ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

قايسى كارخانىلار يىغىپ ھىسابلاب تولۇق تاپشۇرىدۇ

قايسى كارخانىلار يىغىپ ھىسابلاب تولۇق تاپشۇرىدۇ

ۋاقتى: 2016-08-16 ئاۋاتلىقى: 466 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 
قايسى كارخانىلار يىغىپ ھىسابلاب تولۇق تاپشۇرىدۇ
ئومۇمەن باج تاپشۇرۇش يىلىدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت (سىناق قىلىپ تىجارەت قىلىش، سىناق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەن شۇغۇللانغان، ياكى تىجارەت پائالىيىتىنى توختاتقان باج تاپشۇرغۇچى، مەيلى باج كېمەيتىش، باج كەچۈرۈم قىلىش مەزگىلىدە بولسۇن، پايدا ئالسۇن ۋە ياكى زىيان تارتسۇن، ئوخشاشلا كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش نىزامى ھەمدە تەدبىرىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن كارخانا تاپاۋەت بېجىنى يىغىپ ھېسابلاب تولۇق تاپشۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن نورما بويىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدىغان باج تاپشۇرغۇچىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بولسا يىغىپ ھېسابلاب تولۇق تاپشۇرۇش ئېلىپ بارمايدۇ
 (1) قانۇن، مەمۇرىي نىزامىدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن بوغالتىرلىق دەپتىرى تەسىس قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىرى؛
(2) قانۇن، مەمۇرىي نىزامىدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن بوغالتىرلىق دەپتىرى تەسىس قىلىشقا تېگىشلىك لېكىن تەسىس قىلمىغانلار ؛
(3) ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بوغالتىرلىق دەپتىرىنى يوق قىلىۋەتكەن ياكى باج تاپشۇرۇش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغانلار؛
(4) بوغالتىرلىق دەپتىرى تەسىس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھېسابات قالايمىقان ياكى تەننەرخ ماتېرىيالى، كىرىم ئىسپاتى، چىقىم ئىسپاتى تولۇق بولمىقانلىقتىن،  ھېساب تەكشۈرۈشكە قىيىن بولغانلار؛
(5) باج تاپشۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار، لېكىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە باج مەلۇم قىلىش رەسمىيىتى بېجىرمىگەن، باج ئورگانلىرى بۇيرىغان مۇددەت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا كەينىگە سوزۇپ مەلۇم قىلمىغانلار؛
(6) مەلۇم قىلغان باج ئاساسى روشەن تۆۋەن بولغان، ھەم باشقا قايىل قىلارلىق ئاساسى بولمىغانلار.
#p#
كارخانا تاپاۋەت بېجىنى يىغىپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇشتا باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر
بىرىنچى، باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش ئىسپات مەسىلىسى
دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى «تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باج پۇلىنى يىغىش، باشقۇرۇشنى، كۈچەيتىشتىكى بىر قانچە كونكرېت تەدبىر»گە مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش (دۆلەتلىك باج تارقاتقان [2009] 114 نومۇرلۇق ھۆججىتى) ئالتىنچى ماددىسىدا: «بەلگىلىمە بويىچە ئىرىشمىگەن قانۇنىي ئۈنۈمگە ئىگە ئىسپاتنى باجدىن بۇرۇن تۇرۇپ قىلىنىشقا بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. كونكرېت ئېيتقاندا، ئاتالمىش «قانۇنلۇق ئۈنۈملۈك ئىسپات» چوقۇم باشقۇرغۇچى ئورۇن تەرىپىدىن بېكىتىلىشى كېرەك.
ئىككىنچى، ئۆسۈمنى باجىدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش مەسىلىسى
باج تاپشۇرغۇچى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋاقتىدا، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن قەرز ئالغان ئۆسۈم چىقىمى، ئەمەلىي كۆرۇلگەن قىممەتكە ئاساسەن تۇتۇپ قېلىنىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە ئورگىنىدىن باشقا ئورۇندىن قەرز ئالغان ئۆسۈم چىقىمى، باج تاپشۇرغۇچى ئۆز ئارا ئارىيەت ئالغان ئۆسۈم چىقىمى، شۇنداقلا كارخانا تەسىس قىلغان مەبلەغ ئۆسۈم چىقىمى، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى، ئوخشاش ۋاقىتتىكى قەرز ئۆسۈم نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن قىسمىنى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ. ئېشىپ كەتكەن قىسىمىنى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.
كارخانا غەيرى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن قەرز ئېلىپ ئۆسۈم چىقىمى پەيدا بولغاندىكى ئىسپات باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش ئىسپاتى قىلىنىدۇ، ئۆسۈم ئالغۇچى تالون بېرىشكە ئامالسىز قالغاندا باج ئورگىنىغا ۋاكالىتەن تالون ئېچىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كارخانا چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئۆسۈم چىقىم تۆلەش ئىسپات ماتېرىيالىنى كېلىشىم قىلىشى كېرەك.
تۇتۇپ قېلىنغان ئۆسۈم بېجى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
ئاۋۋال كارخانا قوبۇل قىلغان مۇناسىۋەتلىك ھەقدارلىق ھوقۇق مەبلىغى ۋە ھوقۇق مەبلەغ نىسبىتىنى ھېسابلاش كېرەك.
كارخانا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن قوبۇل قىلغان ھەقدارلىق ھوقۇق مەبلىغى بىلەن كارخانا قوبۇل قىلغان ھوقۇق مەبلەغ نىسبىتى= يىللىق ھەر ئايدىكى ئوتتۇرىچە مۇناسىۋەتلىك ھەقدارلىق ھوقۇق مەبلەغ يىغىندىسى/يىللىق ھەر ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھوقۇق مەبلەغ يىغىندىسى.
#p#
ئۇنىڭ ئىچىدە:
ھەر ئايدىكى مۇناسىۋەتلىك ھەقدارلىق ھوقۇق مەبلىغى= 2/(مۇناسىۋەتلىك ھەقدارلىق ھوقۇق مەبلەغ ئاي بېشىدىكى ھېسابات قالدۇقى+ئاي ئاخىرىدىكى ھېسابات قالدۇقى) 
ھەر ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھوقۇق مەبلىغى= 2/(ھوقۇق مەبلەغ ئاي بېشىدىكى ھېسابات قالدۇقى+ئاي ئاخىرىدىكى ھېسابات قالدۇقى) 
دىققەت: نىسبەتتىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمنىڭ ئۆسۈم بېجىنى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.
«دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى كارخانا مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مەبلىغى جايىدا  ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان ئۆسۈم چىقىمىنى كارخانا تاپاۋەت بېجىدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەستىق جاۋابى» (دۆلەتلىك باج ئالاقىسى [2009]312 نومۇرلۇق)دا: «كارخانا مەبلەغ سالغۇچى بەلگىلەنگەن مۇددەت  ئىچىدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مەبلەغنى تاپشۇرماي، كارخانا سىرتقا قەرز ئېلىپ پەيدا بولغان ئۆسۈمى، مەبلەغ سالغۇچى ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ قىممىتى بىلەن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مەبلەغنىڭ ئۆسۈمى بولۇپ، ئۇ كارخانىنىڭ مۇۋاپىق چىقىمىغا تەۋە ئەمەس، كارخانا مەبلەغ سالغۇچى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، كارخانا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى ھېسابلىغاندا تۇتۇپ قېلىنىشقا بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.
 
ئۈچىنچى، تەييارلىق فوندى  چىقىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قانچە مەسىلە
(1) «كارخانا تاپاۋەت بېجى يولغا قويۇش نىزامى»نىڭ 55-ماددىسىدا: «تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن تەييارلىق فوندى چىقىمى (يەنى گوۋۇيۇەن مالىيە، باج باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ماس كەلمىگەن ھەر تۈرلۈك مەبلەغ كېمىيىش تەييارلىقى، خەتەر تەييارلىقى قاتارلىق تەييارلىق فوندى چىقىمى)نى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن。
#p#
(2) ھازىرقى ئېنىق بولغان باجدىن بۇرۇن  تۇتۇپ قېلىشقا بولىدىغان تەييارلىق فوندى چىقىمى
سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق فوندى چىقىمى؛
سۇغۇرتا شىركىتى ئاجراتقان يېزا ئىگىلىك زور ئاپەت تەييارلىق فوندى چىقىمى؛
ئاكسىيە، زاكاز مال تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق فوندى چىقىمى؛
پۇل مۇئامىلە كارخانىسى ئاجراتقان قەرز زىيان تەييارلىق فوندى چىقىمى؛
پۇل مۇئامىلە كارخانىسى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق قەرزى ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانا قەرز زىيان تەييارلىق فوندى چىقىمى؛
ئوتتۇرا كىچىك كارخانا قەرزگە كېپىللىك قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق فوندى چىقىمى؛
يۇقىرىقىلارنى كونكرېت ئىجرا قىلىش ۋاقتى 2008 – يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2010-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتلىك باج ئالاقىسى [2009] 202- نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ 2-ماددىسىدا: «2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئەسلىدىكى كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھەر تۈرلۈك ئالدىن ئېلىنغان تەييارلىق فوندى چىقىمى 2008-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈندىن كېيىن، مالىيە مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەنلىرى، كارخانا كېيىنكى يىللىق ئەمەلىي يۈز بەرگەن مۇناسىۋەتلىك زىيان ئاۋۋال ھەر تۈرلۈك تەييارلىق فوندى چىقىمى قالدۇقى (يەنى باج تاپشۇرۇش قالدۇقىنى كۆرسىتىدۇ)دىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
(3) سۇغۇرتا شىركىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق فوندى چىقىم مەسىلىسى
كۆرۈلگەن لېكىن ئەنگە ئالدۇرمىغان تۆلەم پۇلى بىكىتىلمىگەن تەييارلىق فوندى چىقىمى شۇ يىلقى ئەمەلىي تۆلەشكە تېگىشلىك تۆلەم پۇلى  چىقىمنىڭ ئاشمىغان قىسمىنىڭ %8ى بويىچە تۇتۇپ قېلىنىدۇ. ئەمەلىي تۆلەم پۇل چىقىم سوممىسى شۇ يىلقى كارخانىدا كۆرۈلگەن سۇغۇرتىلاتقۇچىغا تۆلەپ بولغان تۆلەم پۇل سوممىسىدىن شۇ يىلقى ئەمەلىي قوبۇل قىلغان  قايتا سۇغۇرتىلاتقاندىكى تۆلەم سوممىسىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنكى پەرقنى كۆرسىتىدۇ.
#p#
يوللۇق تۆلەم چىقىم تەييارلىق فوندى: ھۆججەتتە ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىسى ئېنىق قىلىنغان بولۇپ، باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىنىدىغان سوممىسىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ئېنىق ئەمەس.
(4) پۇل مۇئامىلە كارخانىسىنىڭ قەرز زىيان تەييارلىق فوندى چىقىم مەسىلىسى
باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قىلىنىشقا تەييارلانغان قەرز زىيان زاپاس پۇل سوممىسى ئۇنىڭ بوغالتىرلىقتا ئەمەلىي ئېلىنغان سوممىسىىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
يېزا ئىگىلىك، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارغا چېتىشلىق بولغان قەرزدىن باشقا قەرز شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارغا چېتىشلىق بولغان نورمال قەرز، باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش زىيان تەييارلىق فوندى چىقىمىنى ھېسابلىغاندا، ئالدىن ئېلىش نىسبىتى %1 بولىدۇ؛ بوغالتىرلىق ئەمەلىي ئېلىنغان نىسبىتى %1 دىن تۆۋەن بولغاندا، بوغالتىرلىق ئالدىن ئېلىش نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
يېزا ئىگىلىك، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارغا چېتىشلىق بولغان قەرزدە، باجدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىنلىغان زىيان تەييارلىق فوندى چىقىمىنى ھېسابلىغاندا، مۇھىم تۈر، ئادەتتىكى تۈر، گۇمانلىق تۈر ۋە زىيانلىق تۈرنى ئايرىش، مالىيە باج [2009] 99-نومۇرلۇق ھۆججەتتە بەلگىلەنگەن نىسبەتكە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؛ بوغالتىرلىق ئەمەلىي تۇتۇپ قېلىش نىسبىتى مالىيە باج [2009] 99-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە بەلگىلەنگەن مۇناسىۋەتلىك نىسبەتتىن تۆۋەن بولسا، بوغالتىرلىق نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى