلىقتىن ئىقتىساد ئەركىنلشىشكە ۋە دۇنياۋىلىشىشقا يۈزلىنىپ كارخانىلار ئارىسىدىكى رىقابەت كەسكىنلەشتى. ھەرقايسى كارخانىلار مال تاپشۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىشقا، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە،  تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە ۋە مۇلازىمەت بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە يۈزلەندى. 50 يىللىق تارىخقا ئىگە، سېتىش ۋە ياساش كارخانىلىرى دۇنيادىكى ئاساسلىق قۇرۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان شىركەت ئۈچۈن ھەر قايسى جايلاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سېتىۋېلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ئىشلىرىنى قانداق بىرلىككە كەلگەن تۈزۈلمە ئىچىگە ئېلىش ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.


 تېكساس ئەسۋاب شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتىدە يەرشارىلىشىش بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەرەر يۈزلىنىشى. لېكىن ھەر قايسى دۆلەتلەرگە جايلاشقان ياساش ئورگانلىرىدىن تەشكىل تاپقان تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئىنتايىن قىيىن. بۇنىڭ ئۈچۈن باشقۇرغۇچىلار پۈتۈن دۇنيا بازىرىنى قېزىشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. يەنە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى ياساش تەرتىپى مۇرەككەپ، تەمىنلەش زەنجىرى ئۇزۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.


تېكساس ئەسۋاب شىركىتى ئىنچىكە ئانالىز قىلغاندىن كېىين ئامېرىكا تېخنىكا شىركىتى(i2 TechnologiesInc ، قىسقارتىلىپ i2 دېيىلىدۇ) بىلەن ھەمكارلىشىشقا تاللىدى. چۈنكى i2 نىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلى تېكساس ئەسۋاب شىركىتى  يەتمەكچى بولغان نىشان بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. تېكساس ئەسۋاب شىركىتى i2نىڭ لايىھەسىدىن پايدىلىنىپ يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى پىلانىنى قانات يايدۇرۇپ يەرشارى بويىچە كەسىپلىرىنى ئەلالاشتۇردى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:


سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش: كۆپ خىل پۇل، مال توشۇش تەننەرخى، كۆپ تەمىنلىگۈچى سودىگەردىن مال زاكاس قىلغان تالون، ھېسابات، تەمىنلىگۈچى سودىگەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئانالىز قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


 

مال ئوبوروتىنى باشقۇرۇش: قاتناش ۋاستىسى ۋە ئىجارە ھەققىنى باشقۇرۇش، مال توشۇش لىنىيەسى ۋە پۇل تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار.

ئامبار ياكى مال يەتكۈزۈش مەركىزىنى باشقۇرۇش: كومپيۇتېر ئارقىلىق مال ئورنىنى ئىزدەش، مال تەقسىملەش، تاۋارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئامبارلار ئارا مال يۆتكەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

 
ئامباردىكى مال مىقدارىنى كونترول قىلىش: كۆپ خىل تەننەرخنى ھېسابلاش ئۇسۇلى؛ مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى سېتىش سوممىسى ۋە پايدىغا ئاساسەن ABC شەكلىدە تۈرگە ئايرىلىشى مۇمكىن.

 

بىۋاستە پۇل تۆلەش: خېرىدار بىۋاستە تەمىنلىگۈچى سودىگەردىن مال زاكاس قىلىش، تەمىنلىگۈچى سودىگەر مالنى بىۋاستە خېرىدارغا تاپشۇرۇپ پۇل ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بىر بىۋاستە پۇل تۆلەش تالونى ئوخشىمىغان تەمىنلىگۈچى سودىگەر تەمىنلىگەن تاۋارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ. يەنە بىر بىۋاستە پۇل تۆلەش تالونىنى نۇرغۇن كۆپ خىل مال يەتكۈزۈش تالونىغا پارچىلىغىلى بولىدۇ.

 

ئېھتىياجنى ئالدىدىن پەرەز قىلىش، ئانالىز قىلىش ۋە ئاپتوماتىك مال تولۇقلاش: كەم بولغان تاۋار ئۈچۈن ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىشقا بۇيرۇش تالونى ياكى سېتىۋېلىش تالونى چىقىرىش ئارقىلىق ئاپتوماتىك مال تولۇقلاشنى كۆرسىتىدۇ.

 

مالىيە سىستېمىسى: تاپشۇرىۋېلىشقا تېگىشلىك پۇل، بېرىشقا تېگىشلىك پۇل، ئومۇمىي ھېسابات قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش، نەق پۇل ۋە مۇقىم مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇش.


تېكساس  ئەسۋاب شىركىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى غەلبىلىك ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، كىرىستال ياپراقچە ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمى، قۇراشتۇرۇش ۋە ئۆلچەش سىناش بۆلىمى ۋە مال يەتكۈزۈش مەركىزى قاتارلىق بۆلۈملەر ئوخشىمىغان رايونىلارغا جايلاشقان بولسىمۇ خۇددى بىر يەرگە جايلاشقان زاۋۇتتەك خىزمەت قىلىدىغان بولدى. بۇ دەل بىز ئېيتقان مەۋھۇم زاۋۇت ئۇقۇمى.



ئىسلاھاتتىن كېيىن شىركەتنىڭ مەھسۇلات لايىھەلەش دەۋرى ۋە خېرىدار مال زاكاس قىلىپ تاپشۇرۇۋالغىچە بولغان ۋاقىت قىسقاردى. كۈننى بىرلىك قىلغان سىستېما بۇرۇنقى  ھەپتىنى بىرلىك قىلغان سىستىمىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئۈزلۈكسىز پىلانلاش سىستېمىسىغا ئۆتتى. بۇ بۇرۇلۇش شىركەتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تىجارەت ئەھۋالى ۋە تۆۋەندىكى شىركەتنىڭ سېتىش پىلانىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تۈزۈشىگە ۋە بەزى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بازار ئۈچۈن ئەڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. يەنە ئىسلاھات ئىشلەپچىقىرىش دەۋرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى قىسقارتقانلىقى ئۈچۈن شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى تۆۋەنلىدى. بۇ ئىقتىساد كاساتلاشقان دەۋىردىكى ئەڭ چوڭ ئۇتۇق بولدى.


تېكساس ئەسۋاب شىركىتى i2 نىڭ لايىھەسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئامباردىكى مال مىقدارىنى تۆۋەنلەتتى، بازارنى ئالدىدىن پەرەز قىلىشنىڭ توغرىلىق نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى، شىركەتنىڭ پىلانلىغۇچى خادىملىرى سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش پىلانى تۈزەلەيدىغان بولدى. I2 نىڭ لايىھەسى تېكساس ئەسۋاب شىركىتىنى پۈتۈن دۇنيادىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش لايىھەسى شىركەتنىڭ پىلانلاش جەريانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ شىركەتنى ۋاقتىدا مەسىلىلەرنى بايقاپ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنالايدىغان قىلدى.

 

تېكساس ئەسۋاب شىركىتى يېڭى تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەندىن كىيىن خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ پايچېكى ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى ياخشىلىدى. ئامېرىكا تېكساس ئەسۋاب شىركىتىنىڭ پىلانلاش باش نازارەتچىسى i2 پىلانىنى باھالاپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بىز i2 پىلانىنى يولغا قويۇپ بىرىنچى يىلى 24 مىليونلۇق مەبلەغنى قايتۇرۇۋالالايمىز». ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا 2002-يىلى ئامېرىكا تېكساس ئەسۋاب شىركىتىنىڭ سېتىش كىرىمى 8 مىليارد 400 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى. 2003-يىلى 9 مىليارد 830 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ %17 ئۆسكەن. 2003-يىلى شىركەت ئېرىشكەن پايدا بىر مىليارد 200 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى. 2002-يىلى 344 مىلىيون زىيان تارتقان.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى