ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بازارشۇناسلىقنىڭ يادرولۇق ئۇقۇمى

بازارشۇناسلىقنىڭ يادرولۇق ئۇقۇمى

ۋاقتى: 2016-06-02 ئاۋاتلىقى: 576 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «بازارشۇناسلىق ئىلمنىڭ خاراكتېرى» بۇ يەردە!

 

بازارشۇناسلىقنىڭ يادرولۇق ئۇقۇمى


بازارشۇناسلىق ئۇنىڭ چىقىش نۇقتىسىغا چېتىلىدۇ، يەنى خېرىدار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يەنە قانداق مەھسۇلات بىلەن خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، قانداق قىلغاندا ئاندىن خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يەنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى، مەھسۇلات قانداق ۋاقىتتا، قانداق ئالماشتۇرۇلىدۇ، كىم مەھسۇلات بىلەن خېرىدارنى باغلايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بازارۇشۇناسلىقنىڭ يادرولۇق ئۇقۇمى ئېھتىياج شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئارزۇ، تەلەپ، مەھسۇلات يەنە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۈنۈم، قىممەت ۋە رازى قىلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك بولغان سودا مۇناسىۋىتى، بازار، بازارشۇناسلىق ۋە بازارشۇناسلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.


1.ئېھتىياج ۋە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئارزۇ تەلەپ


(1)ئېھتىياج(Needs)


ئىستېمالچىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى ئېھتىياجنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن كىشىلەر ياشاش ئۈچۈن ئاشلىق، كىيىم، ئۆي قاتارلىق ماددىي ئېھتىياجغا شۇنداقلا بىخەتەرلىك، تەۋەلىك، ھۆرمەتلىنىش ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يارىتىش قاتارلىق مەنىۋىي ئېھتىياجغا ئىگە. بازارشۇناسلار بۇ ئېھتىياجىنى يارىتالمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا ماسلىشىدۇ.


(2)ئارزۇ(Wants)


ئىستېمالچىلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئېھتىياجىنى كۆرسىتىدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئارزۇمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، مەسىلەن، جۇڭگولۇقلار ئاشلىققا ئېھتىياجلىق بولغاندا گۈرۈچنى ئارزۇ قىلىدۇ، فىرانسىيىلىكلەر ئاشلىققا ئېھتىياجلىق بولغاندا بولكىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئامېرىكىلىقلار ئاشلىققا ئېھتىياجلىق بولغاندا بولسا ھامبۇرگ بولكىسىنى ئارزۇ قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى جەمئىيەت ئامىلى شۇنداقلا تۈزۈلمە ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، مەسىلەن كەسىپ، كوللېكتىپ، ئائىلە، دىن قاتارلىقلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئارزۇ جەمئىيەت شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تەڭ ئۆزگىرىدۇ. بازارشۇناسلار ئىستېمالچىلارنىڭ ئارزۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن ئىستېمالچىلارغا قانداق مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىش دېگەندەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى