ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بازار، تىجارەت، بازارشۇناسلىق ۋە بازارشۇناسلار

بازار، تىجارەت، بازارشۇناسلىق ۋە بازارشۇناسلار

ۋاقتى: 2016-04-05 ئاۋاتلىقى: 582 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «ئالماشتۇرۇش، سودا، مۇناسىۋەت(Exchange، Transactions، Relationships)» بۇ يەردە!

 

 4. بازار، تىجارەت، بازارشۇناسلىق ۋە بازارشۇناسلار


(1)بازار(Markets)


بازار بارلىق مۇئەييەن ئېھتىياج ياكى تەلەپ شۇنداقلا ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغان ئېھتىياج تەلەپنى قاندۇرىدىغان يوشۇرۇن خېرىدارلارىدىن تەركىب تاپقان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بازار ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى ئىككى تەرەپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان سورۇن. بىراق بازارشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ساتقۇچى كەسىپنى، سېتىۋالغۇچى بازارنى تەشكىل قىلىدۇ. كەسىپ بىلەن بازار ئاددىي بولغان بازارشۇناسلىق سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. سېتىۋالغۇچى ۋە ساتقۇچى تۆت خىل جەرياننى باغلاپ تۇرىدۇ، ساتقۇچى مال. مۇلازىمەت ۋە ئۇچۇرنى بازارغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئاندىن پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرىنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ. ھازىرقى زامان ئىقتىسادى بازار كۆپ خىل بازار شۇنداقلا كۆپلىگەن جەرياننى باغلاپ ھاسىل بولغان. ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپ مەنبە بازىرىدىن مەنبە سېتىۋېلىپ(ئەمگەك كۈچى، كاپىتال ۋە خام ئەشيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۇلارنى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ۋاسىتىچى سودىگەرگە سېتىپ بېرىدۇ، يەنە ۋاسىتىچى سودىگەر ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئىستېمالچىلار بولسا مەنبە بازىرىدا ئەمگەك كۈچىنى سېتىش ئارقىلىق پۇلغا ئېرىشىپ ئۇنىڭغا مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە ئالماشتۇرىدۇ. ھۆكۈمەت ئادەم كۈچى بايلىق بازىرى، ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپ شۇنداقلا ۋاسىتىچى سودىگەر مەھسۇلات سېتىۋېلىپ، پۇل تۆلەيدۇ، يەنە بۇ بازارنى باج ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتۈن دۆلەت ئىگىلىكى شۇنداقلا دۇنيا ئىگىلىكىنىڭ ھەممىسى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا باغلىنىپ مۇرەككەپ بولغان ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرخىل بازارنى تەشكىل قىلىدۇ.


(2)بازارشۇناسلىق(marketing)


بازارشۇناسلىق (marketing)نىڭ ۋەزىپىسى بولسا كىشىلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى تونۇش ۋە قاندۇرۇش. بازارشۇناسلىققا بېرىلگەن ئەڭ ئېنىق ئېنىقلىما بولسا:"ئېھتىياجنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش. " ئامېرىكا بازارشۇناسلىق بىرلەشمىسى(AMA)باشقۇرغۇچىلار نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن: بازارشۇناسلىق پەقەتلا تەشكىل ئىقتىدارى بولۇپلا قالماستىن يەنە تەشكىل ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەنپەئەتنى يارىتىپ، تەشۋىق قىلىپ، خېرىدار قىممىتىنى يەتكۈزۈپ، خېرىدارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار جەرياننى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بىز جەمئىيەت ۋە باشقۇرغۇچى نۇقتىسىدا تۇرۇپ بازارشۇناسلىققا ئېنقلىما بېرىمىز. جەمئىيەت نۇقتىسىدىكى ئېنىقلىما بازارشۇناسلىقنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بازارشۇناسلىق بولسا بىر شەخس ۋە كوللېكتىپ ئارقىلىق يارىتىلغان، سېتىش بىلەن تەمىنلەيدىغان، شۇنداقلا يەنە باشقىلار بىلەن مەھسۇلات ۋە قىممەت ئالماشتۇرىدىغان، شۇ ئارقىلىق ئۆزى ئارزۇ قىلغان جىسىم ياكى بىر خىل ئىجتىمائىي باشقۇرۇش جەريانى. بازارشۇناسلىقنىڭ نىشانى ئۇنىڭ خېرىدارنى چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكى ۋە تونۇپ يەتكەنلىكىدە، شۇ ئارقىلىق مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ئېھتىياجغا تولۇق ماسلىشىپ مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىنى سېتىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بازارشۇناسلىقنىڭ نىشانى ئون چوڭ تۈرلۈك بولۇپ ئۇلار بولسا: شەكىللىك مەھسۇلات، شەكىلسىز مەھسۇلات، ئىش، چۈشەنچە، ئادەم، ئورۇن، مال مۈلۈك ھوقۇقى، تەشكىل، ئۇچۇر ۋە ئىدىيە.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى