ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دوختۇر مەلىكەم مەتسەيدى «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن جۇڭگولۇق مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

دوختۇر مەلىكەم مەتسەيدى «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن جۇڭگولۇق مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

ۋاقتى: 2016-08-22 ئاۋاتلىقى: 914 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دوختۇر مەلىكەم مەتسەيدى «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن جۇڭگولۇق مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

 

جۇڭگو ئاخبارات تورى تېلېگراممىسى  مەلىكەم مەتسەيدى ئىتالىيەدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئۇيغۇر ئايال دوختۇر، ئۇ مېدىتسىنا دوكتۇرى، مىلەن ئۇنۋېرسىتېتى Policlinico دوختۇرخانىسى يۇقىرى قان بېسىم تەتقىقات مەركىزىدە يۇقىرى قان بېسىم كلىنىكىلىق تەتقىقاتى، داۋالاش ۋە ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلار توپىغا قارىتىلغان داۋالاش مۇلازىمىتىگە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگولۇقلار توپىنىڭ داۋالىنىشىغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. مەلىكەم مەتسەيدى كۆپ يىللاردىن بۇيان قېتىرقىنىپ مېدىتسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى ھەم ئىزچىل چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلار توپىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى تەقدىم قىلدى، شۇڭا ئۇ سۇمرۇغ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ئوننەچچە  داڭلىق خەنزۇچە تاراتقۇلار ۋە ئورگانلار بىلەن بىرلىكتە سايلاپ چىققان «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن جۇڭگولۇقلار مۇكاپاتى»نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

医生美丽克木·买赛地获“影响世界华人大奖”提名

 

مىلەن ئۇنۋېرسىتېتى Policlinico دوختۇرخانىسى 2012-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرسىتېتى رۈيجىن دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلاشقان، ئىككى دوختۇرخانا ئارىسىدا پەن تەتقىقات ھەمكارلىق تۈرى « يۈرەك كېسىلى خەتەرلىك ئامىللىق قوزغىلىش نىسبىتىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى تەتقىقاتى: جۇڭگولۇقلار توپىغا قارىتىلغان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنى سېلىشتۇرۇش» تەسىس قىلىندى، مەلىكەم دوكتور بۇ تارىخ خاراكتېرلىك تەتقىقاتنىڭ ئىتالىيە پەن تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە يېتەكچىسى بولدى.

 

مەلىكەم دوكتۇر جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونىدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۈرەك قان تومۇر جەھەتتىكى تىببىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان، 2005-يىلى تەكلىپ بويىچە زىيارەتچى مۇتەخەسسىس سالاھىيىتى بىلەن ئىتالىيەگە بېرىپ يۈرەك قان تومۇر ۋە يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە كلىنىكىلىق داۋالاش خىزمىتى ئېلىپ بارغان، 20 يىلغا يېقىن كلىنىكىلىق داۋالاش خىزمەت تەجرىبىسى بار، ئۇ ئىتالىيە مېدىتسىنا ساھەسىدىكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ۋە تەتقىق قىلىش جەھەتتىكى ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسسىس. ئۇ بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنۋېرسال دوختۇر كەسپىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە ئىتالىيە مېدىتسىنا بىرلەشمىسىنى ئەنگە ئالدۇرغان، كۆپ قېتىم خەلقئارادىكى مۇھىم ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان، كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلىنىپ دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مۇھىم ئىلمىي يىغىنلارغا قاتناشقان ۋە نوتۇق سۆزلىگەن.

 

مىلەن ئۇنۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى Policlinico دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقىرى قان بېسىم مەركىزىنىڭ 40 يىللىق تارىخى بار بولۇپ، ياۋروپادىكى ئەڭ داڭلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە داۋالاش مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىمنى تەتقىق قىلىپ داۋالاش جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. مەلىكەم 2005-يىلى بۇ دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە يۇقىرى قان بېسىم تېمىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە كلىنىكىلىق داۋالاشنى قانات يايدۇرغان، داۋالاش جەريانىدا، نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ داۋالانغان ۋاقىتتا تىل جەھەتتىكى توسالغۇلارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بايقىغان، جۇڭگولۇقلار توپىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە ياردەم قىلىش ۋە ئۇنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىش يېشىل كارىدورى تەسىس قىلىپ، جۇڭگولۇق بىمارلارنى شەخسەن ئۆزى كۈتىۋېلىپ، شۇ يەردىكى جۇڭگولۇقلارغا قولايلىق ئېلىپ كەلگەن.


 

مۇشۇ سەۋەبلىك، Policlinico دوختۇرخانىسى باشلامچىلىق بىلەن جۇڭگو-ئىتالىيە يۇقىرى قان بېسىم تەتقىقات تېمىسىنى قانات يايدۇرغان، بۇ تېمىنىڭ كلىنىكىلىق داۋالاش ۋە ئىلمىي تەتقىقات قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئىتالىيەدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگولۇقلارغا قارىتىلغان كېسەللىك تارىخى دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش تەتقىقاتىنى نۇقتىلىق ئېلىپ بارىدۇ، بۇ تېما ياۋروپا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ يۇقىرى قان بېسىم تارىخىدىكى كېسەل قوزغىلىش قانۇنىيىتىنى سېلىشتۇرۇش مېدىتسىنا تەتقىقات تۈرى بولۇپ، كەڭ قوللىنىشچانلىققا ۋە ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە. مەلىكەم بولسا بۇ تەتقىقاتنىڭ مەسئۇل تېما دوختۇرى.

 

مەلىكەم دوختۇر مۇنداق دەيدۇ:«ئىتالىيەنىڭ ئەسلىدىكى داۋالاش سىستېمىسى جۇڭگونىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ياتاقتا يېتىپ داۋالىناتتى، كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تىجەش مەسىلىسىنى ئويلىشىپ، دوختۇرخانا بىر يۇقىرى قان بېسىم كېسەل كۆرۈش ئۆيى قۇردى، شۇنىڭدىن كېيىن بىر كۈن ئىچىدە بىمارغا ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك بارلىق تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئاندىن بىمارلارغا دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى تۈزىدىغان بولدى، ھەم ئۇلارغا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان دورا ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارىدىغان ياكى ئادەتتىكى تۇرمۇش جەھەتتىكى داۋالاش لايىھەلىرى ۋە پىكىرلىكىنى بېرىدىغان بولدى.» ئۇ جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن داۋالىنىش يېشىل كارىدورى تەسىس قىلىپ قولايلىق داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئائىلە كېسەلخانىسى تەسىس قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ داۋالىنىش ۋە خىزمەت ۋاقىت زىددىيىتىنى ھەل قىلدى. مەلىكەم دوختۇرنىڭ ئامبۇلاتورىيەسى مىلەندىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش ئازابىنى يوقىتىپلا قالماي، خەنزۇچە سۆزلەيدىغان دوختۇر شەخسەن ئۆزى كېسەل كۆرىدىغان بولغاچقا، جۇڭگولۇقلارنىڭ تىل توسالغۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان داۋالىنىش قولايسىز بولۇش مەسىلىسىنى يېنىكلىتىپ، شۇ يەردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە مەدھىيەسىگە سازاۋەر بولدى.

 

«دۇنيا سىز بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن گۈزەل ــ ــ دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن جۇڭگولۇقلار مۇراسىمى 2014-2013» 3-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، مەلىكەم شۇ كۈنى «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن جۇڭگولۇقلار مۇكاپاتى»غا رەسمىي ئېرىشتى.

 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى