ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھاراق ۋە مەينەت سۇ قانۇنى

ھاراق ۋە مەينەت سۇ قانۇنى

ۋاقتى: 2016-08-17 ئاۋاتلىقى: 651 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھاراق ۋە مەينەت سۇ قانۇنى(Wineand Sewage Law)
باشقۇرۇش ئىلمىدە بىر قىزىقارلىق قانۇن بار بولۇپ، بۇ قانۇن «ھاراق ۋە مەينەت سۇ قانۇنى»دەپ ئاتىلىدۇ، مەزمۇنى مۇنداق: بىر قوشۇق ھاراقنى بىر چېلەك مەينەت سۇغا تۆكسەك، ئېرىشكىنىمىز بىر چېلەك مەينەت سۇ بولىدۇ؛ بىر قوشۇق مەينەت سۇنى بىر چېلەك ھاراققا تۆكسەك، ئېرىشكىنىمىز يەنىلا بىر چېلەك مەينەت سۇ بولىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەينەت سۇ بىلەن ھاراقنىڭ نىسبىتى بۇ بىر چېلەك نەرسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، ھەقىقىي بەلگىلەش رولىنى ئوينايدىغىنى دەل شۇ بىر قوشۇق مەينەت سۇ، پەقەت شۇ بولسىلا، قانچە كۆپ ھاراقمۇ مەينەت سۇغا ئايلىنىدۇ.

ھاراق ۋە مەينەت سۇ قانۇنىدىن ئىختىساسلىقلار ئىستىراتېگىيەسىگىچە
ھەممە ئورگاندا دېگۈدەك بىرنەچچە ئىشلىتىش تەس بولغان ئادەم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق بولۇشىدىكى ۋەزىپىسى خۇددى ئىشنى بۇزۇشتەكلا. ئۇلار بارغانلا يېرىدە ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالىدۇ، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىدۇ، ئورگاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىناقلىقنى بۇزىدۇ. ئەڭ يامان بولغىنى، ئۇلار خۇددى مېۋە ساندۇقىدىكى سېسىق ئالمىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر ساندۇقتىكى سېسىق ئالمىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىۋەتمىسىڭىز، ئۇ تېز سۈرئەتتە يۇقتۇرۇپ، مېۋە ساندۇقىدىكى باشقا ئالمىلارنىمۇ سېسىتىدۇ، «سېسىق ئالما»نىڭ قورقۇنچلۇق يېرى ئۇنىڭ كىشىنى چۆچۈتكىدەك ۋەيران قىلىش كۈچىدە. بىر ھەقىقىي قابىلىيەتلىك ئادەم بىر قالايمىقان ئورۇنغا كىرسە قالايمىقانچىلىق تەرىپىدىن غەرق قىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما بىر ئەخلاقسىز ھەم ئىقتىدارسىز ئادەم ناھايىتى تېزلا بىر يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورگاننى قۇمدەك چېچىلاڭغۇ قىلىۋېتەلەيدۇ. ئورگاننىڭ سىستېمىسى ھەمىشە نازۇك بولىدۇ، ئۇ ئۆزئارا چۈشىنىش، يول قويۇش ۋە سەۋىر قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان، ئۇ ناھايىتى ئاسانلا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، زەھەرلىنىدۇ. بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئادەتتىكىچە بولماسلىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى، بۇزۇشنىڭ ھەردائىم ياساشتىن ئاسان بولغانلىقىدا. بىر ئۇستا ھۈنەرۋەن ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۆڭۈل قويۇپ ياساپ چىققان ساپال ۋە فارفور بۇيۇمنى، بىر ئېشەك بىر سىكۇنتنىڭ ئىچىدىلا ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ. ھەرقانچە كۆپ ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر بولغان تەقدىردىمۇ، ئانچە كۆپ ياخشى ئەمگەك مېۋىسى بولمايدۇ. ئەگەر ئورگىنىڭىزدا مۇشۇنداق بىر ئېشەك بولسا، سىز دەرھال ئۇنى يوقىتىشىڭىز كېرەك؛ ئەگەر بۇنداق قىلىشقا قۇربىڭىز يەتمىسە، ئۇنى باغلاپ قويۇشىڭىز كېرەك.

#p#
ئورگاندا بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئەڭ چوڭ بولغىنى ئوچۇق-ئاشكارا قارشى مۇقام توۋلايدىغان «تىكەن باش» لار ئەمەس، بەلكى ئىككى يۈزلىمىچىلەردۇر. پەسكەشلەرنىڭ ئېنىرگىيەسى غايەت زور، رەھبەرلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. بىر ناھايىتى ياخشى ئورگاننى، بىر ئىككى پەسكەش ئادەم مۇنداقلا ئىلەشتۈرسە، يۇقىرىدىكى ئورۇنلارغا چاقسا ياكى تۆۋەندە ئوتقۇيرۇقلۇق قىلسا، يېنىك بولغاندا تۆھپىنى خاتالىققا ئايلاندۇرۇپ، ياخشىلارنىڭ دېمىنى ئىچىگە چۈشۈرۈپ، رايىنى قايتۇرۇپ، بىر ياخشى كارخانىنى ناچار كارخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، ئېغىر بولغاندا بىر ئوبدان ئادەمنى ياكى كارخانىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ياخشى ئادەم ئىش تېرىشتىن قورقىدۇ، ئاجىزلىق بولسا رەزىللىكنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى كۆرۈنۈپ كۆرۈنمەي، مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا بۇزغۇنچىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ. ئىش تېرىشتىن ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر قورقۇپلا قالماي، باشقۇرغۇچىلارمۇ قورقىدۇ. چاتاق چىقسا، بەزى باشقۇرغۇچىلار ئالدى بىلەن شىكايەت قىلغۇچىدىن گۇمانلانمايدۇ، ئالدى بىلەن چاتاق چىقارغۇچىنى ئەيىبلىمەيدۇ، يەنىلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئەيىبلەيدۇ: «سەن ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ نېمە قىلاتتىڭ؟ شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ، چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ.» دېيىشى تۇرغانلا گەپ.
جۇڭگودا قەدىمكىلەرنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار، «ئالىيجانابلارنى رەنجىتىشكە بولىدۇكى، پەسكەشلەرنى رەنجىتىشكە بولمايدۇ»، ئاۋۋال شىكايەت قىلسىلا ئاۋۋال پايدا ئالىدۇ، شۇڭا دائىم ئەسكى ئادەملەر ئاۋۋال ئەرز قىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، پەسكەشلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، ناچار ئىستىل ھۆكۈم سۈرىدۇ، ياخشىلار يۇشۇرىنىدۇ، ئىقتىدارلىقلار كېتىپ قالىدۇ، ئورگان شۇنىڭلىق بىلەن زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. پەسكەشلەرنىڭ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ئاقىلانە يېرى دەل مۇشۇنداق بىر تەدرىجىي ئۆزگىرىش جەريانىدا، ھەممە ئادەمنىڭ ۋەزىپىسى بولغانلىقىدا، ھەممە ئادەمنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بولغانلىقىدا. ھەر قانداق ئورگان ۋە شەخس بۇزغۇنچىلىق كۈچى بار نەرسىنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن چۆرۈپ تاشلىشى كېرەك، مەيلى ئۇ نەرسە قانچە كىچىك بولسۇن، قارىماققا قانچە گۈزەل بولسۇن.

كارخانىدا، مەينەت سۇنىڭ بولۇشىدىن ساقلىنىش دائىم تەسكە توختايدۇ، لېكىن مەينەت سۇ دائىم كارخانىغا ھەرخىل زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ كارخانىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن ھاراق ۋە مەينەت سۇنىڭ زىددىيىتىنى ۋە بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىش ماھارىتىنى ئىگەللەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر ئورگاندىكى ھاراق ۋە مەينەت سۇنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۆزئارا بەسلىشىدىغان جەريان مەۋجۇت. ئىختىساس ئىگىلىرىنى بايقاش، ئىختىساس ئىگىلىرىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇش، ئىختىساس ئىگىسى جېڭىدە ئالدى بىلەن پۇرسەتنى ئىگەللەش، ئەقىللىق كارخانا باشقۇرغۇچىلارنىڭ كارخانىنى يېتەكلەپ ئۇتۇق قازىنىشقا قاراپ مېڭىشىدىكى مۇھىم ئامىل، ھاراق ۋە مەينەت سۇ قانۇنىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش بولسا، بىر يۇقىرى ئۈنۈملۈك كوللېكتىپنى تەشكىللەشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىدۇر. زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇشنىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ خاراكتېرلىك ۋەزىپىسى، دەل كوللېكتىپ ئىچىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتەكلەش ۋە تاللاش، بۇزغۇنچىلىق كۈچى بار بولغان «مەينەت سۇ» لارنى چىقىرىپ تاشلاش، لاياقەتلىكلەرنىڭ كۈچىنى ئوخشاش بىر نىشانغا قارىتىش، مانا بۇ ئىختىساسلىقلارنىڭ مەشغۇلاتى. ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، كارخانا بىر پۈتۈن گەۋدە، كارخانىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى كارخانىنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر شەخسنىڭ ھەرىكىتى بەلگىلەيدۇ، بۇ بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز رولىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇپ، كوللېكتىپنىڭ ئومۇمىي قەدىمىنىڭ تەكشى بولۇشىنى، ھەرىكىتىنىڭ ماسلىشىشىنى  ساقلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش  ناھايىتى تەس بولسىمۇ، لېكىن پەقەت مۇۋاپىق بولغان ئەڭ ياخشى يولنى تېپىۋالسىلا، كارخانىنىڭ قەھرىمانلارچە ئالغا ئىلگىرىلەش يەلكىنىنى ئوڭۇشلۇق چىقىرالايدۇ.

#p#
ھاراق ۋە مەينەت سۇ قانۇنى تەمىنلەپ بەرگەن يول

بۇ بىر غەربتىن كەلگەن باشقۇرۇش قانۇنى، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ جۇڭگودىمۇ ئوخشاش قائىدىنى چۈشەندۈرىدىغان ماقال-تەمسىللەر بار:
 بىر پارچە پۇراپ قالغان گۆش پۈتۈن بىر قازان شورپىنى بۇلغايدۇ؛
بىر تال چاشقان مايىقى بىر قازان شوۋىگۈرۈچنى بۇلغايدۇ؛
بىر تال پۇراپ قالغان بېلىق بىر قازان شورپىنى بۇلغايدۇ.
دېگەندەك...
مەيلى غەربتىن كەلگەن قانۇن بولسۇن ياكى جۇڭگونىڭ ماقال-تەمسىللىرى بولسۇن، ھەممىسى سەلبىي تەسىرنىڭ دەسلەپكى پەيدا قىلغۇچىلىرىنىڭ خاراكتېرىنى توغرا بېكىتكەن: مەينەت سۇ، پۇراپ قالغان گۆش، چاشقان مايىقى، پۇراپ قالغان بېلىق. بۇ ئاللىبۇرۇن تۇراقلىشىپ قالغان نەرسىلەرنىڭ ئۆزگىرىش ۋە ئوڭشىلىش ئېھتىماللىقى يوق. مەينەت سۇ ھەرقانچە بولسىمۇ ھاراققا ئايلانماس، پۇراپ قالغان گۆش ھەرقانچە بولسىمۇ ياخشى گۆشكە ئايلانماس، چاشقان مايىقى ھەرقانچە بولسىمۇ دورا-دەرمانغا ئايلانماس، پۇراپ قالغان بېلىق قانداقمۇ ياخشى بېلىققا ئايلىنالىسۇن؟ بۇنداق بولغان ئىكەن، ۋاقتىدا ئۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش كېرەك، بەك ناچار نەرسىلەرگە نىسبەتەن قۇرۇق خىيال قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، دېھقان بىلەن يىلاننىڭ ھىكايىسىمۇ بىزگە ئوخشاش يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقى ئۇزۇن يىلدا يېتىلىدۇ، كارخانا دېگەن ئادەم ئىشلىتىدۇ، ئادەم تەربىيەلەيدىغان مەجبۇرىيەتنى ئۆزىگە يۈكلىۋېلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. مۇۋاپىق بولمىغان، كارخانىنىڭ مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرەلمىگەنلەرنى ۋاقتىدا كەتكۈزۈۋېتىش كارخانا ئۈچۈن ياخشى، شۇ ئادەمگە نىسبەتەنمۇ ياخشى ئىش بولماسلىقى ناتايىن. دائىم ئېيتىلغىنىدەك، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاغرىق قىسقا مۇددەتلىك ئاغرىغانغا يەتمەيدۇ. يەنە مۇنداقمۇ گەپ بار، ھەرىكەتلىنىشكە توغرا كەلگەندە ھەرىكەتلىنىش كېرەك. بۇنداق بىرتەرەپ قىلغاندا، كارخانا بەلكىم بەدەل تۆلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇنچىلىك بەدەل، ئەرزىيدۇ!

بىزنىڭ كۆرۈش دائىرىمىز ئىچىدە، %60 نەزىرىمىزنى %10 ئىختىساس ئىگىلىرىگە قارىتىشىمىز، %15 نەزىرىمىزنى %70 ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرگە قالدۇرۇشىمىز، قالغان %25 نەزىرىمىز بىلەن قەتئىي تەۋرەنمەي %20 پەسكەشلەرنى كۆزىتىشىمىز كېرەك. ئۇ بىر قوشۇق مەينەت سۇ پۇراپ قېلىشتىن ئىلگىرى، سېھىرگەرلەرچە ئۇنى ئاستاغىنا پاكىزلاپ، خۇشبۇي ھاراقنىڭ ئىچىگە تۆككەن تەقدىردىمۇ ھاراقنىڭ تەمىنى بۇزمايدىغان، ئەكسىچە زوقنى ئاشۇرۇدىغان قىلىۋېتىش كېرەك، بۇ دەل ئەڭ ياخشى ئۈنۈم!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى