ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ يوللىرى

شىركەت ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ يوللىرى

ۋاقتى: 2016-05-27 ئاۋاتلىقى: 728 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، ئۈمىدلىك، جاسارەتلىك، قەلبى ئۇلۇغۋار غايىلەر بىلەن تويۇنغان بىر تۈركۈم قېرىنداشلىرىمىز زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ، دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ تەلىپى بويىچە تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە بولۇش، سىستېمىلاشقان سودا ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭىچە شىركەت، زاۋۇت، كارخانىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش، قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
پېقىرمۇ بەزى سەۋەبلەر بىلەن بىر قانچە شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىشلىرى داۋامىدا بۇ ھەقتە ئانچە-مۇنچە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ قالدىم. شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئىشلاردا باشقىلارغىمۇ پايدىسى تىگىپ قالارمىكىن دەپ بۇ يازمىنى يازدىم. مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئەمىسە كەتتۇق:

ئەلۋەتتە ئەڭ ئاۋۋال شىركەت نامى، شىركەت قانۇنىي ۋەكىلى، شىركەت مەبلىغى، شىركەت ئورنى (ئادرېسى) دېگەندەك ئورۇنلارنى ئالدىن ئويلىشىسىز. ئاندىن تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە بولىدۇ.

1. شىركەت ئىسمىنى ئالدىن ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى (企业名称预先核准申请表) ئېلىش، شىركەت نامىنى تەھقىقلەش، جەدۋەل تولدۇرۇش
(ھەممە ئىشلار دېگۈدەك سودا-سانائەت ئىدارىسىدا بېجىرىلىدىغان بولغاچقا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمايدۇ) سودا-سانائەت ئىدارىسىغا بېرىپ بىرىنچى قىلىدىغان ئىشىمىز شىركەت نامى ۋە تۈرىنى ئىلتىماس قىلىش (نامى ئوخشاش بولسىمۇ تىجارەت دائىرىسى ئوخشىمىسا ئوخشاش ئىسىملارنى ئىشلىتىشكە بولىدىكەن)، بۇنىڭدا سودا-سانائەت ئىدارىسىدىكى خادىملار ئۆزىنىڭ مەخسۇس تورىدا بىر تۇتاش گەۋدىلەشكەن تور سىستېمىسى ئارقىلىق شىركەت نامى، تۈرلىرى، ئىسىم توقۇنۇشى كېلىپ چىقىدىغان-چىقمايدىغانلىقىنى. . . دېگەندەك تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈپ بېرىدۇ، ئەگەر ئىشلىتىشكە بولسا بىر ۋاراق A4 قەغەزگە شىركەت نامىنى ئالدىن ئەنگە ئالغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ ئىسپات ئاشۇ ئىسپات بېرىلگەندىن باشلاپ ئالتە ئايغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن، يەنى شۇ ئالتە ئاي ئىچىدە ھېچكىم بۇ شىركەت نامىنى ئىشلىتەلمەيدىكەن (ئىشلىتىش پەقەت شۇ ئىلتىماس قىلغۇچىغىلا خاس بولىدىكەن).
بۇ ئىسپاتقا شىركەت نامىدىن باشقا يەنە شۇ شىركەتنىڭ تىجارەت تۈرى، مەبلەغ سالغۇچىلار (پايچىكلار) نىڭ ئىسمى، كىملىك نومۇرى، مەبلىغى (بانكا ئامانىتى، كۆچمە، مۇقىم مۈلۈكلەر)، ئومۇمىي مەبلەغنىڭ ئومۇمىي پايچىكلار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى (يەنى ئۈچ نەپەر شىركەت پايچىكى بولسا ھەر بىر پايچى شۇ ئومۇمىي مەبلەغنىڭ قانچە پىرسەنتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن)، كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمىسى دېگەندەك مەسىلىلەر كىرگۈزىلىدىكەن.
ئەگەر شىركەت ئەنگە ئالدۇرغان مەبلەغ بىر مىليون يۈەندىن ئاز بولسا شەھەرلىك ياكى ناھىيەلىك سودا-سانائەت ئىدارىلىرى بۇ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىدىكەن، ئەگەر شىركەت ئەنگە ئالدۇرىدىغان مەبلەغ بىر مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولسا ۋىلايەت ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئەنگە ئالىدىكەن.

2. بانكا ھېساباتى ئېچىش (银行公司账户)
ئۆزىڭىزگە ئەڭ قولايلىق خالىغان بانكىدىن ھېسابات ئاچسىڭىز بولىدۇ، چوقۇم شىركەت نامىدا بىر ھېساب ئېچىلىدۇ.

كېيىنكى باسقۇچلارغا قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!
#p#

3. كاپىتال تەكشۈرۈش دوكلاتى (验资报告)
بۇنىڭدا سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن مەلۇم بوغالتىرلىق ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى (会计事务所) سىز ھېساب ئاچقان بانكىغا بېرىپ سىز ئىلتىماس قىلىپ ئەنگە ئالدۇرماقچى بولغان مەبلەغنىڭ بانكا ھېساباتىغا كىرگەن-كىرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئىسپات چىقىرىپ بېرىدىكەن. ئادەتتە نەق پۇل ئامانىتى تولۇق بولسا ئۇلار ئىسپاتقا مەلۇم مىقداردا (نەچچە يۈز يۈەن، كۆپرەك بولسا بىر نەچچە مىڭ يۈەن) مۇلازىمەت ھەققى ئالىدىكەن.

4. تىجارەت گۇۋاھنامىسى (营业执照)، مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامىلەر(许可证)
ئادەتتە يۇقىرىقى تۈرلەر تاماملانغاندا سىزنىڭ تىجارەت قىلىشىڭىزغا بېرىلىدىغان كىنىشكا (بۇنى سۆزلىمىسەممۇ ئەقىللىك ئوقۇرمەنلىرمىز چۈشىنىدۇ)

5. تامغا تەستىقلىتىش ۋە مۇناسىۋەتلىك تامغىلارنى ئويدۇرۇش
بۇنىڭدا شۇ سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كۆزنىكىگە شۇ شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، پايچىكلارنىڭ كىملىكى كۆپەيتىلمىسى دېگەندەك ئۈچ ياكى تۆت تۈرلۈك نەرسىلەرنى كۆپەيتىپ ئېلىپ بارىسىز، ئاندىن ئۇلار شۇنىڭغا ئاساسەن شىركەتنىڭ مەمۇرىي تامغىسى (公司公章)، توختام تامغىسى (公司合同章) ۋە مالىيە تامغىسى (公司财务章) نى ئويدۇرۇشقا ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ، ئادەتتە تامغىلارنى ئۇلار بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنلاردا ئويدۇرۇش مۇمكىنچىلىكىڭىز%100 بولۇشى مۇمكىن. قالغان كىچىك تامغىلارنى ئۆزىڭىز ئويدۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ.

6. شىركەتنىڭ ۋاكالەت كود نومۇرى كىنىشكىسى (公司代码证)
شىركەت تامغىسى چىقىپ بولغاندىن كېيىن 6-تۈردىكى مۇناسىۋەتلىك كۆپەيتىلمىلەر ۋە شىركەت تامغىسىنى ئېلىپ باشقا بىر كۆزنەكتىن بۇ كىنىشكىنى ئېلىش ئىلتىماس جەدۋىلى ئېلىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنى تولدۇرۇپ تاپشۇرىسىز، ئادەتتە ئۈچ كۈن ئەتراپىدا تەستىقلىنىپ چىقىشى مۇمكىن، بۇ كىنىشكىنى ئالىدىغان چاغدا 148 يۈەن ھەق ئالىدۇ (ئېھتىمال مۇشۇ ئىدارىنىڭ بانكا ھېساباتىغا پۇل تاپشۇرۇپ، پۇل تاپشۇرۇش تالۇنىنى مۇشۇ كۆزنەككە تاپشۇرۇشىڭىز مۇمكىن)، رەسمىي نۇسخا (正本) ۋە قوشۇمچە نۇسخا (副本) دەپ ئىككى نۇسخا چىقىرىپ بېرىدۇ.
يۇقىرىدىكى 6 تۈرنىڭ ئىچىدە تامغا ئويۇش، كاپىتال تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن باشقا تۈرلەرگە بەك كۆپ ھەق ئالمايدۇ ياكى ئالمايدۇ.

7. دۆلەتلىك باج كىنىشكىسى ۋە يەرلىك باج كىنىشكىسى
دۇنيادا باج ئېلىنمايدىغان دۆلەت ياكى رايونلار بەك ئاز، جۇڭگودا باج تاپشۇرۇش ھەر بىر پۇقرانىڭ مەجبۇرىيىتى، بۇنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز.

ئېھتىمال ھەر قايسى جايلارنىڭ بېجىرىش تەرتىپلىرى ۋە تەلەپلىرى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئومۇمەن ئېيتقاندا يۇقىرىقى سەككىز تۈردىكى مۇناسىۋەتلىك باسقۇچلارنى باسماي، بېجىرمەي تۇرۇپ سودا-سانائەت ئىدارىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلانماق تەس.
ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى جەريانلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما بەك باش قاتۇرغۇدەك ئىشلار ئەمەس، ھەممە ئۆز يولىدا ئاسانلار بېجىرگىلى بولىدىغان ئىشلار، تەس دېيىلسە، ئەڭ قىيىن ئۆتكەل-مەبلەغ. مەبلەغ ئىشلىرى ھەل بولۇپ كەتسە قالغان رەسمىيەتلەرنى بېجىرمەك بەك تەسكە توختاپ كەتمەيدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى