ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خىزمەت ئالمىشىش ۋە تەجرىبە

خىزمەت ئالمىشىش ۋە تەجرىبە

ۋاقتى: 2016-06-13 ئاۋاتلىقى: 539 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 5. خىزمەت ئالمىشىش ۋە تەجرىبە


ئەسكەرتىشقا تېگىشلىكى، خىزمەت بولسا ئەقىل تەلەپ قىلىدىغان ئىش، شۇڭلاشقا خىزمەتتە خاسلىقنى نامايان قىلىمەن دېمەڭ، مۇنبەرلەردە بەلكىم باشقىلار سىزنى خاسلىقى باركەن دەپ ماختىشى مۇمكىن، لېكىن گاز شىركىتىدىكىلەر سىزنى خاسلىقى باركەن دەپ سىزنىڭ ھېساباتىڭىزنى كۆتۈرۈۋەتمەيدۇ. سىز ئىنتايىن قالتىسلىق بىلەن سىزنىڭ خوجايىنىڭىزنى ئىشتىن بوشىتىۋەتسىڭىز ياكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل HR نىڭ زىتىغا تېگىۋالسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ھېساباتنى تۆلەيسىز، پەقەت سىزنىڭ پۇل تاپىدىغان ۋاقتىڭىز تېخىمۇ ئاز بولىدۇ، سىزدىن باشقا ھېچكىم زىيان تارتمايدۇ.


مەن خىزمەت ئالمىشىشقا قارشى تۇرمايمەن، لېكىن خىزمەت ئالمىشىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس، شۇنداقلار ئۈزلۈكسىز خىزمەت ئالمىشىش كىشىگە ئىشەنچسىز، ساداقىتى يوق تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ، ھەم خاتىرجەم خىزمەت قىلالمايسىز. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر توردىن خىزمەت ئىزدەيدۇ، تور بېكەت دائىم كىشىگە بەزى ناتوغرا ئۇسۇللارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى كارخانا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى كۆپچىلىك قانچە خىزمەت ئالماشقانسىرى ئۇلارنىڭ سودىسى شۇنچە روناق تاپىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار دائىم سىزگە مائاشىڭىز ئازكەن، تەمىناتىڭىز ياخشى ئەمەسكەن دەيدۇ، مائاش ئەھۋالىنى سىزگە دوكلات قىلىپ تۇرىدۇ ۋە سىزنى ئەركىن خىزمەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. لېكىن خىزمەت ئالماشقاندىن كېيىن سىزنىڭ خاتىرجەم بولۇشىڭىز ياكى مەسىلىڭىزنىڭ ھەل بولۇشى ياكى تېخىمۇ خۇشال بولۇش بولماسلىقىڭىز بىلەن ئۇلارنىڭ كارى يوق.


خىزمەت ئالمىشىش مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، ئادەتتە مەسىلە يۈز بەرگەنىكەن، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇشى ئۇلارنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق خۇشال بولماسلىقىدىن بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل خۇشال بولماسلىقنى ھازىرقى شۇ شىركەتتە ھەل قىلغىلى بولمىسا كېيىنكى يېرىمدىن ئارتۇق شىركەتلەردىمۇ ھەل قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. سىز چوقۇم %90 ئەھۋالدا سىز ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ ئۇنداق ناچار ئەمەسلىكى ۋە سىز يامان ئەمەس دەپ قارىغان شىركەتلەرنىڭ ئۇنداق ياخشى بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك. « قورغان »دا دېيىلگەنگە ئوخشاش، «قورغان ئىچىدىكىلەر سىرتقا چىقىشقا، قورغان سىرتىدىكىلەر ئىچىگە كىرىشقا ئىنتىلىدۇ.» ھەممە شىركەتنىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسى بولىدۇ، مەسىلە يوق شىركەت مەۋجۇت ئەمەس.



مۇھىت ئالماشتۇرغاندىن كېيىن سىز قانداق مەسىلىلەرگە ئۇچرىشىڭىزنى بىلمەيسىز. ئۇنىڭدىن كۆرە كۆز ئالدىڭىزدىكى شۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىنىڭىز ياخشى. نۇرغۇن مەسىلىلەر سىز ھەقىقەتەن ھەل قىلماقچى بولغان چېغىڭىزدا ئۇنداق تەسكە توختىماسلىقى مۇمكىن. بەزىدە سىزنىڭ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ دەپ ھېس قىلىشىڭىز ئەمەلىيەتتە پەقەت سىزنىڭ «ھېس قىلىشىڭىز» خالاس.


ھاياتلىق سەپىرى ئەگرى-توقاي ئىلگىرىلەش بولىدۇ، بەزىدە جىلغىلارغا يولۇققان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئوخشاش يۇقىرىغا ئىلگىرىلەش بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ئىمپۇلس دولقۇنىغا ئوخشاش باش نۇقتىغا قايتىپ كەلمەيدۇ. مەن نۇرغۇن يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنى كۆرگەن، 30 نەچچە ياش، تۆت-بەش خىل خىزمەت تەجرىبىسى بار، كۆپ ئىشلىگەندە ئۈچ يىل بولمىسا بىر يىل دېگەندەك. 30 نەچچە ياشتا يەنە باش نۇقتىغا قايتىپ دەسلەپكى خىزمەتتىن باشلاپ، دەسلەپكى مائاشنى ئېلىپ، 20 نەچچە ياشلىق ياشلار بىلەن رىقابەتلىشىش جاپالىق ئەمەسمۇ؟ بۇ خىل ئىشلەش ياخشىمۇ؟


دەسمايە توپلاشقا موھتاج. بۇ خىل توپلاش كىشىلىك مۇناسىۋەت، تەجرىبە، ئىجتىمائىي ئالاقە، ياخشى نام توپلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەگەر دائىم خىزمەت ئالماشتۇرغاندا نەچچە يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ھەممىنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر ئىككى قېتىم خىزمەت ئالماشتۇرسا 35 يېشىدا بەش يىلدىن تۆۋەن خىزمەت تەجرىبىسى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما خىزمەت ئالماشتۇرمىغان ئادەمنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 10 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى بار بولىدۇ، بۇ خىل شارائىتتا كىم ئۈستۈنلۈككە ئىگە؟ خىزمەت قىلىپ ئىككى-ئۈچ يىل بولغاندا نۇرغۇن كىشىلەر خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقاندەك، بوغما ھالەتكە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ ئىچى سىقىلىدۇ، ئىستىپا بەرگۈسى، خىزمەت ئالماشتۇرغۇسى كېلىدۇ، شۇنداق قىلسا بارلىق كۆڭۈل غەشلىكلىرىدىن قۇتۇلىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلغاندا ھەممىنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، يەنە شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئوخشاشلا ئەسلىدىكى كەسىپتىكىدەك قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، بەرداشلىق بېرىۋەتسىلا ئالدىغا چوڭ بىر قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ، ھەربىر كىشىنىڭ خىزمىتىدە نەچچە بوغما ھالەت بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، سىز بەرداشلىق بېرىۋەتسىڭىزلا ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىسىز. ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرەپ باققانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، باشلىنىشتا ئاسان، لېكىن بىردەمدىن كېيىنلا تۇنجى بىئاراملىق بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يەنە خىلى ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرگىلى بولىدۇ، كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق بىئاراملىق بولىدۇ، بەرداشلىق بىرىۋەتكەندىن كېيىن يەنە خېلى ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرگىلى بولىدۇ، مۇشۇنداق تەكرارلىنىدۇ، بىئاراملىق بارا-بارا ئېغىرلايدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر بىرىنچى قېتىمدىلا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بەزىلەر ئىككىنچى قېتىملىققىچە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئۈچىنچى قېتىملىققا كۆپىنچە كىشىلەر بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، لېكىن بۇيەرگىچە ئۇلىشالايدىغانلار ئىنتايىن ئاز دېيەرلىك، بۇ سىزنىڭ بىر ئۆمۈر تىنچ ئۆتۈشىڭىزگە يېتىدۇ.



بىر خىزمەتنى قىلىپ ئىككى-ئۈچ يىل بولغاندا، كۆپىنچە كىشىلەر ئۇستىغا ئايلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۆپىنچە توختىماستىن تەكرارلاشقا پېتىپ قالىدىغان گەپ، نۇرغۇن كىشىلەر زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنى ھەممىنى بىلىپ بولدۇم دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشكە ھورۇنلۇق قىلىدۇ. نۇرغۇن ۋاقىتلاردىكى خىزمەت ئالماشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى قىزىقىشنى يوقىتىپ، ئۆزىنى مۇسابىقىنى تۈگەتتىم دەپ ئويلاپ قالغانلىقتىندۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋاقىتتا مۇسابىقە ئەمدىلا باشلانغان بولىدۇ، ئىككى-ئۈچ يىل خىزمەت قىلغان كىشىلەر خېرىدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، قول ئاسىتىكىلىرى ۋە رەھبەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، ئىچكى قىسىمدىكى يۈز-ئابرويى.....ھەممىسى تېخى يېتەرلىك بولمايدۇ، بىراق ئازراق نەتىجىسى بار ئادەملەر ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ خېرىدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ياخشى چاغلايدۇ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەدىكى تەسىرى ناھايىتى ياخشى دەپ ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋاقىتتا، يەنىلا ئىككى يىل ئاۋۋالقى تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىش، پۇختا بولۇش كېرەك، توپلاش تېخى ئەمدى باشلانغان بولىدۇ.


سىز خېرىدارىڭىزنى تولۇق چۈشىنەمسىز؟ سىز ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ سىز باشلىقىڭىزنى يېتەرلىك چۈشىنەمسىز؟ سىز ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ سىز قول ئاستىدىكىلىرىڭىزنى يېتەرلىك چۈشىنەمسىز؟ سىز ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر سىز بىلمىسىڭىز، سىز نېمىگە ئاساسەن ئۆزىڭىزنىڭ توپلىغانلىرىنى ئاللىبۇرۇن يېتەرلىك بولدى دەپ قارايسىز؟ ئەگەر سىزمۇ چۈشەنمىسىڭىز، سىز قانداقمۇ ئۇلارنى ئۆزىڭىزگە ياردەم بېرىشكە بۇيرۇيسىز، ئۆزىڭىز قىلغۇڭىز بار ئىشنى قىلدۇرۇشنى ئويلايسىز؟ ئەگەر ئۇلار سىزنىڭ ئۇلارغا قىلدۇرماقچى بولغان ئىشنى قىلمىسا، سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىز نەدىن كېلىدۇ؟

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى