ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(4)

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(4)

ۋاقتى: 2015-12-15 ئاۋاتلىقى: 431 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(3)» بۇ يەردە!

 

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش(4)

 

3. سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىش تۈزۈمى


ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى-دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ھازىرلانغان ھەمدە مەھسۇلاتلىرى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان سانائەت كارخانىلىرىغا تارقىتىپ بەرگەن، شۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىدۇ.


دۆلەتنىڭ مۇھىم سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى، جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىشى، مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت، خېرىدارلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەدبىرىدۇر. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ كارخانىلارغا بولغان ماكرو جەھەتتىن تەڭشەش-تىزگىنلىشى كۈچەيتىلىپ، سۈپىتى ناچار مەھسۇلاتلارنى قارىغۇلارچە ئىشلەپچىقىرىش ھادىسلىرى ئۈنۈملۈك تۈردە چەكلىنىدۇ.


مەھسۇلات سۈپىتى مەسلىسىنى ئۈنۈملۈك تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، 1984-يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنى گوۋۇيۈەن «سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزامغا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئالاقىدار بىر قانچە مۇھىم بەلگىلىمىلەر كىرگۈزۈلىدۇ.


ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى يولغا قويۇشتا، گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى بىر تۇتاش تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىدۇ، ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ؛ باشقۇرۇش چارىلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ مەھسۇلات مۇندەرىجىسى ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ؛ سىناش، تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ؛ نومۇر قويۇش چارىسىنى بەلگىلەيدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن كارخانا ۋە مەھسۇلات تىزىملىكىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ؛ ئالاقىدار تالاش-تارتىش ئىشلىرىغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. مەھسۇلاتلارنى سىستېما بويىچە باشقۇرغۇچى تارماقلار تەكشۈرۈپ بېكىتىش، گۇۋاھنامە تارقىتىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارماقلىرى باشقۇرۇشقا ھەمكارلىشىدۇ.



ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالغان كارخانىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ. شاللاپ چىقىرىۋېتىشنى ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىمۇ رويىخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ ياكى قايتۇرۋېتىلىدۇ.


ئون يىلدىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمى كارخانىلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ھەرىكتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قول ئۇچىدا ئىشلەشنى توسۇش، دۆلەت ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى، لېكىن، ئىجازەتنامە تارقىتىش دائىرىسى بەك كەڭ بولۇپ كېتىش، ئىجازەتنامىسىز مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش دەرىجىسى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلدى. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى تۈزۈمىنى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا يەنىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ھەمدە بۇ تۈزۈمنىڭ ئۈنۈمىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1993-يىلى دۆلەت ئىقتىساد-سودا كومىتېتى، دۆلەت تېخنىكا نازارەت قىلىش «1-تۈركۈمدە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بويىچە باشقۇرۇش بىكار قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ مۇندەرىجىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان 487 ىىل مەھسۇلات ئىچىدىكى 103 ىىل مەھسۇلاتقا قارىتا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بويىچە باشقۇرۇشنى بىكار قىلدى.

-------------------------------------

«ئىقتىسادىي قانۇنشۇناسلىق» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى