ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

يۈ مىنخۇڭ: زىيالىيلارنىڭ «توققۇز چوڭ خىسلىتى» ۋە «تۆتتە گالۋاڭ بولماسلىقى» (1)

يۈ مىنخۇڭ: زىيالىيلارنىڭ «توققۇز چوڭ خىسلىتى» ۋە «تۆتتە گالۋاڭ بولماسلىقى» (1)

ۋاقتى: 2016-06-05 ئاۋاتلىقى: 919 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەن ئەزەلدىن شەخسىي تەرەققىياتنى يېڭى شەرقنىڭ تەرەققىياتىدىن مۇھىم ياكى شەخسىي تەرەققىيات يېڭى شەرقنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق دەپ قاراپ كەلدىم. بۇ خۇددى بىر دۆلەت ۋە پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش، بىر دۆلەتتە ھەر بىر پۇقرا، ھەربىر شەخسكە ئەھمىيەت بەرگەندە، دۆلەت ئاندىن روناق تاپالايدۇ. ئەگەر بۇ دۆلەتتە پەقەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە سىياسىي يۆنىلىشكىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەربىيەسى، ئادىمىيلىك ۋە كىشىلىك خىسلىتىنى ھۆرمەتلەشكە سەل قارالسا، ئۇنداقتا بۇ دۆلەتتە چوقۇم مەسىلە كۆرۈلىدۇ. بىزنىڭ جۇڭگودا مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە كۆرۈلىۋاتىدۇ، ھەر بىر ئادەم ۋە ھەر بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى ھۆرمەتكە ئېرىشىلمەيۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە جۇڭگو كوللېكتىۋىزىملىق ئىدىيەسى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئىتتىپاقلاشقان بىر جاي، 56 مىللەت ئەزەلدىن ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا نېمىشقا يەنە مۇكەممەل بولمىغان يەرلەر كۆرۈلىدۇ؟ بۇ يەردىكى تۈپ ئامىل بولسا جۇڭگودىكى كىشىلىك تەرەققىيات مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان. 
يېڭى شەرق ئۈستىدە توختالغاندا، يېڭى شەرقتىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ۋە ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە توختىلىش كېرەك. بۇ پەقەت ئىش ھەققىنىلا كۆرسەتمەيدۇ، تېخىمۇ بەك شەخسىي ئىقتىدارنىڭ ئۆسۈشى ۋە مۇكەممەللىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ شەخسىي قىممەت قارىشىم ئەزەلدىن مۇنداق: ئەگەر بىر ئادەم ماددىي جەھەتتە ھەممە نەرسىگە، مەسىلەن ئۆي، ماشىنا، پۇل ھەمدە نام-ئابروي ۋە ئىجتىمائىي بايلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە بولسا، ئۇنداقتا بۇلار چوقۇم قابىلىيەتنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، شەخسىي قابىلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قوشۇمچە مەھسۇلاتلاردۇر. ئەگەر سىزدە ئىقتىدار بولماي، بايلىقلا بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنى چوقۇم ئاتا-ئانىڭىز قالدۇرغان، ئاخىرىدا يېتىپ يېسىڭىز تاغمۇ توشىمايدۇ. 
بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى شەرقتە بىر ئۆمۈر تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، بەزىلەر بىر نەچچە يىللا تۇرۇشى مۇمكىن، بەزىلەر تېخىمۇ ئۇزۇن تۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز چوقۇم بىر ئۆمۈر ياشىشىمىز كېرەك. بۇ ئۆمرىڭىزنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، سىز يۈز ياشقىچە ياشىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قىسقىراق ياشىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىمىز كونترول قىلالايمىز، لېكىن ھەممىسىنى كونترول قىلالمايمىز. يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرەلىشىمىز مۇمكىن، لېكىن يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، گېن ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى بەلگىلەيدۇ، ھەم يېمەك-ئىچمەك ۋە بەدەن شارائىتىدىن بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ تەن ساغلاملىقىمىزغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. دېمەكچى بولغىنىم، ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن-قىسقا بولىدۇ، لېكىن ھاياتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز. مەن ئالدىنقى ھەپتىلا 50 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزدۈم. ئۆمرۈمنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كېتىپتۇ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپتىمەن، نۇرغۇن ئەپسۇسلىنىدىغان، قايمۇققان ئىشلارمۇ بوپتۇ. مەن كېيىنكى ئۆمرۈمنى قانداق قىلىپ ئازراق ئەپسۇسلىنىش ۋە كۆپرەك مول مەزمۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىمەن. ئولتۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى 20-30 ياش ئەتراپىدا. "30 ياشتا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش" دېگىنىمىز 30 ياشتا غايە تىكلەپ، ئۆمۈرلۈك نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ياكى ئۆزىنى ماددىي بايلىق، نام-ئابروي ۋە ئورۇنغا ئىگە قىلىدىغان يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇش دېگەنلىكتۇر. 
#p#
مەنمۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن ئۆزۈمنى ئىزچىل زىيالى دەپ قاراپ كەلگەنگە ئوخشاش، بۈگۈن بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى، كەلگۈسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇش-بولماسلىقىڭلاردىن قەتئىنەزەر ھەممىڭلار زىيالىيلار. شۇڭا تۆۋەندە زىيالىيلاردا بولۇشقا تېگىشلىك، ئەمەلىيەتتە ھەربىر ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەتلەر ئۈستىدە توختالماقچىمەن.
 
بىرىنچى خىسلەت، خارەكتېرى بار بولۇش، لېكىن ئۇنى سىلىق ئىپادىلەش 
خارەكتېر بىر ئادەمنىڭ مىجەزىنىڭ ياخشى -ناچارلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى مۇستەقىل بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا تەرىپىدىن تونۇلۇش، ھەرزىمۇ يارىماس، تەۋرىنىشچان بولماي، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل پىكىرى، تۇرمۇشقا نىسبەتەن كۆز قارىشى بولۇش، ئۆزىنىڭ دوست تاللاش ئۆلچىمى بولۇش، شۇنداقلا ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرالايدىغان بولۇش، مانا بۇ خارەكتېر دەپ ئاتىلىدۇ. مەزمۇنغا باي بولۇش بىر خىل خارەكتېر، تۈز كۆڭۈللۈكمۇ بىر خىل خارەكتېر بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ خارەكتېرى ئوخشاش بولمايدۇ. خارەكتېرى بار بولۇش ياخشى ئىش، خارەكتېرى يوق كىشىلەر بەزىدە ئادەمگە ئىنتايىن مۈجمەل تەسىر بېرىپ قويىدۇ. بەزىلەرنىڭ سېمىزلىكنى گۈزەللىك دەپ بىلىشىمۇ ئۆز خارەكتېرىنى نامايەن قىلغانلىقىدۇر. لېكىن خارەكتېرنى سىلىق ئۇسۇلدا ئىپادىلەش، ھەرگىزمۇ تىكەن سانچىپ سۇ ياڭىقى ئارقىلىق باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈپ قويماسلىق، كۆپچىلىك ئارىسىدا ئۆزىمىزنى تاۋلاپ، باشقىلارنىمۇ ئازادىلىك ھېس قىلدۇرۇشىمىز لازىم. 
ئەگەر سىز پىشىپ -يېتىلپ، كۆپچىلىك ئارىسىغا چۆكەلىسىڭىز، ھەر قانچە خارەكتېرىڭىز بولسىمۇ، يەنىلا ئالقىشقا ئېرىشەلەيسىز، پەقەت مۇشۇنداق قىلالىغاندىلا ئاندىن تالانتىڭىزنى نامايەن قىلالايدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلەيسىز. ئۇنداق بولمىغاندا، داۋاملىق باشقىلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچراپ قالىسىز، چۈنكى سىزدە بار خارەكتېر باشقىلاردىمۇ بار، خارەكتېرىڭىزنى قالايمىقان ئىشلەتسىڭىز، باشقىلار سىزنى ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىدۇ. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى ئۆز ھەرىكىتىنى چەكلەشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولىدۇ. ئەگەر سىز ئەركىنلىكتە چېكىگە يېتىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئوت قويۇشنى ئويلىغان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز يوقىلىشقا يۈزلەنگەن بولىدۇ. گىتلېرمۇ ئەركىنلىكتە نۇرغۇن يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرگەن، لېكىن نەچچە يىل دەۋر سۈرمەيلا، يەرئاستى ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
#p#
مېنىڭ ئۆزۈمگە بولغان تەلىپىم بولسا، مەن خارەكتېرى بار بىر ئادەم بولىمەن، لېكىن يەنە سىلىق-سىپايە ئادەم بولىمەن. كۆپچىلىككە مەلۇمدۇر، مېنىڭ خارەكتېرىم بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى نەتىجىلىرىممۇ بولمىغان بولاتتى. خارەكتېرىم بار دېگىنىم، مەن مۇستەقىل پىكىر قىلالايمەن، ئۆزۈمنىڭ قىممەت قارىشىم ۋە تەشەببۇسۇم بار. خارەكتېرى بار بولۇش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ يۈزىگە گۈل چەككۈزۈپ، بۇرنىغا ھالقا ئېسىۋېلىشنى كۆرسەتمەيدۇ، مېنىڭچە بۇنداق كىشىلەر كۆڭلىدە ئۆزىنى بەك كەمسىتكەچكە شۇڭا سىرتقى قىياپەتتە مۇشۇنداق غەلىتە بولىۋالغان. مەن بىلىمەن، يېڭى شەرقنى تېخىمۇ ئۇزۇن روناق تاپقۇزۇشۇم ئۈچۈن، چوقۇم سىلىق-سىپايە بولۇشۇم كېرەك، شۇڭا مەن داۋاملىق سىلىق-سىپايە بولۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن. مەن تۈنۈگۈن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە بولغاندا، مۇنداق دېدىم: «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدا ھېچنەرسە كەم ئەمەس، بىرلا كەمچىل بولغىنى كەمتەرلىك. قانچىلىك كەمتەر بولساڭلار ئېشىپ كەتمەيدۇ، لېكىن سىلەر ھازىر سوئال سورىغاندىكى قاراش ھالىتىڭلار ۋە سۆزلەش ئۇسۇلۇڭلار بەكلا ئېشىپ كەتكەن، سىلەر ماڭا مۇشۇنداق قىلىۋاتقان يەردە، جەمئىيەتكە قانچىلىك ئاشۇرۇۋېتىدىڭىنىڭلارنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ئادەمنىڭ بىلىمى ئىنتايىن مول بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىنتايىن نادان.» ئادەمنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى بىلىملىك لېكىن نادان كىشىلەر، بىلىملىك، ئاقىل بولۇش ۋە بىلىملىك، نادان بولۇش ئىككى خىل ئۇقۇم بولۇپ، بۇ بۈگۈن مەن سۆزلىگەن بىرىنچى خىسلەت. 
 
ئىككىنچى خىسلەت، ئىدىيەڭىز سەزگۈ بولسىمۇ بولىدۇ، كەسكىن بولسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چەكتىن ئېشىپ كەتسە ھەرگىزمۇ بولمايدۇ 
چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولسا، مەسىلەن ھازىر تور ئېچىۋېتىلگەن، توردا ھەممە نەرسىنى تىللاپلا تۇرغان كىشىلەر دەل چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان كىشىلەردۇر. قانداق پىكىر ئېلان قىلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر كەينىڭىزدىن تىللاپلا تۇرىدىغانلارمۇ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدىغانلار. ئاچچىقلانسىڭىز بولىدۇ، لېكىن كۆرگەنلا نەرسىگە ھېچقانداق قىممەت قارشىڭىز يوق ھالدا ئاچچىقلىنىۋەرسىڭىز، مەسىلە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ھەرقايسى ئوقۇتقۇچىلار، سىلەرنىڭ ئىدىيەڭلار سەزگۈر ياكى كەسكىن بولسا ھېچقىسى يوق، مېنىڭ ئىدىيەممۇ بەزىدە ئىنتايىن كەسكىن، مەن مىكرو بىلوگدا پىكىر بايان قىلسام، بەزىدە رەھبەرلەر تېلىفون قىلىدۇ ۋە «يۈ مۇئەللىم، گەپ قىلغاندا سەل سىلىقراق بولۇڭ.» دەيدۇ. گەرچە ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىم، ھەتتا جەمئىيەتكە نىسبەتەن بەزى كەسكىن تەنقىدلىرىم بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ ئاخىرقى چېكىم بار، مەندە جەمئىيەتكە نىسبەتەن يەنىلا ئۈمىد بار،  ھازىر مەيلى قانداق ھالەتتە بولسۇن، جۇڭگو جەمئىيىتى ھامان گۈزەل كېلەچەككە قاراپ يۈزلىنىدۇ دەپ ئويلىغان ئاساستا مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىمەن. ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى، ئىشلارغا نىسبەتەن ئۆز كۆز قاراشلىرى بولمىسا بولمايدۇ، مەسىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، جەمئىيەت ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، بىلىم ۋە مائارىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئۆز كۆز قاراشلىرى بولۇشى كېرەك، لېكىن ئەگەر چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتسىڭىز، سىزنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل كۆز قارىشىڭىزنىڭ يوقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بولۇپمۇ بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر ئىدىيەنى چۈشەندۈرگەندە، ئۆزۈڭلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىدىيەڭلارنى ئېنىق ئىپادىلىسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكىڭلار كېرەك. چۈنكى ئەگەر رادىكاللىققا مېڭىپ قالسىڭىز، ئۇ ئىدىيە ئاشۇرۇۋېتىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ، چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن نەرسىلەر ئادەتتە ئۆلتۈرۈش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك نەرسىلەردۇر. رادىكاللىق ئىدىيەسى بار كىشىلەر ئاخىرىدا بارغاندا ھەممىسىدىن چاتاق چىقىدۇ؛ رادىكاللىق ھەرىكەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاخىرىدا ھامان تۈرمىگە كىرىدۇ. سەۋەب ناھايىتى ئاددىي، جەمئىيەت ئىدىيەگە موھتاج، لېكىن رادىكاللىق ھەرىكەتكە موھتاج ئەمەس. 
#p#
ئۈچىنچى خىسلەت: كەسپىي ساھەدە ئەلا بولۇش، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر بولۇش كېرەك
كەسپىي ساھە دېگەن نېمە؟ مەسىلەن بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھازىرقى كەسپى ئوقۇتقۇچىلىق، كېيىنچە سىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغۇڭىز بولمىسىمۇ، لېكىن چوقۇم ئۆزىڭىز قىلىشنى خالايدىغان بىر كەسپىي ساھەرىڭىز بولىدۇ. مېنىڭ كەسپىي ساھەرىم ئەڭ دەسلەپتە ئېنگلىز تىلى ئىدى، لېكىن ئېنگلىز تىلى دېسە دائىرىسى بەك كەڭ، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىشنىڭ قايسىسىنى كەسپ قىلىش كېرەك؟ ئاڭلاش، سۆزلەش، يېزىش مېنىڭ ئارتۇقچىلىقىم ئەمەس، ئوقۇشتا خېلى بوپ قالىمەن. كېيىن ئويلاپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى سۆزلۈك يادلاشقا موھتاج بولغاندىكىن، سۆزلۈك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇنى كەسپىم قىلايچۇ دەپ ئويلىدىم. ھازىر تەربىيەلەش مائارىپىنى باشقۇرۇش مېنىڭ كەسپىم بولۇپ قالدى. ئەگەر جۇڭگودىكى تەربىيەلەش مائارىپى مۇتەخەسسىسى ئىزدەيمەن دېسىڭىز، مەن شۇلارنىڭ بىرسى. ئادەم ئۆمرىدە تايىنالايدىغان، ھەر قانداق ۋاقىتتا نان تېپىپ يېيەلەيدىغان بىرەر كەسپى، ياكى ساھەسى بولۇشى كېرەك. پەقەت پۈتۈن دۇنيادكى كىشىلەر ئىشسىز قالمىسىلا، سىزمۇ ئىشسىز قالماسلىقىڭىز كېرەك. پەقەت جۇڭگودىكى كىشىلەر ئېنگلىز تىلى ئۆگەنسىلا، مەن يەنىلا بىرەر قاچا تاماق تېپىپ يېيەلەيمەن، مانا بۇ كەسپىي ساھەدۇر. 
بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر بولۇش دېگەن قانداق ئۇقۇم؟ ھەربىر ساھەنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىش دېگەنلىكتۇر. مىنگو دەۋرىدىكى زىيالىيلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر ساھەدە ناھايىتى پىشقان، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار نۇرغۇن ساھەلەرنى چۈشىنىدۇ. مەسىلەن چېن يىنكې تارىخنى تەتقىق قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ فىزىكا، خىمىيە، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات ۋە ئارخېئولوگىيە قاتارلىق جەھەتتىكى بىلىمىمۇ ناھايىتى مول. چۈنكى پەقەت بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر بولغاندىلا، ئاندىن مەسىلىلەرگە تېخىمۇ مۇكەممەل نەزەر بىلەن قارىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئۆز كەسپىي ساھەسىدە بىرى ئارقىلىق ھەممىسىنى چۈشىنىش ھالىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىپ بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر بولغىلى بولىدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى كۆپ كىتاب ئوقۇش. مېنىڭ يېڭى شەرق ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان تەلىپىم ناھايىتى ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ بىر يىلدا 30 پارچە كىتاب ئوقۇش، مېنىڭ يېڭى شەرقتىكى بارلىق خىزمەتچىلەرگە قويىدىغان تەلىپىم بىر يىلدا 20 پارچە كىتاب ئوقۇش. كىتاب ئوقۇش تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ۋاقتىمىز يوق دېيىشى مۇمكىن. لېكىن سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلار مېنىڭكىدىن بىر ھەسسە كۆپ دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ ھەقىقەتەن ۋاقتىم يوق، لېكىن يېقىنقى بەش يىلدا مەن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 50 دىن 80 گىچە كىتاب ئوقۇدۇم. مەن ئىستاتىستىكا قىلىپ باقتىم، ھازىرغىچە 60 كىتاب ئوقۇپ بوپتىمەن، شۇڭا بۇ يىل تىرىشىپ 70 دىن 80 گىچە كىتابنى ئوقۇپ تۈگىتىشنى قولغا كەلتۈرىمەن. كۆپچىلىكنىڭ دۆلەت بايرىمىدا نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن، كۆپىنچىڭلار دەرس ئۆتكەن بولۇشىڭلار مۇمكىن، يەنە بەزىڭلار ساياھەتكە بارغان بولۇشىڭلار مۇمكىن. مەن ھەممىدىن بەك دۆلەت بايرىمىدا ساياھەتكە چىقىشتىن قورقىمەن، ھەممە يەر قىستاڭچىلىق، شۇڭا ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيمەن. دۆلەت بايرىمىدىكى سەككىز كۈندە جەمئىي بەش پارچە كىتاب ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى يامان ئەمەس كىتابلار. كىتاب ئوقۇش دۇنياغا، بىلىمگە بولغان قىزىقىشنى ساقلاپ قالدۇرىدىغان بۇلاقتۇر. 
#p#
ئۇنىڭدىن باشقا مەن كۆپچىلىكنىڭ بىر نەچچە پارچە كىتابنى پىششىق ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، يەنى بىر نەچچە پارچە كىتاب سۇدەك يادلىۋېلىشقا تېگىشلىك كىتابتۇر. قايسى كىتابلارنى ئوقۇشنى ئۆزۈڭلار قارار قىلساڭلار بولىدۇ. «شېكىسپىرنىڭ ئەسەرلەر توپلىمى» بولسىمۇ بولىدۇ؛ باشقا ھەر قانداق ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەن كىتابلىرى بولسىمۇ بولىدۇ، ئۈچ تۆت پارچە كىتابنى پىششىق ئوقۇپ چىقساڭلارلا بولىدۇ. بۇنى شەرت قىلىپ تۇرۇپ توپ-توپ كىتابلارنى ئوقۇپ چىقساڭلار بولىدۇ، قانچە كۆپ كىتاب ئوقۇساڭلار شۇنچە ياخشى. بەزى كىتابلارنى ۋاراقلاپلا قويساق بولىدۇ، بەزى كىتابلارنى بىر بەت-بىر بەتتىن ئوقۇپ چىقىش كېرەك، بەزى كىتابلارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى كۆرمەسلىكىمىز كېرەك، بەزىلىرىنى ئىككى قېتىم، ھەتتا نەچچە ئون قېتىم ئوقۇپ چىقساقمۇ ئەرزىيدۇ. مېنىڭ ھازىرقى كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلۇم مۇنداق: كىتابنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ بۇ كىتابقا بولغان باھاسىنى كۆرمەي تۇرۇپ، بېشىدىن ئۈچ بەت، ئوتتۇرىدىن ئۈچ بەت، ئاخىرىدىن ئۈچ بەت ئوقۇيمەن، ئەگەر ئۈچ قېتىم ئۈچ بەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ كىتابنىڭ مېنى جەلپ قىلالايدىغانلىقىنى بايقىسام، باشتىن ئاخىرىغىچە ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىمەن، ئەگەر ئۈچ قېتىم ئۈچ بەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ كىتاب تىل ۋە ئىدىيە جەھەتتىن مېنى ھېچقانداق جەلپ قىلالمىسا، بۇ كىتابنى مۇنداقلا ۋاراقلاپ قويۇپ بىر چەتكە تاشلاپ قويىمەن. مەسىلەن يېقىندا بىر كىتاب ئوقۇدۇم، ئۇسلۇبى ئىنتايىن ئۆزگىچە، لېكىن بۇ كىتابنىڭ ئۇسلۇبى شېئىرىي تۈسكە ئىگە بولغاندىن سىرت، مەزمۇنى ياكى بىرەر ئىدىيەسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ۋاراقلاپ ئوتتۇرىدىن بىر پارچە ئوقۇساممۇ تەسىراتىم يەنىلا ئوخشاش، قەلىمى ئىنتايىن راۋان بولسىمۇ، لېكىن پەقەت مەزمۇن يوق. چۈنكى مەن پەقەت ئۇسلۇبى بار، ئىدىيەسى يوق كىشىلەرنى ياقتۇرمايمەن، شۇڭا ئەلۋەتتە بۇنداق كىتابلارنىمۇ ئوقۇمايمەن. ئەلۋەتتە، ھەم قەلىمى مول، ھەم ئىدىيەگە باي بولسا تېخىمۇ ياخشى بولغىنى. پەقەت ئامال بولمىغاندا، ئۇسلۇبى بولمىسىمۇ، ئىدىيەسى بولغان كىتابلارنى ئوقۇيمەن. ئەلۋەتتە، ھەم ئۇسلۇبى بار، ھەم ئىدىيەسى بار، ھەم ھېسسىياتى مول كىتابلار ئەڭ ياخشى كىتابلار ھېسابلىنىدۇ. مەن جۇڭگولۇق يازغۇچى يې فۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ياخشى كۆرىمەن. يې فۇ نەسرىي ئەسەر يازغۇچىسى، ئۇنىڭ يازغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ئۆز سەرگۈزەشتىلىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قەدىمقى ئەدەبىيات بىلەن ھازىرقى ئەدەبىياتنى، ھېسسىياتنىڭ موللىقى بىلەن ئۆز ئىدىيەسىنى بىرلەشتۈرگەن. 
