ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇلازىمەتنى ياخشىلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسلىلەر

مۇلازىمەتنى ياخشىلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسلىلەر

ۋاقتى: 2016-07-25 ئاۋاتلىقى: 665 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ تەدبىرلىرى» بۇ يەردە! 

 

مۇلازىمەتنى ياخشىلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسلىلەر

 

بۈگۈنگە قەدەر، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك نىسبىتىنى  ۋە ساداقەتمەنلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولغان رولىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىغان تەتقىقات يوق. مۇلازىمەتنى ياخشىلاش تەتقىقات جەريانىدا، بىر قىسىم مەسىلىلەر چوقۇم دىققىتىمىزنى تارتىشى كېرەك. 

«بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش» بىلەن «ئىككى قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش» مەسلىسى. مۇلازىمەت تىپىدىكى كارخانىلارنى ئېلىپ ئېيىتقاندا، «بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش» نى چوقۇم تەكىتلەش كېرەك، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ يېتەرلىك ئەمەس. سەۋەبى ئىنتايىن ئاددىي: مۇلازىمەت بىلەن ھەقىقىي مەھسۇلات ئوخشىمايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنىڭ تەڭ ۋاقىتلىقى، مۇلازىمەتتىكى پەرق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر مۇلازىمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۆلچەملىشىشنىڭ ئىشقا ئېشىش مۇمكىنچىلىقىنى يوق قىلىدۇ. ئەمەلىي بولغان تەتقىقات نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، مۇلازىمەتنىڭ ئۇزىتىلىش جەريانىدىكى سەۋەنلىكى ھەقىقىي مەھسۇلاتنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى. شۇڭا،«بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش» ئاساسىدا، كارخانا چوقۇم «ئىككى قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش» قا دىققەت قىلىشى زۆرۈر.

 

ئىچكى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش مەسلىسى. بۇرۇن مۇلازىمەتنى ياخشىلاش تەتقىقاتى ئاساسلىقى خېرىدارلارغا بولغان مۇلازىمەتنى ياخشىلاش بىلەن چەكلىنىپ، ئىچكى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش مەسلىسى توغرىلىق تەتقىقاتلار يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئىچكى تىجارەت نەزەرىيىسىنىڭ باش كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ، ئىچكى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئاللىبۇرۇن نەزەرىيەگە ۋە كارخانا ساھەسى ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان مەسلىگە ئايلاندى. ئىچكى تىجارەت جەريانىدا، خادىملارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ھېس قىلىشى خادىملارنىڭ رازىمەنلىك نىسبىتىنى ۋە ساداقەتمەنلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.ئامېرىكىلىق يۈمۇسى.خېسى قاتارلىق كىشىلەر ئىلگىرى بۇ توغرىلىق ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ياللانغۇچىلار رازىمەنلىكى، ساداقىتى بىلەن خېرىدارلارنىڭ  رازىمەنلىكى، ساداقىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئاتالمىش «رازىمەنلىك ئەينىكى» ھادىسسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىدى ھەمدە مۇلازىمەتتىكى پايدا زەنجىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى دەپ قارىدى. شۇڭلاشقا، كارخانىلار چوقۇم ئىچكى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش بىلەن خادىملارنىڭ رازىمەنلىكى ۋە ساداقىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تەتقىقاتقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئارقىلىق خادىملارنىڭ رازىمەنلىك نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ساداقەتمەنلىك دەرىجىسىنى ۋە كارخانا رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.


ھوقۇق مەسلىسى. ئىلگىركى مۇلازىمەت تىجارىتى ۋە باشقۇرۇش ئوقۇشلۇقىدا تەسۋىرلىگەننىڭ ھەممىسى ھوقۇقنىڭ چۈشەنچىسىدۇر. بىراق ئەمەلىيەتتە، Chis Argyris نىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا: ئۆتكەن 30 يىل ئىچىدە، گەرچە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھوقۇق دەپ داۋراڭ سالغان بولسىمۇ، لېكىن قول ئاستىدىكىلەرگە ھوقۇق تۇتقۇزۇش قۇرۇق گەپ بولغان. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، Gronroos نىڭ 2000- يىلى نەشىردىن چىققان «مۇلازىمەت تىجارىتى ۋە باشقۇرۇش» دېگەن كىتابىدا، «خادىملارنى مەسلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش» دېگەن چۈشەنچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ چۈشەنچە ھوقۇققا ئېرىشىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھەل قىلىش شەرتىگە ئىگە قىلدى.

ئاخىرىدا، چوقۇم ئېنىق بولۇش كېرەككى، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ھەر ۋاقىت ئۈنۈملۈك بولىۋەرمەيدۇ. نۇرغۇن ئەھۋاللار ئاستىدا، مۇلازىمەت مەھسۇلاتىنى قايتا ئىشلەپچىقارغىلى بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ۋە ساداقەتمەنلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ھېچقانداق ئەھمىيتى بولمايدۇ. مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ناھايىتى چوڭ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، مۇلازىمەتنى تەمىنلىگۈچى ۋە خېرىدارلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەتنىڭ تۈرىگە باغلىق. ئەگەر ئەگەر خېرىدارلارنىڭ مۇلازىمەت ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى قاتنىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، سالغان مەبلىغى ناھايىتى كۆپ بولسا، ئۇنداقتا مۇلازىمەتنى ياخشىلاش پەقەت خېرىدارلارنىڭ نارازى كەيپىياتىنى پەسەيتىش رولىنى ئۆتەيدۇ، خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىك ۋە ساداقەتمەنلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولمايدۇ. مەسلەن، خېرىدارلارنىڭ مەبلىغى ئۆزىنىڭ جىسمانىي ياكى ئەقلىي ئامىلى بولغاندا (داۋالاش مۇلازىمىتى جەريانىدىكى ئوپراتسىيە قىلىنىدىغان بىمارلار)، ئەگەر مۇلازىمەتتە سەۋەنلىك كۆرۈلسە، ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيتى يوق. ئەكىسچە، خېرىدارلارنىڭ مەبلىغى ئۇچۇر ياكى ئۆزىنىڭ مۈلىكى بولسا، ئۇنداقتا، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنىڭ ئۈنۈمى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولىدۇ. بۇلار بىز مۇلازىمەتنى ياخشىلاش تەدبىرىنى قوللانغاندا چوقۇم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسلىلەردۇر.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى