ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بۇ يىل ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

بۇ يىل ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

ۋاقتى: 2016-05-31 ئاۋاتلىقى: 879 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ يىل دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالتۇن بازىرى داۋاملىق ئۆسۈشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىن، 1-ئايدا خەلقئارادا ئالتۇن باھاسى %10 ئۆستى. ئەمما 2-ئاي كىرگەندىن بۇيان ئالتۇن باھاسى ئۈزلۈكسىز داۋالغۇپ، باھادا بىر ئۆرلەپ، بىر چۈشۈشتەك ئەھۋال كۆرۈلدى.

بۇ يىل ئالتۇن بازىرىدىكى باھانىڭ داۋالغۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار مېنىڭچە تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ:
تەمىنلەش بىلەن ئالتۇنغا بولغان تەلەپنىڭ مۇناسىۋىتى: ئالتۇننىڭ باھاسى تەمىنلەش ۋە تەلەپ مۇناسىۋىتىگە باغلىق بولۇپ، ئالتۇننىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئاشسا باھاسى چۈشىدۇ، ئەكسىچە بولسا ئۆرلەيدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىشتا ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەت. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى دۇنيادىكى ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %33 ىنى، ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى %28 ىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى %29 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا بويىچە ساقلىنىۋاتقان ئالتۇن مىقدارى 158 مىڭ توننا، قازغىلى بولىدىغان ئالتۇن مىقدارى 170 مىڭ توننا كېلىدۇ. بىراق، ھەر يىلى يەر شارىنى تەمىنلىيەلەيدىغان ئالتۇن مىقدارى ئاران 3000 توننىدىن ئاشىدۇ. شۇڭا، ئالتۇن بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئازىيىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋالغۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
زور كۆلەملىك قەرز قەرەلىنىڭ توشۇشى ۋە ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنىڭ داۋاملىشىش ئامىلى: بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە ياۋرو رايونىدا زور كۆلەملىك قەرزلەرنىڭ قەرەلى توشقان بولۇپ، قەرزدارلىقتىن تېنىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش تەدبىرىنى قوللانمىسا، يەر شارىدىكى پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا غايەت زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
دوللار قىممىتىنىڭ سىجىل ئۆرلىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ مىقدارلاشتۇرۇلغان پۇل سىياسىتى ئامىلى: سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، دوللارنىڭ قىممىتى ھازىر تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە مەبلەغلەرنىڭ خەزىنىلەشتۈرۈلۈشى دوللارنىڭ قىممىتىنى ئۆرلىتىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە بېسىم پەيدا قىلىدۇ. دوللار گەرچە ئالتۇنغا ئوخشاش مۇقىم بولمىسىمۇ، ئەمما، ئالتۇننىڭ كۆچمىچانلىقىدىن ياخشى بولغاچقا، دوللار بىرىنچى تۈرگە، ئالتۇن ئىككىنچى تۈرگە تەۋە بولىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇغاندا كىشىلەر ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆسۈشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، كۆپلەپ ئالتۇن سېتىۋالىدۇ. دوللار كۈچەيسە ئالتۇن ئاجىزلايدۇ، ئالتۇن كۈچەيسە دوللار ئاجىزلايدۇ، ئالتۇن گەرچە قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇل بولمىسىمۇ، بىراق، ئۇ باشتىن-ئاخىر قىممىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئەگەر دوللار كۈچەيسە دوللارغا مەبلەغ سېلىشنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلەش پۇرسىتى زور بولىدۇ. ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى مىقدارلاشتۇرۇلغان پۇل سىياسىتىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويسا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ يىل 25-يانۋار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تۆۋەن ئۆسۈم نورما سىياسىتىنى 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سىگنال.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللاردىن يەنە قايسىلار بار؟ بۇ نوقتىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#
خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىز بولۇش ئامىلى: بۇ يىل يەر شارىدا سىياسىي جەھەتتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقىنى ئىراننى يادرو قىلغان ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدۇر. چۈنكى، ئىران دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولۇپ، ئەگەر ئۇرۇش پارتلىسا دۇنيادىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىياسىي ۋەزىيەت ئالتۇنغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. ئوتتۇرا شەرق يەر شارىدىكى ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە ئاساسلىق نېفىت چىقىدىغان رايون، بۇ رايونلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشى ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
يەر شارىدىكى كۆچمىچانلىق ئامىلى: 2012-يىل كىرگەندىن بۇيان، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر مىقدارلاشتۇرۇلغان پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى، يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەرمۇ ئالدىنقى مەزگىللىك چىڭىتىلغان پۇل سىياسىتىنى ۋە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى 2012-يىلى تۆتىنچى پەسىلدە ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا يەر شارىدىكى كۆچمىچانلىقنىڭ بوشاپ كېتىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ تەكشى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئالتۇن ئىستېمالىنىڭ ئېشىش ئامىلى: 2012-يىلى جۇڭگو ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت دۇنيادا ئالتۇن ئىستېمال قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەردە ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج داۋاملىق ئاشتى، بۇ ئەھۋال ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
پۇل پاخاللىقى ئامىلى: بىر دۆلەت پۇلىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى مال باھا كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. بىر دۆلەتتە مال باھاسى مۇقىم بولسا شۇ دۆلەت پۇلىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى شۇنچە مۇقىم بولىدۇ، ئەكسىچە پۇل پاخاللىقى نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولۇپ، پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق رايونلارنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچى مۇقىم بولسا، نەق پۇلنىڭ كۇرسى چۈشمەيدۇ ھەم ئۆسۈم كىرىمى شەكىللىنىدۇ، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ زۆرۈر تاللىشىغا ئايلىنىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا پۇل پاخاللىقى ئۆتكۈرلىشىپ، كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەق پۇلنىڭ كاپالىتى بولمايدۇ، ئېرىشكەن ئۆسۈم مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە يېتىشەلمەي قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئالتۇن سېتىۋېلىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. نەتىجىدە ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ. غەربتىكى ئاساسلىق دۆلەتلەردە پۇل پاخاللىقى نىسبىتى قانچە يۇقىرى بولسا ئالتۇننىڭ قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى شۇنچە زور بولىدۇ-دە، خەلقئارادىكى ئالتۇن باھاسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
ئۆسۈم نورما ئامىلى: ئالتۇنغا مەبلەغ سالسا ئۆسۈمگە ئېرىشكىلى بولمىغان بىلەن، مەبلەغ سېلىش قىممىتى بارغانسېرى ئۆرلەيدۇ. ئۆسۈم نورمىسى تۆۋەن بولغاندا ئالتۇنغا مەبلەغ سالسا پايدىلىق بولىدۇ. ئۆسۈم نورمىسى يۇقىرى بولغاندا ئۆسۈم كىشىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ، ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشنىڭ تەننەرخى ئاشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا پۇلنى ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلەتمەي، بەلكى بانكىغا ئامانەت قويۇپ ئۆسۈم كىرىمىگە ئېرىشىش ئاقىلانە تەدبىردۇر. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى