ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە تېلېفون ئورنىتىڭ (11)

ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە تېلېفون ئورنىتىڭ (11)

ۋاقتى: 2016-09-24 ئاۋاتلىقى: 570 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 
ئىگىلىك تىكلەش---شىركەتكە تېلېفون ئورنىتىڭ (11)
مەيلى شىركەتكە ئۆي تاللاپ بولغان بولۇڭ ياكى تاللىماڭ، چوقۇم شىركەتكە بىر مۇقىم تېلېفون ئورنىتىڭ.
مۇقىم تېلېفوننىڭ بىر نەچچە ئارتۇقچىلىقى بار، بىرىنچىدىن چىقىمى ئاز، ئادەتتە تورغا باغلىغىلى بولىدۇ، قوشۇمچە ھەققى يۇقىرى ئەمەس؛ ئىككىنچىدىن شىركەت نام كارتىسىغا باسقاندا، سىزنىڭ مۇقىم بىر خىزمەت ئورنىڭىزنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىپ، شىركەت ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن خىزمەتچىلەر سىرتكىلەر بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولغاندا مۇقىم تېلېفون ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، تەننەرخى تېخىمۇ ياخشى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.
تېلېفون ئورنىتىشتا مۇنداق بىر تەكلىپ بار، ئەگەر سىز ئۆي ئىجارە ئېلىپ شىركەت ئىشخانىسى قىلغان بولسىڭىز، ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن بېجىرىڭ. بۇنداق بولغاندا ئائىلە ئىنتېرنېت تورنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا جۇڭگو تېلېگراف ياكى جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى سىزنىڭ ئىشخانىغا ئىشلىتىدىغىنىڭىزنى بىلسە، ئائىلە تورنى بېجىرىپ بېرىشكە قوشۇلماي، سىزنىڭ سودا خاراكتېرىدىكى ھەقنى تاپشۇرىشىڭىزنى ئېيتىدۇ، ئۇنداق قىلغاندا تەننەرخ يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ، ھەممە جاينىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئوخشاش ئەمەس، بىراق تەننەرخ يۇقىرى بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق.
بۇنىڭدىن باشقا تولۇقلاپ ئۆتىدىغىنىم، يەنە بىر بېسىش فاكس ۋە نۇسخىلاش بىرگەۋدە بولغان ماشىنا سېتىۋېلىڭ، باھاسى مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بىراق بىر كىچىك شىركەتنىڭ كۈندىلىك ئىشخانا بېسىش ئەۋەتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، مەبلەغ كۆپ كەتمەيدۇ.
تېلېفوننىڭ قوشۇمچە مۇلازىمىتى بەكلا كۆپ، شىركەت بەلگىلىگەن قوڭغۇرىقىنى ئېچىشنى ھەممە كىشى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ، ئەگەر باشقىلار تېلېفون بەرگەندە، سىز ياكى باشقىلار تېلېفون ئالالماي قالغاندا، سۆز قالدۇرۇپ كېيىن ئالاقە قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن تېلېفون نومۇرى ياكى باشقا ئالاقىلىشىش ۋاقتى دېگەندەك.
#p#
ئىنتېرنېت تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ، ئەگەر شىركەتتە بىرنەچچە خىزمەتچى بولسا، سىمسىز روتېر سېتىۋېلىپ، بىرگە ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا زاپچاسلىرى ئاددى ھەم ئەپچىل بولىدۇ، شۇنداقلا يۆتكەشكە قولايلىق، بىراق شەھەر سىمسىز روتېرنىڭ چەكلىمىسى بولۇپ، بىر نەچچە كومپيۇتېرغا بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
تەجرىبىگە ئاساسلانغاندا، كۆپ مىقداردا ماتېرىيال چۈشۈرمىگەندە، بىر M2 كەڭ بەلۋاغ تورى بولسا 10 كومپيۇتېرنىڭ نورمال خىزمەت ئېلىپ بېرىشىدا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، مۇقىم تېلېفوننى شۇ يەردىكى ئاساسلىق تەمىنلەش ئورنىدىن تاللاڭ، كىچىككىنە باھا مەسىلىسى ئۈچۈن ئاساسلىق بولمىغان تەمىنلىگۈچى شىركەتنى تاللىماڭ. شىركەت ئۈچۈن مۇقىم بولغان مۇلازىمەت باھادىن نەچچە ھەسسە مۇھىم.
بەزى ئولتۇراق رايوندا ئاساسلىق بولمىغان تەمىنلىگۈچى تەمىنلىگەن تېلېفوننى باغلاپ قويغان بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆي ئىجارە ئېلىشتىن بۇرۇن ئېنىق سوراش كېرەك، ئەگەر ئىجارە ئالغان ئۆيدىكى تور پەقەت بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنى قوللىسا ئۇنداقتا ئەسلىدىكى بېجىرگەن تېلېفون بىكار بولۇپ كەتمەمدۇ، تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئۇلاش ئېغىزى بولمىسا ئامال يوق پەقەت شۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تېلېفونغا ئالماشتۇرىدىغان گەپ.
ھالبۇكى سودا تېلېفونىنى ئورناتقاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە قايتۇرۇشقا بولمايدۇ، يەنە تېخى بىر نەچچە ئايلىق ھەقنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئاجراتقىلى بولىدۇ، راستىنلا ئاۋارىچىلىق!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى