ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسىنى ئانچە زىغىرلاپ كەتمەڭ

ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسىنى ئانچە زىغىرلاپ كەتمەڭ

ۋاقتى: 2016-07-15 ئاۋاتلىقى: 532 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالماڭ» بۇ يەردە!

 

 ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسىنى ئانچە زىغىرلاپ كەتمەڭ

 

ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالداپ پۇشايمانغا قالىدىغان ئىشنى قىلىپ، تېخىمۇ ھەسرەت چېكىش ۋە تەشۋىشلىنىش بەختسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسىنى بەك زىغىرلاپ كەتسىڭىز، دائىم ئۆزىڭىزىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا نومۇر قويىسىز، زېھنىڭىزنى قىلغان – ئەتكەنلىرىڭىزنىڭ زادى قانداق بولغانلىقىنى ياكى قانچىلىك خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى ئويلاشقا ئىشلىتىسىز.


ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسىنى بەك زىغىرلىشىڭىزدىكى ھەقىقىي سەۋەب، ئۆزىڭىزدىن ناھايىتى ئاز رازى بولىدىغانلىقىڭىزدا. قىلمىش – ئەتمىشلىرىڭىزنى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈۋېلىشىڭىزدىكى مەقسەت ئۆزىڭىزدىن تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت. بۇنداق قىلىشىڭىز كىشىلىك ھاياتىڭىزنى ئۆز – ئۆزىڭىزگە قىلغان بېسىم بىلەن تولدۇرىۋېتىدۇ. بۇ خۇددى سىلەرنىڭ ئائىلىدىكى بىر تەنقىدچى كۈن بويى كەينىڭىزگە كىرىۋېلىپ، توغرا قىلمىغان ئىشلىرىڭىزنى ساناپ تۇرغانغا ئوخشايدۇ. مېنىڭ مەيدانىمدا تۇرۇپ سۆزلىگەندە، سىز خېلى ئوبدان ئىش قىلغان. لېكىن، بەك زىغىرلاپ كەتكەچكە، ئۆزىڭىگە ئىشەنچ قىلالمىغان، ھەممە ئىشىڭىز تەرتىپلىك بولمايدىغان بولسا، خۇشاللىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈش شەرتىگە توشمايدىغاندەك ھېس قىلغان.
بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئوبدان چارىسى شۇكى، ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا، پۈتۈن دىققىتىڭىزنى شۇ ئىشقا بېرىپ، ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ بارىچە ئۇنى ياخشى ئىشلەڭ. جۇڭگونىڭ بۇددا تەلىماتىدا: «كۆرگەن ئىشنى قىلماق، قىلغان ئىكەن قول ئۈزمەك، ئۇقالمىغاننى بولدى قىلماق» دېگەن گەپ بار. ئۆيىڭىز پاسكىنا، قالايمىقان بولۇپ كەتكەن بولسا، رەتلەپ قويغۇڭىز كەلسە رەتلەڭ. ئىشلىگەندە، بۇ ئىشقا قانچىلىك ۋاقتىڭىز كەتكەنلىكىنى ياكى بۈگۈن تازىلاپ، رەتلەپ قويسام، ئەتە يەنە پاسكىنا، قالايمىقان بولىدۇ دېگەنلەرنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرمەڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، قىلغان ئىشىڭىز بەكمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراقمۇ چارچىمايسىز.



پەمىمچە، سىز بۇ تەدبىرنىڭ ئۈنۈمى تەڭداشسىز بولىدىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن بايقايسىز. يەنە كېلىپ، ھەدېسىلا ئىپادىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى خيالىڭىزغا كەلتۈرۋالمىسىڭىزلا، بېسىمىڭىز كۆپ يەڭگىللەيدۇ. ئىپادىڭىزنى زىغىرلاپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭىزدا خىزمەت ياكى ئىگىلىك يارىتىش قىزغىنلىقىڭىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ناھايىتى تېزلا چۈشىنىپ قالىسىز. بۇ قائىدە بالا – چاقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكىمۇ ماس كېلىدۇ. مىسال ئېلىپ ئېيتساق، بۈگۈن بالىلارنىڭ تالاش – تارتىشلىرىنى قانچە قېتىم ھەل قىلغانلىقىڭىزنى زىغىرلاپ ئولتۇرماي، بەلكى تالاش – تارتىشلارنى ھەل قىلىش جەريانىدا بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ پىسخىكىلىق يۈك يۈكلەپ قويدۇممۇ – يوق؟ دېگەن مەسىلىگە دىققەت قىلىڭ. ئىشىنىمەنكى، مەركىزىي نۇقتىڭىز بۇرۇلغاندا، تۇرمۇشىڭىزمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.


ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىسىنى بەك زىغىرلاپ كەتمەيدىغان، شۇنداقلا ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ يۈرمەيدىغان بولغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ ئاددىي – ساددا، يەنە كېلىپ خۇشال – خۇرام بىر ئائىلە خوجايىنى بولغانلىقىڭىزدىن، بالىلارنى تەربىيەلىگەنلىكىڭىز ياكى ئۆي ئىشلىرىنى بىر ياقلىق قىلغانلىقىڭىزدىن خۇشال بولىسىز. روھىڭىز شۇ پەيتكە مەركەزلەشكەندە، بېسىمىڭىز يەڭگىللەپلا قالماستىن، بەلكى خۇشاللىقىڭىز تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ۋە ئازادىلىك ھېس قىلىسىز. شۇڭا، ئۆزىڭىزنى باھالاشنى توختىتىپ، ھەقىقىي تۇرمۇشىڭىزنى باشلاڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى