ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پېتېر پىرىنسىپىنىڭ تەرەققىياتى

پېتېر پىرىنسىپىنىڭ تەرەققىياتى

ۋاقتى: 2016-07-24 ئاۋاتلىقى: 696 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نوسگۇس پاركىنسىن (C.N.Parkinson) بىر داڭلىق ئىجتىمائىي نەزىرىيەچى، ئۇ ئىلگىرى دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگانلاردىكى ئارتۇقچە شىتات يىغىلىپ قالىدىغان ھادىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ قىزىقارلىق ھالدا بايان قىلغان. ئۇ ئورگاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىق بۆلۈش ۋە بويسۇندۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، قەستەن ئورگاننىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ دەپ پەرەز قىلدى، بۇ ھادىسە دەل پاركىنسىن ئېيتقان «يۇقىرىغا ئۆرلەش پىرامىداسى»دۇر. پېتېرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل نەزىرىيەلىك لايىھەنىڭ يېتەرسىزلىكى بولۇپ، ئۇ خادىملارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى دەرىجە تۈزۈمىدىكى ئورگاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقىنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغانلىقى دەپ چۈشەندۈرىدۇ (گەرچە بىھۇدە ئاۋارە بولسىمۇ). پېتېر پىرىنسىپى كۆرسەتكەندەك، نۇرغۇن ياكى كۆپ قىسىم مەسئۇل خادىملار ئاللىبۇرۇن ئۇلار ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدىغان خىزمەت ئورنىغا چىقىپ قالغان. بۇ كىشىلەر ھازىرقى ئەھۋالنى ياخشىلاشقا ئامالسىز، چۈنكى بارلىق خادىملار ئاللىبۇرۇن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالغان، شۇنىڭ بىلەن، ئۈنۈمنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى بەلكىم ئۈنۈمنى ۋاقىتلىق ياخشىلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ يېڭى قوشۇلغان خادىملار ئەڭ ئاخىرىدا ئۆسۈش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۆزى ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان خىزمەت ئورنىغا چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىردىنبىر ئەھۋالنى ياخشىلايدىغان ئۇسۇل يەنە بىر قېتىم خىزمەتچى خادىملارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش بولۇپ قالىدۇ، شۇ ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ۋاقىتلىق يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ، كەينىدىن يەنە بىر قېتىم ئۈنۈمسىزلىككە يۈزلىنىدۇ. بۇنداق بولۇپ ئورگاندىكى ئادەمنىڭ سانى خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
پېتېر پىرىنسىپى تۇنجى قېتىم 1960-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا فېدىراتسىيەسى مەبلەغ ئاجراتقان بىر قېتىملىق تەتقىقات يىغىنىدا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان، ئاڭلىغۇچىلار بىر توپ مائارىپ تەتقىقات پىلانىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە ئەمدىلا ئۆستۈرۈلگەن تۈر مەسئۇللىرى ئىدى، پېتېر ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى «پەقەتلا جان-جەھلى بىلەن بەزى كونىراپ كەتكەن سىتاتىستىكىلىق كۆنۈكمىلەرنى كۆپەيتمەكچى» دەپ قارىغان، شۇڭا ئۇ پېتېر پىرىنسىپىنى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى. نۇتۇق دۈشمەنلىك ۋە مەسخىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، لېكىن پېتېر يەنىلا ئۆزىگە خاس كىنايە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پېتېر پىرىنسىپىنى يېزىپ چىقىشنى قارار قىلدى، گەرچە بارلىق مىسال تەتقىقاتلىرى ئىنچىكە تۈزۈپ چىقىلغان ۋە ئىشلەتكەن ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا 1965-يىلى باھاردا ئاخىرقى ئورگىنال تاماملانغاندا، جەمئىي 16 دىن ئارتۇق نەشرىيات بۇ كىتابنىڭ قول يازمىسىنى رەت قىلدى. 1966-يىلى، ئاپتور تارقاق ھالدا گېزىتتە نەچچە پارچە ئوخشاش بىر تېمىنى شەرھىيلەيدىغان ماقالىنى ئېلان قىلدى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى ئالاھىدە قىزغىن بولۇپ، ھەرقايسى نەشرىياتلارنىڭ تالىشىپ تۇرۇپ بېسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خۇددى پېتېر تەرجىمىھالىدا ئېيتقاندەك، ئادەم بەزىدە ئەينەكتە ئۆزىنىڭ شولىسىنى كۆرىدۇ-يۇ، ئۆزىنى دەماللىققا تونۇيالماي قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن ئىلگىرى مازاق قىلىپ تازا كۈلىدۇ، بۇنداق مىنۇتلاردا ئادەم ئۆزىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇۋالىدۇ، «پېتېر پىرىنسىپى» دەل شۇنداق بىر ئەينەكنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.


 چىشىغا تېگىش تۈسىنى ئالغان يۇمۇر
 1960-يىل 9-ئايدا، بىر قېتىملىق ئامېرىكا فېدراتسىيەسى مەبلەغ چىقىرىپ ئۇيۇشتۇرغان تەتقىقات ۋە تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، پېتېر دوكتۇر تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ بايقىشىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى.
ئەينى ۋاقىتتا پېتېر دوكتۇرنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرى بىر توپ مائارىپ تەتقىقات پىلانىغا مەسئۇل بولىدىغان خادىملار ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەكلىپ بېرىش خېتىنى ئاللىبۇرۇن تولۇق تاماملىغاچقا، ھەممىسى ئۆسۈپ بىر تۈرلۈك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى تەتقىقات پىلانىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ قالغان ئىدى.
بۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى بار ئىدى، لېكىن بۇنىڭ ئۇلار ئېرىشكەن مەسئۇللۇق ئورنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىدى، باشقا نۇرغۇن ئادەملەر بولسا تەتقىقات خىزمىتىگە ماس كەلمەيتتى، ئۇلار پەقەتلا جان-جەھلى بىلەن بەزى كونىراپ كەتكەن سىتاتىستىكىلىق كۆنۈكمىلەرنى كۆپەيتمەكتە ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن پېتېر دوكتۇر ئۇلارغا پېتېر پىرىنسىپىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇلار ئاڭلىغاندىن كېيىن، دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراش، مازاق قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. بىر ياش سىتاتىستىكىچى كۈلۈپ تېلىقىپ قېلىپ ئورۇندۇقتىن يېقىلىپ چۈشتى. ئۇ باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى پېتېر دوكتۇرنىڭ چىشىغا تېگىش تۈسىنى ئالغان يۇمۇرىستىك نوتۇقى كەلتۈرۈپ چىقارغانلقىنى ئېيتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا، ئۇ رايون تەتقىقات مەسئۇلى، يەنى ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە رەھبىرىنىڭ بىردەم قىزىرىپ، بىردەم كۆكۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرمەي قالدى. ئەينى ۋاقىتتتىكى داڭلىق مۇخبىر خىۋىر پېتېر پىرىنسىپىغا ناھايىتى قىزىقىپ قالدى، ئۇ پېتېر دوكتۇرنىڭ ئۆزىنىڭ  دانىشمەنلەرچە پىكىرىنى «پېتېر پىرىنسىپى» ناملىق بۇ كىتاب قىلىپ يېزىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. لېكىن «پېتېر پىرىنسىپى» دېگەن بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردى، بۇ جەرياندا پېتېر دوكتۇر جەمئىي 14 پارچە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان مۇھەررىرنىڭ ماقالە قايتۇرۇش خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۇسۇلى، يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ كىتابىدا «پېتېر ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۇسۇلى» دەپ ئاتىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ نەشىردىن چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇ خىۋىر ئەپەندىم بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گېزىت-ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ پېتېر پىرىنسىپىنى تونۇشتۇردى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى قىزغىن بولدى، نەچچە ئايدىلا، پېتېر دوكتۇر ئوقۇرمەنلەردىن 400 پارچىدىن ئارتۇق خەت تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنى نوتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىدىغانلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئورگىنال كېلىشىمى تۈزىدىغانلارمۇ توپ-توپ بولۇپ كېلىشكە باشلىدى.
ماقالىلەر زىلزىلە قوزغىغاندىن كېيىن، ئاخىرى نەشرىيات خوجايىنى پېتېر دوكتۇرنى ئىزدەپ كېلىپ نەشىر قىلىش ئىشىنى سۆزلەشتى. بۇ كىتاب 1969-يىل 2-ئايدا نەشىردىن چىققاندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا غەيرى رومان تىپىدىكى بازارلىق كىتابلار شەرەپ تاختىسىدا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى ھەمدە ئۇزۇن مەزگىل شەرەپ تاختىسىدا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىدى، داۋاملاشقان ۋاقتى 20 ھەپتىگە يەتتى. ھازىرغا قەدەر، «پېتېر پىرىنسىپى» ئون نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بازار تاپتى. تېخىمۇ ئەقىل يەتمەيدىغىنى، بۇ كىتاب نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ زۆرۈر دەرسى بولۇپ قالدى ھەمدە نۇرغۇن تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا بەس مۇنازىرە قىلىنىدىغان تېمىغا ئايلاندى.
بۇنىڭدىن سىرت، بۇ كىتاب يەنە بىرنەچچە جىددىي تەتقىقات پىلانلىرىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى، پېتېر پىرىنسىپىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى تەكشۈرۈلگەندە، نەتىجىدە ھەر تۈرلۈك تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى پېتېر دوكتۇرنىڭ كۆزىتىشىنىڭ خاتاسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
پېتېر دوكتۇرنىڭ «پېتېر پىرىنسىپى»نى ئىزاھلىشى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە پىسخىكا ساھەلىرىدىكى كۆزىتىش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئىجادىي پىكىر بولۇپ قالدى.

تەھرىر تەۋسىيەسى:


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى