ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەمگەكچىلەر قايسى ئەھۋاللاردا كېلىشىم خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟

ئەمگەكچىلەر قايسى ئەھۋاللاردا كېلىشىم خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-05-16 ئاۋاتلىقى: 388 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئەمگەكچىلەر قايسى ئەھۋاللاردا كېلىشىم خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟

 

جاۋاب: كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئاساسلىق شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەزەلدىن ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئەمگەكچىنى باغلىۋالىدىغان «چەمبىرەك ئەپسۇنى» بولۇپ كەلدى.

 

لېكىن «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختام كېلىشىمىدە، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنىڭ كېلىشىم شەرتىگە بولغان چەكلىمە ناھايىتى قاتتىق، ئىدارىلەر پەقەت «تەربىيەلەش مۇلازىمەت مۇددىتى» ۋە «رىقابەتلىك كەسپلەر چەكلىمىسى»دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەھۋاك ئاستىدىلا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى بېكىتەلەيدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

يەنى، ئەمگەكچى كېلىشكەن تەربىيەلەش مۇلازىمەت مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن خىزمەتتىن ئايرىلمىغان، ياكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلمىغان، رىقابەتتىكى كەسپلەردىن چەكلىنىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلمىغان بولسىلا، ئىدارىگە ھېچقانداق كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ.

 

شۇڭا، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى «ئەمگەك توختام قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەگەر «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىككى خىل ئەھۋالغا تەۋە بولمىسىلا، ئەمگەكچى ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا ھېچقانداق كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ، خوجايىنىنى ئىشتىن بوشاتماقچى بولغان ئەمگەكچى «قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن بىر پۇڭ پۇلىنىمۇ قالدۇرۇپ قويماي پېشىنى قېقىپ كېتىپ قالسىلا بولىدۇ».

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى