ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئېلاننىڭ كارخانا تەرەققىياتىدىكى رولى

ئېلاننىڭ كارخانا تەرەققىياتىدىكى رولى

ۋاقتى: 2015-05-09 ئاۋاتلىقى: 620 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مۇۋاپىق ئېلان تەشۋىقات ئۇسۇلى كارخانىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ. كارخانىچىنىڭ ئېلان تەشۋىقات ئۇسۇلىغا بولغان تونۇشى يېتەرسىز بولسا، مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. 
ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېلان مەزمۇن، شەكىل جەھەتتە بېيىماقتا. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئېلان يەنىلا تىل ئارقىلىق مەنەنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شۇڭا ئېلان تىلى مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىقتىدارىنى ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئىخچام تىل ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى، كۆپتۈرمىچىلىك ۋە مۇبالىغە قىلماسلىقى كېرەك. 
ھەر قانداق كارخانا تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىنى جەمئىيەتكە تەشۋىق قىلماي قالمايدۇ. ئەمما، كارخانىنىڭ ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشى كارخانىنىڭ مالىيە كۈچى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىغا ماس كېلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا كارخانا ئاسانلا كىرىزىسقا پېتىپ قالىدۇ. توغرا ۋە مۇۋاپىق كارخانا تەشۋىقاتى كارخانا روھىنى يېتىلدۈرۈپ، خادىملارنىڭ ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. 
ئادەتتە تۈرلۈك ئېلان ۋاسىتىلىرى بىلەن تۈرلۈك ئېلان تەشۋىقات ئۇسۇلىنىڭ ئىستېمالچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا كارخانا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلان ۋاسىتىلىرى تارقالغان رايونغا تولۇق يېتىپ باردىمۇ–يوق؟ دېگەندەك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئېلان ۋاسىتىلىرىنى تاللىمىسا، ئېلان تەشۋىقاتىدا ئىسراپچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. 
#p#
ئىستېمالچىلارنىڭ ھەر خىل ئېلان ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش نۇقتىسى ئوخشىمايدۇ. بەزى كىشىلەر تېلېۋىزور كۆرۈشنى ياخشى كۆرسە، يەنە بەزى كىشىلەر رادىيو ئاڭلاشنى ياخشى كۆرۈدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر گېزىت–ژۇرناللار ئارقىلىق ئېلان بىلەن ئۇچرىشىدۇ. شۇڭا كارخانىچى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانىنى قايسى خىل ئېلان ۋاسىتىلىرىگە بەرسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ۋە قاچان تارقاتسا بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە ھەم بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىشقا ئېتىبار بەرمىسە ئېلان ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. ئوخشىمىغان ئېلان ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېلان خىراجىتى ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن كارخانا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ماسلاشمىسا ئېلان خىراجىتى تۈپەيلىدىن مالىيە قىيىنچىلىقىغا يولۇقىدۇ. 
ئادەتتە ئوخشىمىغان ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش ئارزۇسىنى قاندۇرىدىغان ئېلان تاكتىكىلىرى ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە ئىستېمالچىلار ئەقىل تىپىدىكى، ھېسسىيات تىپىدىكى ۋە ئەگەشمە تىپىدىكى ئىستېمالچىلار، دەپ بۆلۈنىدۇ. تاۋارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى دەلىللەپ چىقىدىغان ئېلان ئەقىل تىپىدىكى ئىستېمالچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ھېسسىيات تىپىدىكى ئىستېمالچىلارنى تاۋارغا نىسبەتەن يېقىملىق تۇيغۇ ۋە تەسىراتقا ئىگە قىلىش كېرەك. ئەگەشمە تىپىدىكى ئىستېمالچىلار داڭلىق ئارتىسلار، تەنتەربىيە چولپانلىرىغا ۋە ئالىم، مۇتەخەسسىس، جامائەت ئەربابلىرى چىققان ئېلانلارغا بەكرەك قىزىقىدۇ. 
ئوخشىمىغان تاۋارلارنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. بەزى تاۋارلار بەزى رايونلاردا بازار تاپقان بىلەن بەزى جايلاردا بېسىلىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا كارخانىچى بازارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال ئادەتلىرىگە ماس ئېلان ۋاسىتىلىرىنى تاللاپ، ئېلان تەشۋىقات ئىشلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بارمىسا، ئېلاننىڭ رولى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. 
ھەر قانداق كارخانا ئېلان بېرىشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئېلان ۋاسىتىچى شىركىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە بازاردىكى تەجرىبىسى، مۇلازىمەت سۈپىتى، ئاساسلىق باشقۇرغۇچىنىڭ ساپاسى، شىركەتتىكى خادىملارنىڭ ئىچكى ئويۇشۇش كۈچى، لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، ئەڭ ياخشى ئېلان ۋاسىتىچى شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك. شۇڭا ئېلان ۋاسىتىچى شىركەتلىرىنى تاللاش كارخانا سەل قارىسا بولمايدىغان مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى