قايسى ئەھۋاللاردا ئەمگەك توختامى ئاخىرلىشىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
قايسى ئەھۋاللاردا ئەمگەك توختامى ئاخىرلىشىدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرەرسى كۆرۈلسە، ئەمگەك توختامى ئاخىرلىشىدۇ:
1. ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشسا؛
2. ئەمگەكچى قانۇن بويىچە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىسا؛
3. ئەمگەكچى ئۆلسە، ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ياكى يوقاپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىسا؛
4. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قانۇن بويىچە ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىسا؛
5. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئىناۋەتسىز قىلىنسا، تاقاشقا بۇيرۇلسا ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىلىپ كېتىشنى قارار قىلسا؛
6. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.