#p#
يىغىنچاقلىغاندا، نۇرغۇن يازغۇچىلاردىن ھۇزۇر ئېلىش، ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ، بىر نەچچە پارچە كىتابنى پىششىق ئوقۇش، ئاندىن توپ-توپ كىتابلارنى ئوقۇش، ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسى بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر بولۇش كۆپچىلىك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. 
 
تۆتىنچى خىسلەت : كىشىلىك قەدىر-قىممەتنى ساقلاپ قېلىش، لېكىن ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن ئىگىلىك تىكلەش
جۇڭگو كىشىلىك قەدىر-قىممەتكە ئەزەلدىن ئېتىۋار بەرمەيدىغان دۆلەت، چۈنكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەزەلدىن خانلىق ھۆكۈمرانلىق ياكى كوللېكتىپ ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر بۇيرۇققا شەرتسىز بويسۇنۇپ كەلگەن، يا ئۆز ئىدىيىسىنى ئىپادىلىيەلمىگەن يا كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئىپادىلىيەلمىگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ جۇڭگو يەنىلا شۇنداق. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالا تەربىيەلىگىنىگە قاراپ بېقىڭ، ھەممىسى بالىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ۋەيران قىلىش ۋاستىسى بىلەن تەربىيەلەيدۇ؛ ئاتا-ئانىلارمۇ بالىنىڭ خارەكتېرى ۋە مۇستەقىل كۆز قاراشلىرىنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق تەربىيەلەيدۇ. شۇڭا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە بولسا بىز بىرەر ئىشقا يولۇقساقلا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىمىز. چۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى ئەزەلدىن ھۆرمەتكە ئېرىشەلمىگەن تۇرسا، ئەلۋەتتە چېكى بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. جۇڭگودا ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى كەمسىتىش قىلمىشى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ياپونلارنىڭ بېلىق تۇتۇش ئارىلى (دىياۋيۈ ئارىلى)نى ئىگەللىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپ ئۇرۇش-چېقىش-بۇلاشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلغانلارنى تەكشۈرگەندە، كۆپىنچىسى كىشىلىك قەدىر-قىممەت ۋە ھوقۇق قارىشىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، كوچىدىكى جېدەلخور لۈكچەكلەر ئىكەن. 
مېنىڭ يېڭى شەرق ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويغان ئەڭ يۇقىرى تەلىپىم بولسا بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئادىمىيلىك سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارلىق خىزمەتداش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى چىن دىلىدىن ھۆرمەت قىلىشىنى، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە باراۋەرلىك نۇقتىسىدىن قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئادەم بۇ ئۆمرىدە خىزمەت ئورنى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق، ئەمەل جەھەتتىكى يۇقىرى تۆۋەنلىكلا بولىدۇ، مەسىلەن يېڭى شەرقتە مەن باش لېدىر، سىلەر يېڭى شەرقنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەمەل جەھەتتە مەن سىلەردىن ئۈستۈن تۇرىمەن، لېكىن بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئالدىڭلاردا تۇرسام، يەنىلا كۆپچىلىك بىلەن باراۋەرمەن، پەقەت بولمىغاندا مەن ياش جەھەتتە كۆپچىلىككە ئاكا يوللۇقتۇرمەن، لېكىن مەن ھەرگىزمۇ باشلىقمەن دەپ كۆپچىلىكنى ھاقارەت قىلسام بولمايدۇ. جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن ۋاقتىڭلاردا، بىر جەھەتتىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار بولمايدۇ، يەنە بىر جەھەتتىن باشقىلارنى ھاقارەتلىسەڭلار بولمايدۇ. بىز جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممەتنى دەپسەندە قىلىشىنى توسۇشىمىز، كىشىلىك ئىززەت-ئابروينى قوغدىشىمىز كېرەك. ھەر يىلى قولىمىزدىن نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچى چىققاندا بۇ خىل ئىدىيەنى تارقىتىشىمىز، ئۆز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغىنىمىزغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. بىز ھازىرقى دەۋرىمىزدىن باشلاپ جۇڭگودىكى كىشىلىك قەدىر-قىممەتنى ھۆرمەت قىلمايدىغان ھادىسىنى بىر دەۋر-بىر دەۋردىن يوقىتىشىمىز كېرەك. مەن غەرب ئەللىرىگە بارغاندا ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى ئۇلارنىڭ قائىدە -تۈزۈملىرى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە بولغان ھۆرمىتى، ھەر قانداق ئالاھىدە ھوقۇققا نىسبەتەن بىر قەدەر تولۇق چەكلىمىنىڭ بارلىقى. 
#p#
كىشىلىك قەدىر-قىممەتنى ھۆرمەتلىگەندىن كېيىن، جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ يادرولۇق بىر سۆز «ئىنسانپەرۋەرلىك»، يەنى، «ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەير-ساخاۋەت»تىكى «ئىنسانپەرۋەرلىك»نى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئىنسانپەرەۋرلىك دېگىنىمىز ھېسداشلىق، مېھرىبانلىق، ئىچ ئاغرىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ھېسداشلىق قىلىش دېگىنىمىز، كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، بىز باشقىلارنىڭ ئازابلىنىۋاتقىنىنى كۆرگىنىمىزدە، بىزمۇ كۆڭلىمىزدە ئازابلىنىمىز، باشقىلارنىڭ زەخمىلەنگەنلىكىنى كۆرگىنىمىزدە، بىزمۇ ئاغرىق ھېس قىلىمىز، مانا بۇ ھېسداشلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا ئىچ ئاغرىتىش دېگىنىمىزچۇ؟ بۇ دېگىنىمىز ئۆزىمىز ئازابلانمىساقمۇ، لېكىن جاھاندىكى جانلىقلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى، ۋە ئاۋامنى قۇتقۇزۇشنى خالاشنى كۆرسىتىدۇ. مەن تېخى تۈنۈگۈنلا دوستۇم بىلەن مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان: قەدىمقى جۇڭگودا دۆلەت ۋە پۇقرالارنىڭ بەختىنى ھەقىقىي ئويلىغان قانچىلىك ئادەم بار؟ بايقىشىمىزچە ئۇنچە كۆپ ئەمەس. جۇڭگو تارىخىدىكى پادىشاھ-ئەمەلدارلاردىن بىر نەچچىسىدىن باشقا، مەسىلەن مېنىڭچە تاڭتەيزۇڭدەك كىشىلەر، ئاۋام-خەلقنى، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئاز-تولا ئويلىغان. گەرچە ھەر بىر پادىشاھ دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ بەختى ئۈچۈن تىرىشىشنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمىسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە كۆپىنچىسى ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مەسىلەن جۇ يۇەنجاڭنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ يۇەن سۇلالىسىدىن خانلىقنى تارتىۋالغانلىقىنىڭ ئۆزى بىر چوڭ ئىش، لېكىن ئۇ خانلىقنى تارتىۋالغاندىن كېيىن پۇقرالارنىڭ بەختىنى ئويلىماي، ئۆز مەنپەئىتىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزىگە قارشى چىققان بارلىق ئەمەلدار ۋە زىيالىيلارنى يوقىتىۋەتكەن، شۇڭا بۇنداق ئادەملەردە ئىچ ئاغرىتىش ۋە مېھرىبانلىق دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭگودىكى نۇرغۇن يازغۇچىلار ھېسداشلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىشنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، مەسىلەن دۇ فۇ، فەن جوڭيەندەك كىشىلەر «ئاۋۋال خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى ئۈچۈن قايغۇرۇپ، ئاندىن خەلقنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن خۇشال بولغان». ھەر دەۋردىكى زىيالىيلار كۆڭلىدە خەلق ۋە دۆلەتنى ھەقىقىي ئويلاپ كەلدى. لېكىن ئۇلار ئاجىز، ھوقۇقىمۇ، كۈچىمۇ يوق بولۇپ، جۇڭگونى ئۆزگەرتەلمىدى. لېكىن مېنىڭچە، قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر، بىر ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن «نامرات بولساق ئۆزىمىزنى كۈچەيتىپ، باي بولساق خەلقنى يۆلىيەلىسەك»، ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلالىساق بۇ بىر ياخشى ئىش. ياخشى ئىش قىلالمىساقمۇ ئۆزىمىزنى ياخشىلاش، مېنىڭچە بۇ مۇشۇ يەردىكى ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىش. مەنمۇ ئۆزۈمگە مۇشۇ تەلەپنى قويۇپ يېڭى شەرقنى ئىدارە قىلىۋاتىمەن. ئىككى ئاي ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى SEC تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئىدى، ھازىر يېڭى شەرقتە ھېچقانداق مەسىلە يوقلىقىنى ئېيتتى. يېڭى شەرققە ئالاقىدار نۇرغۇن ئىغۋالارغا نىسبەتەن مەنمۇ سوغۇققان بولدۇم، چۈنكى مەن ھەرگىزمۇ يېڭى شەرقنى قەستەن ئەسكى ئىش قىلغۇزمايمەن. ئىش قىلغاندا ئۆلچەم بولۇشى كېرەك، يامان ئىش قىلساممۇ بولىدۇ، لېكىن ئوچۇق-ئاشكارا قىلىشىم كېرەك. 
#p#
ئون يىل ئىلگىرى، مېنىڭ " ئىنسانپەرۋەرلىك" كە بولغان چۈشەنچەم تازا ئېنىق ئەمەس ۋاقىتتا، يېڭى شەرقتە بىرەرسى خىيانەتچىلىك قىلسا، مېنىڭ ئەڭ چوڭ قىلغىنىم بولسا ئۇنىڭ يۇتىۋالغان پۇللىرىنى تاپشۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنى قوغلاپ چىقىرىش ئىدى. لېكىن كېيىن ئويلاپ باقسام بۇنداق قىلغىنىم يېتەرلىك بولماپتۇ، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، ئۇنى يامان ئىش قىلسىمۇ ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىمايدىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويۇپتىمەن، كېيىنچە ئۇ يەنە ئەسكى ئىش قىلغۇدەك. شۇڭا شۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق مەسىلىسى بار ئادەملەر كۆرۈلسىلا ئۇنى بىۋاستە تۈرمىگە سولىتىۋېتىدىغان بولدۇم. مەن سىزنى خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېيتىپ بەرسەم، لېكىن سىز يەنىلا خاتالىق ئۆتكۈزسىڭىز، بۇ ئۆزىڭىزدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بىر جەمئىيەتتە ياخشى ئىشلار داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلسا، بۇ بۇ جەمئىيەتنىڭ يامان ئىشلارنى جازالىيالايدىغان ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مەسىلەن ھوقۇقنى قالايمىغان ئىشلىتىشكە بولغان جازا، پارىخور ئەمەلدارلار، خىيانەتچى سودىگەرلەر، ۋە ئەسكى ئادەملەرگە بولغان جازا قاتارلىقلار.
دېمەكچى بولغىنىم، ھەربىر ئادەم قائىدە -تۈزۈملەرگە بويسۇنالىغاندىلا، جەمئىيەتتە ئىنسانپەرۋەرلىكتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ. بىزدە بۇخىل نەرسىلەر كەمچىل، سۇڭا مەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە بۇ جەھەتتە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن كەمچىل بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، بىز يەنىلا كۇڭزىچىلىق ئېقىمىدا ئۈمىد قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يېتەلەيمىز. ئەڭ يۇقىرى دەرىجە دېگىنىمىز «ئىنسانپەرۋەرلىك، مەردلىك، ئەدەپ، ئاقىلانىلىق ۋە ئىشەنچ» نى كۆرسىتىدۇ.  مەن كۆپچىلىكنىڭ قۇربى يېتىشىچە ياخشى قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، قىلالمىساڭلارمۇ ھېچقىسى يوق، پەقەت ساختىپەز بولۇپ قالمىساڭلارلا، باشقىلارغا ئالدىدا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، كەينىدىن پىچاق ئۇرىدىغان ئىشنى قىلمىساڭلارلا بولىدۇ، چۈنكى ئۇنداق ئادەملەر تولىمۇ يىرگىنىشلىك بولىدۇ. باشقىلارغا قارىماققا ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئىكەنسىلەر، ئەمەلىيەتتىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭلار كېرەك، قارىماققا ياخشى مۇئامىلە قىلالمىساڭلار، ئۇلارنىڭ كەينىدىنمۇ يامانلىق قىلماسلىقىڭلار كېرەك، مېنىڭچە مۇشۇنداق قىلغاندا يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن ھېسابلىنىدۇ. 
-----------------
داۋامى بار....
 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى